تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى پارتگۇرۇپپا يىغىنى ئاچتى

  دىققەتنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ ئۈزلۈكسىز چوڭقۇر تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك

  مۇخبىرىمىز جاۋ جىيۈن خەۋەر قىلىدۇ: 11- ئاينىڭ 11- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ پارتگۇرۇپپا يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ 9- قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىشىدە قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، 11- ئاينىڭ 10- كۈنى ئېچىلغان ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېت(كېڭەيتىلگەن) يىغىنىنىڭ روھى قاتارلىقلار يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش تەدبىرى مۇزاكىرە قىلىندى.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2- ، 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەقىقىي تۈردە «تۆت ئاڭ»نى پۇختا تۇرغۇزۇپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىدىيەۋى تونۇش ۋە سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، قەتئىي ھالدا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا ئاساسەن، ھەرقايسى تەرەپلەردىكى ئىسلاھاتنى قەتئىي تەۋرەنمەي چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىسلاھاتنى قەتئىي تەۋرەنمەي كېڭەيتىپ، ئىسلاھات بىلەن ئېچىۋېتىشنى ئۆزئارا ئىلگىرى سۈرىدىغان، بىر- بىرىنى تولۇقلايدىغان قىلىپ، خەلقئارا، دۆلەت ئىچىدىن ئىبارەت ئىككى بازار، ئىككى خىل بايلىقتىن پايدىلىنىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، تېخىمۇ پۇختا، كۈچلۈك تەدبىرلەر ئارقىلىق ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئىشلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز چوڭقۇر تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، «ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى»نى قەتئىي ياخشى قىلىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشى، يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسى، ساياھەت كەسپىنى راۋاجلاندۇرۇشتىن ئىبارەت ئۈچ تۈرلۈك مۇھىم نۇقتىلىق خىزمەتنى كۈچەپ ياخشى تۇتۇپ، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىپ، مۇھىم نۇقتىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىش ئارقىلىق ئومۇمىيەت خىزمىتىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: «ئىككى بەنزە» خىزمەت مېخانىزمىنى قەتئىي ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، كەسىپلەرنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىپ، تەمىنلەش تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، ئىچكى ئېھتىياجنى پائال كېڭەيتىپ، مالىيە، پۇل مۇئامىلىنىڭ تىرەكلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، تۈرلۈك سىياسەتتىن تولۇق، ياخشى پايدىلىنىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، مىخ قېقىش روھى بىلەن تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا، ئىنچىكە، ياخشى ئىشلەپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ سىجىل، تەكشى، ساغلام تەرەققىياتىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىنى قاتتىق ساقلاپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق پارتىيەگە بولغان سادىقلىقنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، ئىستىلنى ھەقىقىي ياخشىلاپ، مەسئۇلىيەتنى قاتلاممۇقاتلام چىڭىتىپ، دادىللىق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ، نەتىجە يارىتىپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنى كۈچەپ تۈگىتىپ، ساقلانغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، خىزمەتنى ياخشى ئىشلەشتىكى مەسئۇلىيەتچانلىق، بۇرچ تۇيغۇسىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ چوڭقۇر تەرەققىياتىغا قەتئىي تەۋرەنمەي تۈرتكە بولۇش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى