تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ دۆلىتىمىزنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشىنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدىن كەلگەن زىيارەت ئۆمىكى بىلەن كۆرۈشتى

  شى جىنپىڭ دۆلىتىمىزنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشىنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدىن كەلگەن زىيارەت ئۆمىكى بىلەن كۆرۈشكەندە مۇنداق تەكىتلىدى:

  دۆلىتىمىزنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشى داۋامىدا شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ تېخىمۇ ياخشى تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنىڭ دەۋر سەھىپىسىنى ئورتاق پۈتۈش كېرەك

خەن جېڭ كۆرۈشۈشكە قاتناشتى

 دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 11- ئاينىڭ 12- كۈنى بېيجىڭ خەلق سارىيىدا دۆلىتىمىزنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشىنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدىن كەلگەن زىيارەت ئۆمىكى بىلەن كۆرۈشتى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ۋاڭ يې فوتوسى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11- ئاينىڭ 12- كۈنى تېلېگراممىسى(مۇخبىر جاۋبو). دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 11- ئاينىڭ 12- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن خەلق سارىيىدا دۆلىتىمىزنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشىنىڭ 40يىللىقىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدىن كەلگەن زىيارەت ئۆمىكى بىلەن كۆرۈشتى. شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: يېڭى دەۋردىكى دۆلىتىمىزنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش مۇساپىسىدە، شياڭگاڭ، ئاۋمېن يەنىلا ئالاھىدە ئورۇن ۋە ئۆزگىچە ئەۋزەللىككە ئىگە، يەنىلا ھېچكىم ئورنىنى ئالالمايدىغان رول ئوينايدۇ. شياڭگاڭ، ئاۋمېنلىق قېرىنداشلارنىڭ داۋاملىق ۋەتەننى سۆيۈش چىن مۇھەببىتى ۋە باشقىلارنىڭ ئالدىدا مېڭىشقا جۈرئەت قىلىدىغان روھى بىلەن دۆلىتىمىزنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئىشلىرىغا ئاتلىنىپ، دەۋر ئېقىمىغا ماسلىشىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىيات ئومۇملۇقىغا يۇغۇرۇلۇش داۋامىدا شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ تېخىمۇ ياخشى تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنىڭ دەۋر سەھىپىسىنى ئورتاق پۈتۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى خەن جېڭ كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

  كۆرۈشۈشتە، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ باش مەمۇرى لىنجېڭ يۆئې، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ باش مەمۇرى سۈي شىئەن ھەمدە زىيارەت ئۆمىكىنىڭ بىر قىسىم ئەزالىرى ئىلگىرى- كېيىن سۆز قىلىپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولىنى، «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش»نى قەلبتىن يۈكسەك ئېتىراپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇلار مۇنداق دېدى: دۆلىتىمىزنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشى بولمىغان بولسا، شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ بۈگۈنكى تەرەققىيات ۋەزىيىتى بولمىغان بولاتتى. ئۇلار يەنە ئۆز بېشىدىن كەچۈرگەن دۆلىتىمىزنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە تۈرلۈك قۇرۇلۇش ئىشلىرىغا قاتنىشىش ھېكايىلىرىنى ئەسلىدى ھەم يېڭى دەۋردىكى دۆلىتىمىزنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش» ئەمەلىيىتى توغرىسىدا پىكىر ۋە تەكلىپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. نەق مەيدان كەيپىياتى ناھايىتى قىزغىن بولدى.

  كۆپچىلىكنىڭ سۆزىنى ئەستايىدىل ئاڭلىغاندىن كېيىن، شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: بۇ يىل ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ 40 يىللىقى، بۇ پۇرسەتتە بىز شياڭگاڭ، ئاۋمېندىكى ھەرقايسى ساھەلەرنىڭ ۋەكىللىرىنى ئۆمەك تەشكىللەپ ئىچكىرى ئۆلكىلەردە ئېكسكۇرسىيە ۋە زىيارەتتە بولۇشقا تەكلىپ قىلدۇق ھەم بۈگۈنكىدەك بۇنداق كۆرۈشۈش ۋە سۆھبەتلىشىپ پىكىر ئالماشتۇرۇشقا ئورۇنلاشتۇردۇق، بۇ مەركەزنىڭ شياڭگاڭ، ئاۋمېنلىق قېرىنداشلارنىڭ دۆلىتىمىزنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش مۇساپىسىدىكى رولى ۋە تۆھپىسىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرگەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. كۆپچىلىك ناھايىتى ياخشى پىكىرلەرنى بەردى، بۇنىڭدىن كۆپچىلىكنىڭ سەمىمىي ساپ قەلبىنى، پۈتۈن ۋۇجۇدىدىن ۋەتەننى سۆيۈش ھېسسىياتىنى ھېس قىلغىلى، كۆپچىلىكنىڭ دۆلىتىمىزنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشىنى قەلبتىن يۈكسەك ئېتىراپ قىلىدىغانلىقىنى، «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش» فاڭجېنىنى قەلبتىن يۈكسەك ئېتىراپ قىلىدىغانلىقىنى، شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ ۋەتەن بىلەن تەقدىرداش بولۇپ، ئورتاق تەرەققىي قىلىش مۇناسىۋىتىنى قەلبتىن يۈكسەك ئېتىراپ قىلىدىغانلىقىنى ھېس قىلغىلى، شۇنداقلا كۆپچىلىكنىڭ ۋەتىنىمىز ۋە شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ كەلگۈسىگە بولغان ئىشەنچىسىنى ھېس قىلغىلى بولىدۇ. كۆپچىلىك ناھايىتى ياخشى پىكىر- تەكلىپلەرنى بەردى، بىز ئۇنى ئەستايىدىل مۇزاكىرە قىلىمىز.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلىيىتىنى خۇلاسىلىگەندە، دۆلىتىمىزنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش مۇساپىسىدە، شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ ئىگىلىگەن ئورنى ئۆزگىچە، شياڭگاڭ، ئاۋمېنلىق قېرىنداشلارنىڭ قوشقان تۆھپىسى مۇھىم ۋە زور، جارى قىلدۇرغان رولىنىڭ ئورنىنى ھېچكىم ئالالمايدۇ. بۈگۈنكى سورۇندىكىلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە كېلىپ مەبلەغ سېلىپ، كەسىپلەرنى گۈللەندۈرگەن، مەبلەغ ئىئانە قىلىپ، ئوقۇشقا ياردەم بېرىش قاتارلىق ئىجتىمائىي ئاممىۋى مەنپەئەت پائالىيەتلىرىگە قاتناشقان. شى جىنپىڭ ئۇزاقتىن بۇيان دۆلىتىمىزنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا كۆڭۈل بۆلگەن، مەدەت بەرگەن ۋە قاتناشقان شياڭگاڭ، ئاۋمېنلىق قېرىنداشلار ۋە جەمئىيەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدىكى زاتلارغا چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتتى ۋە ئۇلاردىن سەمىمىي ھال سورىدى.

  شى جىنپىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن بۇيان شياڭگاڭ، ئاۋمېنلىق قېرىنداشلار ۋە جەمئىيەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدىكى زاتلارنىڭ جارى قىلدۇرغان ئاساسلىق رولىنى، جۈملىدىن مەبلەغ سېلىپ كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈشتىكى باشلامچىلىق رولىنى، بازار ئىگىلىكىدىكى ئۈلگە كۆرسىتىش رولىنى، تۈزۈلمە ئىسلاھاتىدىكى ئىتتىرگۈچلۈك رولىنى، قوش يۆنىلىشلىك ئېچىۋېتىشتىكى كۆۋرۈكلۈك رولىنى، ئاۋۋال يولغا قويۇش، ئاۋۋال سىناشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش رولىنى ۋە شەھەر باشقۇرۇشتىكى ئۆرنەكلىك رولىنى خۇلاسىلىدى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: شياڭگاڭ، ئاۋمېنلىق قېرىنداشلار 40 يىللىق ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ گۇۋاھچىسى ھەم قاتناشقۇچىسى، نەپكە ئېرىشكۈچىسى ھەم تۆھپە قوشقۇچىسى. شياڭگاڭ، ئاۋمېنلىق قېرىنداشلار ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى خەلققە ئوخشاشلا ھەممىسى دۆلىتىمىزنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئۇلۇغ مۆجىزىسىنىڭ ياراتقۇچىسى. دۆلىتىمىزنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش تارىخىي مۇساپىسى دەل شياڭگاڭ، ئاۋمېن ئىچكىرى ئۆلكىلەر بىلەن ئەۋزەللىكلەر ئارقىلىق بىر- بىرىنى تولۇقلاپ، بىرلىكتە تەرەققىي قىلغان تارىخىي مۇساپە، شياڭگاڭ، ئاۋمېنلىق قېرىنداشلار ۋەتىنىمىز خەلقى بىلەن بىر مەقسەتتە ھەمكارلىشىپ، بىرلىكتە كۈرەش قىلغان تارىخىي مۇساپە، شۇنداقلا شياڭگاڭ، ئاۋمېن دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىيات ئومۇملۇقىغا كۈنسېرى يۇغۇرۇلۇپ، ۋەتىنىمىزنىڭ گۈللىنىش، بېيىش، قۇدرەت تېپىش ئۇلۇغ شان- شەرىپىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولغان تارىخىي مۇساپە.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە كىردى، بۇ، دۆلىتىمىزنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش» ئىشلىرىنىڭمۇ يېڭى دەۋرگە كىرگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. شياڭگاڭ، ئاۋمېن ئۈچۈن ئېيتقاندا، «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش» ئەڭ چوڭ ئەۋزەللىك، دۆلىتىمىزنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشى ئەڭ چوڭ سەھنە، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش، گۇاڭدۇڭ - شياڭگاڭ - ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونى قۇرۇلۇشى قاتارلىق دۆلەت ئىستراتېگىيەلىرىنى يولغا قويۇش يېڭى مۇھىم، زور پۇرسەت. بىز شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ يېڭى دەۋردىكى دۆلىتىمىزنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئىشلىرىدىكى ئورنىنى تولۇق تونۇشىمىز ۋە توغرا ئىگىلىشىمىز، شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، يېڭى ئەۋزەللىك يېتىلدۈرۈپ، يېڭى رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، يېڭى تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يېڭى تۆھپە قوشۇشىغا مەدەت بېرىشىمىز كېرەك.

  شى جىنپىڭ كۆپچىلىككە تۆت تۈرلۈك ئۈمىدىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  بىرىنچى، دۆلىتىمىزنى ئومۇميۈزلۈك ئېچىۋېتىشكە تېخىمۇ پائال، تەشەببۇسكارلىق بىلەن كۈچ قوشۇش كېرەك. دۆلىتىمىزنى سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش داۋامىدا، شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ ئورنى ۋە رولى كۈچەيتىلىدۇكى، ئاجىزلاشتۇرۇلمايدۇ. شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ كاپىتال، تېخنىكا، ئىختىساسلىقلار قاتارلىق جەھەتلەردە دۆلىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ۋە يېڭى بىر نۆۋەتلىك يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىشكە قاتنىشىشتا داۋاملىق باشلامچى بولۇشى ھەم ئۇنىڭغا تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. بولۇپمۇ شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ خەلقئارا ئالاقىسى كەڭرى بولۇش، كەسىپ مۇلازىمىتى تەرەققىي قىلغان بولۇش قاتارلىق ئەۋزەللىكىنى ئىچكىرىنىڭ بازارلىرى كەڭرى بولۇش، كەسىپ سىستېمىسى مۇكەممەل بولۇش، پەن- تېخنىكا ئەمەلىي كۈچى بىر قەدەر كۈچلۈك بولۇش قاتارلىق ئەۋزەللىكى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، شياڭگاڭنىڭ خەلقئارا پۇل مۇئامىلە، ئاۋىياتسىيە تىرانسپورتى، سودا مەركىزىلىك ئورنىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، شياڭگاڭ خەلقئارا يېڭىلىق يارىتىش پەن- تېخنىكا مەركىزى قۇرۇشنى تېزلىتىپ، ئاۋمېن دۇنيا ساياھەت ئىستىراھەت مەركىزى، جۇڭگو- پورتۇگالىيە سودا ھەمكارلىق مۇلازىمەت سۇپىسى قۇرۇشنى كۈچەيتىپ، تىرىشىپ شياڭگاڭ، ئاۋمېننى دۆلىتىمىزنىڭ قوش يۆنىلىشلىك ئېچىۋېتىشىدىكى مۇھىم كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامى قىلىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

  ئىككىنچى، دۆلىتىمىز تەرەققىيات ئومۇملۇقىغا تېخىمۇ پائال، تەشەببۇسكارلىق بىلەن يۇغۇرۇلۇش كېرەك. شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ دۆلىتىمىز تەرەققىيات ئومۇملۇقىغا يۇغۇرۇلۇشى «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش»نىڭ تېگىشلىك مەزمۇنى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ دەۋر تەلىپى ھەم شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ تەرەققىيات يېڭى يولى يۆنىلىشىدە ئىزدىنىشى، تەرەققىيات يېڭى بوشلۇقىنى ئېچىشى، تەرەققىيات يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى قوشۇشىنىڭ ئوبيېكتىپ تەلىپى. گۇاڭدۇڭ- شياڭگاڭ- ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش بىزنىڭ مەۋقەنى ئومۇمىيەتكە ۋە يىراق كەلگۈسىگە قويۇپ چىقارغان مۇھىم، زور پىلانىمىز، ھەم شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ ئۇزاق مۇددەت گۈللىنىشى، مۇقىملىقىنى ساقلاشتىكى مۇھىم، زور تەدبىرىمىز. چوڭ قولتۇق رايونىنى ياخشى قۇرۇشنىڭ ئاچقۇچى يېڭىلىق يارىتىشتا. «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش» فاڭجېنى ۋە نېگىزلىك قانۇن رامكىسى ئىچىدە، گۇاڭدۇڭ- شياڭگاڭ- ئاۋمېننىڭ ئۇنىۋېرسال ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، تۈزۈلمە، مېخانىزمدا يېڭىلىق يارىتىپ، مۇھىم ئامىلنىڭ يۈرۈشۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. شياڭگاڭ، ئاۋمېنمۇ ئىچكى ماھارەتنى ياخشى يېتىلدۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ ئېشىش يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى كۈچەپ يېتىلدۈرۈشى كېرەك.

  ئۈچىنچى، تېخىمۇ ئاكتىپ، تەشەببۇسكار ھالدا دۆلەتنى ئىدارە قىلىش ئەمەلىيىتىگە قاتنىشىش كېرەك. شياڭگاڭ، ئاۋمېن ۋەتەن قوينىغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىغا كىرگۈزۈلدى. شياڭگاڭ، ئاۋمېنلىق قېرىنداشلار «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش»قا ئۇيغۇنلىشىش تەلىپى بويىچە، ئالاھىدە مەمۇرىي رايوننىڭ ئاساسىي قانۇن ۋە نېگىزلىك قانۇننى يولغا قويۇشقا ئالاقىدار تۈزۈم ۋە مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، باشقۇرۇش، ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، كۆپچىلىك دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىيىتىگە كۆڭۈل بۆلۈپ، دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي، سىياسىي، مەدەنىيەت، ئىجتىمائىي، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىغا پائال قاتنىشىشى كېرەك.

