قىشتا ھەممە ئائىلىلەردە دېگۈدەك قىشلىق ساپما كەش كىيىلىدۇ، ئەمما بۇ خىل ساپما كەشنى بىر مەزگىل كىيگەندىن كېيىن، چاپلىشاڭغۇ ھەم نەم بولۇپ قالىدۇ، ھەتتا غەيرىي پۇراپ قالىدۇ. تۆۋەندە قىشلىق ساپما كەشنى سۇدا يۇيماي تۇرۇپمۇ تازىلىغىلى بولىدىغان ئاددىي ئۇسۇلنى ئۆگىنىمىز.
تۇز + سودا
تۇز بىلەن ئىچىملىك سودانى تەڭ نىسبەتتە تەكشى ئارىلاشتۇرىمىز. ئىچىملىك سودا ساپما كەشتىكى نەملىكنى سۈمۈرىدۇ، تۇز بولسا غەيرىي پۇراقنى يوقىتىدۇ.
تەييارلىۋالغان تازىلاش پاراشوكىنى ساپما كەشنىڭ ئىچىگە تۆكىمىز.
تازىلاش پاراشوكىنى ساپما كەش ئىچىگە تەكشى يېيىتىش ئۈچۈن، ساپما كەشنى يېنىك سىلكىيمىز، ئارقىدىن ساپما كەش ئىچىدىكى ئارتۇقچە تازىلاش پاراشوكىنى تۆكۈپ چىقىرىۋالىمىز.
ئەڭ ئاخىرىدا چاچ قۇرۇتقۇچ بىلەن ساپما كەشتىكى تازىلاش پاراشوكىنى قۇرۇتساقلا بولىدۇ.