تىيانشان تورى   ›   سۈرەت

ئەتلەس يۇرتى قىشتىمۇ بىكار قالمىدى

11-ئاينىڭ 10-كۈنى، خوتەن شەھىرى جىيا يېزىسى «ئىقلىم يىپەكچىلىكى» ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ مەسئۇلى ئابلەت مەتتۇرسۇن سېختا ئەتلەسلەرنىڭ توقۇلۇش سۈپىتىنى تەكشۈرمەكتە.

  شىنخۇا تورى خەۋىرى. ئەتلەس شىنجاڭنىڭ ئەنئەنىۋى ئالاھىدىلىكىگە ئىگە قول ھۈنەر توقۇلما بۇيۇمى بولۇپ، رەڭلىرى ئوچۇق، سىزىقلىرى ئېنىق بولغانلىقتىن كىشىلەرنىڭ ياخشى كۆرۈشىگە ئېرىشكەن، ئەتلەسنى قولدا توقۇش، بوياش ھۈنىرىمۇ دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن. تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ چېتىگە جايلاشقان جىيا يېزىسى ئېغىر نامرات يېزا، ئۇزۇندىن بۇيان بۇ جاي ئەتلەس ماكانى دەپ قارىلىپ كەلگەن. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ھۆكۈمەت زاۋۇت بىناسى سېلىپ، توقۇش ئىستانوكى سوۋغا قىلىپ، كۇرس ئاچتى، كەنتتىكى ئىقتىدارلىقلار كۆرگەزمىلەرگە بېرىپ، توردا دۇكان ئېچىپ، كارخانا قۇردى، بارغانسېرى كۆپلىگەن كەنت ئاھالىلىرى ئەتلەس كەسپىنىڭ پايدىسىنى كۆرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىش يولىغا ماڭدى. ھازىر، قىش پەسلىدىكى بىكار ۋاقىتلاردىمۇ توقۇش ئىستانوكلىرىنىڭ ئاۋازى ئۈزۈلۈپ قالمىدى. (ما كەي فوتوسى)

11-ئاينىڭ 9-كۈنى، خوتەن شەھىرى جىيا يېزىسىدىكى «يۇڭخۇي يىپەكچىلىكى» شىركىتى سېخىدا كەنت ئاھالىسى قولدا ئەتلەس توقۇماقتا.

11-ئاينىڭ 9-كۈنى، خوتەن شەھىرى جىيا يېزىسىدىكى «يۇڭخۇي يىپەكچىلىكى» شىركىتى سېخىدا كەنت ئاھالىسى قولدا ئەتلەس توقۇماقتا.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى