تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش

ياڭيۇدىن ئېلىنغان ھوسۇل نامرات ئائىلىلەرنى خۇشال قىلدى

  ئۆز خەۋىرىمىز (مۇخبىر ما چىڭيەن، ئەزھەر قاھار خەۋىرى): قاراشەھەر ناھىيەسى شىگشىن بازىرى خوراتاغ كەنتى ئاھالىسى تۇراخان تۇرسۇن يېقىندا لىق ياڭيۇ قاچىلانغان تىراكتوردا ئولتۇرۇپ ھاياجانلانغان ھالدا مۇخبىرغا: «خىزمەت ئەترىتىگە چىن كۆڭلىمدىن رەھمەت ئېيتىمەن، يىل بېشىدا مېنى ياڭيۇ تېرىشقا رىغبەتلەندۈرگەنىدى، ھازىر يەنە ياڭيۇلىرىمنى يىغىشىپ، سېتىش يوللىرىنى ئىزدىشىپ بەردى» دېدى.

  خوراتاغ كەنتىدىكى ئاھالىلەر يېقىندا مول ھوسۇل يىغىش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى. نامرات ئاھالە تۇراخان تۇرسۇننىڭ ئۆيىدىكى 12 مو ياڭيۇ تېخى كولانمىغان ئىدى، ئۇ قانداق قىلىشىنى بىلمەي تۇرغاندا، قاراشەھەر ناھىيەلىك مەدەنىيەت ـ تەنتەربىيە ـ رادىيو ـ تېلېۋىزىيە ئىدارىسىنىڭ خوراتاغ كەنتىدە تۇرۇشلۇق 1-شۇجىسى، خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى ليۇ يۈ ئۇنىڭغا تېلېفون قىلىپ، ياڭيۇلىرىنى كولىشىغا ياردەم قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئەتىسى ليۇ يۈ خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر ۋە كەنت كادىرلىرىنى باشلاپ تۇراخان تۇرسۇننىڭ ئېتىز ئىشلىرىغا ياردەملەشتى. بىر كۈن ئەمگەك قىلىش نەتىجىسىدە تۇراخان تۇرسۇننىڭ 12 مو ياڭيۇسى پۈتۈنلەي كولىنىپ بولدى.

  خوراتاغ كەنتى ئىلگىرى ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك نامرات كەنت ئىدى، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتنىڭ ياردىمى ئاستىدا، بۇ كەنتىكىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمى 15 مىڭ يۈەن ئەتراپىغا يېتىپ، پۈتۈن كەنت بويىچە نامراتلىقتىن قۇتۇلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى