تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

ئاپتونوم رايوننىڭ يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنى ئېچىلدى

چېن چۈەنگو ئاپتونوم رايوننىڭ يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى:

  باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردە جاسارەت بىلەن ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار»خىزمىتىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىش كېرەك

  شۆھرەت زاكىر خۇلاسە سۆزى قىلدى، لى پېڭشىن قاتناشتى

  مۇخبىرلىرىمىز ياۋ تۇڭ، جاۋ جىيۈن خەۋەر قىلىدۇ: 11- ئاينىڭ 12- كۈنى، ئاپتونوم رايوننىڭ يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش- قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى پارتكومىنىڭ 1- شۇجىسى، 1- سىياسىي كومىسسار چېن چۈەنگو يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قەتئىي تەۋرەنمەي دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، مۇقىملىق پايدىسىدىن سىجىل ياخشى پايدىلىنىپ، يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، يېڭى دەۋردە جاسارەت بىلەن ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىش كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر يىغىنغا قاتناشتى ھەم خۇلاسە سۆزى قىلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى لى پېڭشىن يىغىنغا قاتناشتى.

  چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانى نېمە ئۈچۈن يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش، يېزا- كەنتلەرنى قانداق گۈللەندۈرۈش قاتارلىق بىر قاتار مۇھىم، زور تونۇش مەسىلىلىرى ۋە ئەمەلىي مەسىلىلەرگە ئىلمىي جاۋاب بەردى، بۇ، دۆلىتىمىزنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى قانۇنىيىتى ۋە سانائەت، يېزا ئىگىلىكى، شەھەر، يېزا مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇر ئىگىلىگەنلىكىنىڭ، پارتىيەمىزنىڭ «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىدە نەزەرىيەدە يېڭىلىق ياراتقانلىقىنىڭ ئەڭ يېڭى نەتىجىسى، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش، يېڭى دەۋردە «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ تۈپ مىزانى ۋە ھەرىكەت كۆرسەتمىسى. يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ كونكرېت ھەرىكىتى، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ رېئال ئېھتىياجى، دەل جايىدا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىشنىڭ قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى، شەھەر- يېزىلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ مۇھىم تەدبىرى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ كۈنسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشنىڭ مۇقەررەر يولى بولۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا مۇھىم، زور رېئال ئەھمىيەتكە ۋە چوڭقۇر، ئۇزاق تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە. بىز قەتئىي ھالدا ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، كۈچلۈك مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە تەخىرسىزلىك تۇيغۇسى بىلەن تەدبىرلەرنى كۈچەيتىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇپ، نەتىجە- ئۈنۈم ھاسىل قىلىپ، تىرىشىپ شىنجاڭنىڭ يېزا- كەنتلىرىنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز كېرەك.

  چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دىققەتنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش ئومۇمىي نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يېڭى دەۋردىكى «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىنىڭ باش تۇتقىسى قىلىپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇش باش فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، كەسىپلەر گۈللەنگەن، ئېكولوگىيەسى ياشاشقا باب كېلىدىغان، يېزا ئىستىلى مەدەنىي، ئىدارە قىلىنىشى ئۈنۈملۈك، تۇرمۇش باياشات بولۇش ئومۇمىي تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شەھەر- يېزىلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىيات تۈزۈلمە- مېخانىزمى ۋە سىياسەت سىستېمىسى تۈزۈم كاپالىتىنى ئورنىتىپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۇزاق مەزگىللىك نىشان بىلەن قىسقا مەزگىللىك نىشاننىڭ مۇناسىۋىتى، يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەش بىلەن ئاساسىي قاتلامدىن ئىزدىنىشنىڭ مۇناسىۋىتى، بازارنىڭ ھەل قىلغۇچ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش بىلەن ھۆكۈمەتنىڭ رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇشنىڭ مۇناسىۋىتى، ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇش بىلەن تەرەققىيات باسقۇچىغا ماسلىشىشىنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ، كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈش، ئىختىساسلىقلارنى گۈللەندۈرۈش، مەدەنىيەتنى گۈللەندۈرۈش، ئېكولوگىيەنى گۈللەندۈرۈش، تەشكىلاتنى گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېز ئىشقا ئاشۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكىنى ئىستىقباللىق كەسىپكە ئايلاندۇرۇش، دېھقان بولۇشنى جەلپكار كەسىپكە ئايلاندۇرۇش، يېزىلارنى خاتىرجەم ياشايدىغان ماكانغا ئايلاندۇرۇش كېرەك. بىرىنچى، يېزا- كەنتلەرنىڭ كەسىپلىرىنى گۈللەندۈرۈشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش كېرەك. يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتىنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، يېزىلارنىڭ 1 -، 2 -، 3- كەسىپلىرىنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى چۆرىدەپ، يېزا- كەنتلەرنىڭ كەسىپ سىستېمىسىنى تېز بەرپا قىلىپ، كەسىپلىشىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، قۇرۇلمىنى تەڭشەپ، ئەلالاشتۇرۇپ، ئىگىلىك باشقۇرۇش سىستېمىسىدا يېڭىلىق يارىتىپ، پەن- تېخنىكا تىرىكىنى كۈچەيتىپ، سەھرا ساياھىتىنى جانلاندۇرۇپ، كۈچنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا مۇجەسسەملەپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئىككىنچى، يېزا- كەنتلەرنىڭ ئىختىساسلىقلىرىنى گۈللەندۈرۈشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش كېرەك. ئىختىساسلىقلارنىڭ يېزىغا چۈشۈش يوللىرىنى زور كۈچ بىلەن راۋانلاشتۇرۇپ، يېڭىچە كەسپىي دېھقانلار قوشۇنىنى يېتىلدۈرۈپ، يېزىلارنىڭ كەسپىي ئىختىساسلىقلار قوشۇنىنى زورايتىپ، تۈرلۈك ئىختىساسلىقلارنى يېزا- كەنت قۇرۇلۇشىغا ئاتلىنىشقا يېتەكلەپ، يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرىدىغان زور ئىختىساسلىقلار قوشۇنىنى بەرپا قىلىپ، يېزا- كەنتلەردە ئىختىساسلىقلار، يەر، مەبلەغ، كەسىپلەر توپلانغان ياخشى سۈپەتلىك ئايلىنىشنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. ئۈچىنچى، يېزا- كەنتلەرنىڭ مەدەنىيىتىنى گۈللەندۈرۈشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش كېرەك. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ، يېزىلاردا تەشۋىقات- ئىدىيە خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش، ماددىي مەدەنىيلىك ۋە مەنىۋى مەدەنىيلىكنى بىرلىكتە تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، يېزا ئىدېئولوگىيە بازىسىنى كۈچلۈك قىلىپ قۇرۇپ چىقىپ، يېزىلارنىڭ ئىدىيە- ئەخلاق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، يېزا ئاممىۋى مەدەنىيەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېزا- كەنتلەرنىڭ مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، مەدەنىي يېزا ئىستىلى، ياخشى ئائىلە ئىستىلى، سەمىمىي پۇقرا ئىستىلىنى يېتىلدۈرۈپ، يېزا- كەنت مەدەنىيىتىنىڭ گۈللەپ راۋاج تېپىشىغا تۈرتكە بولۇپ، مەدەنىيلىك يېڭى كەيپىياتىنى ئۇرغۇتۇش كېرەك. تۆتىنچى، يېزا- كەنتلەرنىڭ ئېكولوگىيەسىنى گۈللەندۈرۈشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش كېرەك. سۇلىرى سۈزۈك، تاغلىرى يېشىل بولۇشنىڭ ئۆزى بىر بايلىق، قار- مۇزلۇقنىڭ ئۆزىمۇ بىر بايلىق، دېگەن ئىدىيەنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، ئېكولوگىيە تۆۋەن چېكىنى چىڭ ساقلاپ، «ئۈچ يۇقىرى» تۈرنىڭ شىنجاڭغا كىرىشىنى قاتتىق چەكلەپ، ئېكولوگىيەنى قوغداشنى كۈچەيتىپ، يېشىل تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى ياخشىلاپ، ئىقتىساد بىلەن ئېكولوگىيەنىڭ ياخشى سۈپەتلىك ئايلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يەردىن «ئالتۇن يامبۇ» ئۈندۈرۈپ، ئېكولوگىيەنى «تىللا تۆكۈلىدىغان دەرەخ»كە ئايلاندۇرۇپ، يېزا- كەنتلەرنى «گۆھەر ماكان»غا ئايلاندۇرۇشىمىز كېرەك. بەشىنچى، يېزا- كەنتلەرنىڭ تەشكىلاتىنى گۈللەندۈرۈشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش كېرەك. تەشكىللەش كۈچىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنى مۇھىم نۇقتا قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ياخشى ئىدارە قىلىنىدىغان يېزا- كەنت قۇرۇشنى چۆرىدەپ، ناھىيە- شەھەر ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، يېزا- بازارلارنىڭ رولىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، كەنت دەرىجىلىك تەشكىلاتلارنى كۈچلۈك قۇرۇپ چىقىپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ كۈچىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، پارتكوم رەھبەرلىك قىلىدىغان، ھۆكۈمەت مەسئۇل بولىدىغان، جەمئىيەت ھەمكارلىشىدىغان، ئامما قاتنىشىدىغان، قانۇنچىللىق كاپالىتىگە ئىگە زامانىۋى يېزا- كەنت جەمئىيىتىنى ئىدارە قىلىش تۈزۈلمىسىنى بەرپا قىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشنىڭ قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچىنى مۇجەسسەملەش كېرەك.

  چېن چۈەنگو مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قەتئىي ھالدا مۇقىملىقنى قوغداشنى ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغان مۇھىم، زور ۋەزىپە قىلىپ، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، بىرىكمە مۇشتنى ياخشى ئېتىپ، يېزىلارنىڭ ئۆزىنى ئىدارە قىلىشى، قانۇنچىللىق، ئەخلاق ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، تىنچ- ئامان يېزا- كەنت قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، قارا، رەزىل كۈچلەرنى تازىلاش مەخسۇس كۈرىشىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، مائارىپ، سەھىيە- ساغلاملىق، ئىجتىمائىي كاپالەت قاتارلىق خەلق تۇرمۇشى ئىشلىرىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەپ، دېھقانلار ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئاشۇرۇپ، يېزىلارنىڭ ئىجتىمائىي ئومۇمىي ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل ئىناقلىق، مۇقىملىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشقا ياخشى مۇھىت ھازىرلاش كېرەك.

  چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇشنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتلەر رەھبەرلىك مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى، پارتكوم ئومۇميۈزلۈك بىر تۇتاش رەھبەرلىك قىلىدىغان، ھۆكۈمەت مەسئۇل بولىدىغان، پارتكومنىڭ يېزا خىزمىتى تارماقلىرى بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرىدىغان يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش رەھبەرلىك تۈزۈلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشى، ھەر دەرىجىلىك ئالاقىدار تارماقلار ھەمكارلىشىش ۋە ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، خىزمەت بىرىكمە كۈچى شەكىللەندۈرۈپ، يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى ئىنچىكە ۋە پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشى كېرەك. بىرتۇتاش پىلانلاپ، خاسلىقنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئاپتونوم رايوننىڭ يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسى يىرىك پىلانىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يىرىك پىلاننىڭ نوپۇزى، قەتئىيلىكى، سىجىللىقىنى ھەقىقىي قوغداش كېرەك. سېلىنمىغا كۈچەپ، سېلىنما مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سېلىنما سالمىقىنى زورايتىپ، ئىشلىتىش ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇپ، ھەر بىر پۇڭ پۇل، ھەر بىر تۈرنى يېزا- كەنتلەردە ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېزىلارنىڭ ئاساسىي ئىگىلىك تۈزۈمىنى مۇستەھكەملەپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېزىلارنىڭ يەر تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېزىلارنىڭ كوللېكتىپ مۈلۈك ھوقۇقى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى مۇقىم ئىلگىرى سۈرۈپ، نوپۇس تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار»نىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ھاياتىي كۈچ، ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇش كېرەك. تۈرگە ئايرىپ يېتەكچىلىك قىلىپ، ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاممىنىڭ ئارزۇسىغا ھۆرمەت قىلىش، مادارىغا قاراپ ئىش قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، ھەشەمەتچىلىككە ئىنتىلمەسلىك، بوشاشماي كۈرەش قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، كۆز ئالدىدىكى مەنپەئەتنىلا كۆزلىمەسلىك، ئەمەلىيەتكە ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇرۇش، ئىشنى يۈزەكى قىلماسلىق، ئوبراز قۇرۇلۇشى بىلەن شۇغۇللانماسلىق كېرەك. كەيپىيات يارىتىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتىكى ياخشى تەجرىبىلىرى، ياخشى ئۇسۇللىرى ۋە مەيدانغا كەلگەن ئىلغار تىپلارنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىپ، پۈتۈن جەمئىيەتتە يېزا ئىگىلىكىگە ئەھمىيەت بېرىدىغان، يېزىلارغا كۆڭۈل بۆلىدىغان، دېھقانلارغا كۆيۈنىدىغان قويۇق كەيپىياتنى يارىتىش كېرەك.

  شۆھرەت زاكىر سۆزىدە مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا ھەقىقىي بىرلىككە كەلتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانىنىڭ يادرولۇق مەزمۇنىنى پۇختا ئىگىلەپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسى دۇچ كەلگەن يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى ۋەزىپىلەرنى تولۇق تونۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرما، تەلەپلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېزا- كەنتلىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك گۈللىنىشىگە پۈتۈن كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇش كېرەك. پۈتۈن ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك تارماقلار كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈشنى يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنىڭ ماددىي ئاساسى قىلىپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاشنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، كەسىپلەشتۈرۈش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، يېزا- كەنت كەسىپلىرىنى گۈللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك؛ ئىختىساسلىقلارنى گۈللەندۈرۈشنى يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنىڭ ئاچقۇچى قىلىپ، تۈرلۈك مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلارنى تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىكى كەڭ يېزىلاردا تۆھپە يارىتىپ، ئۇلۇغ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشقا جەلپ قىلىش كېرەك؛ مەدەنىيەتنى گۈللەندۈرۈشنى يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنىڭ مۇھىم ئۇل تېشى قىلىپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھى توغرىسىدىكى تەشۋىق- تەربىيەنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ۋە جۇڭگو ئارزۇسى تەشۋىق- تەربىيەسىنى داۋاملىق ياخشى قانات يايدۇرۇپ، «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش»، «ئۈچ ئايرىلالماسلىق»نى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، تېخىمۇ كۆپ ئاكتىپ كۈچ بىلەن دېھقانلارغا ئىلھام بېرىپ، دېھقانلارنى تەربىيەلەش، يېتەكلەش كېرەك؛ ئېكولوگىيەنى گۈللەندۈرۈشنى يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنىڭ ئىچكى ئېھتىياجى قىلىپ، ئېكولوگىيە قىزىل سىزىقىنى چىڭ ساقلاپ، يۈرۈشلۈك ئېكولوگىيەنى قوغداش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكىنى يېشىل تەرەققىي قىلدۇرۇش ھەرىكىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەش ئۈچ يىللىق ھەرىكىتىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇش كېرەك؛ تەشكىلاتنى گۈللەندۈرۈشنى يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنىڭ مۇھىم كاپالىتى قىلىپ، ناھىيە، شەھەر ۋە يېزا، بازارلارنىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت بەنزىسى، كەنت دەرىجىلىك بەنزە قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتۇپ، يېزىلاردا تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترەتلىرى، نامراتلارنى يۆلەش 1- شۇجىلىرى، «ئۈچنى قوللاش، بىرنى يۆلەش» قاتارلىق تۈرلۈك كۈچلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ياخشى سەپلەپ، يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنىڭ ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىشى ۋە كېڭىيىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  يىغىندا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم يېزا خىزمىتى ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، ئۈرۈمچى شەھىرى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، ئاراتۈرۈك ناھىيەسىدىكى ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆز قىلدى.

  يىغىن تېلېۋىزىيە- تېلېفون يىغىنى شەكلىدە ئېچىلدى. ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن شۈ خەيرۇڭ، ئەركىن تۇنىياز، تيەن ۋېن، سارقىت ئاقان، دۇڭ شىنگۇاڭ، كۇڭ شىڭلۇڭ، دۇ ۋەنگۇي، چيۇ شۇخۇا، ما شيۇڭچېڭ يىغىنغا قاتناشتى. ئاپتونوم رايون (مەركەز)غا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورۇنلاردىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار، ئاپتونوم رايوننىڭ يېزا ئىگىلىك ساھەسىدىكى ئورۇنلارنىڭ بەنزە ئەزالىرى ئاساسىي يىغىن مەيدانىدا يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.