  تۆتىنچى، تېخىمۇ ئاكتىپ، تەشەببۇسكار ھالدا خەلقئارا ئادىمىيەت ئالاقىسىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. شياڭگاڭ، ئاۋمېندا كۆپ مەنبەلىك مەدەنىيەت ئورتاق مەۋجۇت بولۇپ، جۇڭگو- غەرب مەدەنىيەت ئالاقىسىدىكى مۇھىم تۈگۈن. شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ خەلقئارالىق شەھەر ئۆزگىچىلىكىنى ساقلاپ، شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ تاشقى ئالاقىسى كەڭ بولۇشتەك پايدىلىق شارائىتتىن پايدىلىنىپ، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر مەدەنىيىتىنى تارقىتىپ، ھازىرقى زامان جۇڭگو ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش»نى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلىيەتتە كۆرسەتكەن شياڭگاڭ ھېكايىسى، ئاۋمېن ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ شەرق- غەرب مەدەنىيىتىنى ئالماشتۇرۇش، مەدەنىيەتلەردىن ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش، ئەل رىشتىنى تۇتاشتۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئالاھىدە رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ياشلار روناق تاپسا، دۆلەت گۈللىنىدۇ، ياشلار كۈچەيسە، دۆلەت قۇدرەت تاپىدۇ. كەڭ شياڭگاڭ، ئاۋمېنلىق ياشلار شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ ئۈمىدى ۋە كەلگۈسى بولۇپلا قالماي، يەنە دۆلىتىمىزنى گۈللەندۈرۈشتىكى يېڭى قان. شياڭگاڭ، ئاۋمېنلىق ياشلار ياخشى تەرەققىي قىلسا، شياڭگاڭ، ئاۋمېن ياخشى تەرەققىي قىلىدۇ، دۆلىتىمىزمۇ ياخشى تەرەققىي قىلىدۇ. شياڭگاڭ، ئاۋمېنلىق ياشلارغا كۆپ سۇپا، كۆپ شوتا قۇرۇپ بېرىپ، ياشلارنىڭ ئوقۇش، ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش قاتارلىق جەھەتلەردە دۇچ كەلگەن ئەمەلىي قىيىنچىلىق ۋە مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىپ، ياشلارنىڭ كىشىلىك ھايات ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا پايدىلىق ئىجتىمائىي مۇھىت ھازىرلاپ بېرىش كېرەك.

  شى جىنپىڭ ئاخىرىدا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش شياڭگاڭ، ئاۋمېنلىق قېرىنداشلارنى پارلاق كەلگۈسىگە ئىگە قىلىدۇ، شۇنداقلا شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ تەرەققىياتىغا يېڭى شانلىق نەتىجىلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ. بارلىق جۇڭخۇا ئوغۇل- قىزلىرى بىر مەقسەتتە ھەمكارلىشىپ، قەتئىي تەۋرەنمەي، بوران- چاپقۇندىن قورقماي باتۇرلۇق بىلەن ئىلگىرىلەپ، نىشانىمىزنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئىرادە باغلىشى كېرەك. كەڭ شياڭگاڭ، ئاۋمېنلىق قېرىنداشلار ۋە جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە زاتلارنىڭ ئىچكىرىدىكى خەلقلەر بىلەن بىللە، «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش» ئىشلىرىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى ئۈزلۈكسىز يارىتىپ، شياڭگاڭ، ئاۋمېنلىق قېرىنداشلارغا تېخىمۇ گۈزەل تۇرمۇش يارىتىش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  كۆرۈشۈش باشلانغاندا، شى جىنپىڭ زىيارەت ئۆمىكى ئەزالىرى بىلەن سەمىمىي قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى ھەم بىللە خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.

  دىڭ شۆشياڭ، ياڭ جيېچى، يوۋچۈەن، ۋاڭ يى، دۇڭ جيەنخۇا، خې خوۋخۇا، لياڭ جېنيىڭ ھەم مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىنىڭ مەسئۇل يولداشلىرى، شياڭگاڭ، ئاۋمېندىكى ھەرساھە ۋەكىللەر بولۇپ 200 دىن ئارتۇق كىشى كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.