تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچى شەھىرىدە سەي-كۆكتات بىۋاسىتە سېتىش نۇقتىسى تۇنجى قېتىم سودا ساراي تاللا بازىرىغا ‏جايلاشتى

11-ئاينىڭ 11-كۈنى، خېرىدارلار سىتار خەلقئارا مال سېتىۋېلىش مەركىزىنىڭ يەر ئاستى 1-قەۋىتىدىكى تاللا بازىرىنىڭ مەھەللە سەي-كۆكتات، قوشۇمچە يېمەكلىك بىۋاسىتە سېتىش نۇقتىسىدا كۆكتات سېتىۋالماقتا.

  ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى. ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى سودا ساراي تاللا بازىرىغا جايلاشقان تۇنجى مەھەللە سەي-كۆكتات، قوشۇمچە يېمەكلىك بىۋاسىتە سېتىش نۇقتىسى 11-ئاينىڭ 11-كۈنى غالىبىيەت يولى نەنلياڭ مەھەللىسىدىكى سىتار خەلقئارا مال سېتىۋېلىش مەركىزىنىڭ يەر ئاستى 1-قەۋىتىدىكى تاللا بازىرىدا رەسمىي تىجارەت باشلىدى، بۇ بىۋاسىتە سېتىش نۇقتىسى ئەتراپتىكى ئاھالىلەرنىڭ سەي-كۆكتات سېتىۋېلىشتا يىراق جايغا بېرىش قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلدى.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ سەي-كۆكتات، قوشۇمچە يېمەكلىك بىۋاسىتە سېتىش نۇقتىسى 80 كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان بولۇپ، بۇ دائىرىگە سەي-كۆكتات، مېۋە-چېۋە، تۇخۇم، ماي قاتارلىق مال جازىلىرى تەسىس قىلىنغان. سەي-كۆكتات سېتىۋالىدىغانلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىگەن بۇ بىۋاسىتە سېتىش نۇقتىسى تاللا بازاردىكى خېرىدارلار ئەڭ كۆپ كېلىدىغان جاي بولۇپ قالغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى