ئۆز خەۋىرىمىز (مۇخبىر گۇڭ شىجيې، ئىختىيارىي مۇخبىر ۋاڭ خۇڭلى): قىش پەسلى كېلىپ، مايتاغ-كۇچا تاشيولى ئېتىۋېتىلگەندىن كېيىن، كۇچا-غۇلجا ساياھىتىنىڭ ھۇزۇرىنى سۈرگەن ساياھەتچىلەرنى بىرئاز ئەپسۇسلاندۇرغانىدى. ئەمما، يۈز نەچچە يۈەنلىك ئايروپىلان بېلىتىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىرىلىشى ئىككى جاينىڭ ساياھىتىنى قايتىدىن جانلاندۇردى.
مۇخبىرنىڭ كۇچا كۈسەن ئايرودۇرۇمىدىن ئىگىلىشىچە، خۇاشيا ئاۋىياتسىيەسى يېقىندا كۇچا — غۇلجا ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى ئاچقان ھەمدە ئەڭ تۆۋەن بېلەت باھاسى 188 يۈەنلىك ئېتىبارنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، نۇرغۇن ساياھەتچىنى جەلپ قىلغان.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى كۈندە بىر نۆۋەت ئۇچىدىغان بولۇپ، سائەت 16:40تا غۇلجىدىن يولغا چىقىپ، 17:30دا كۇچاغا يېتىپ بارىدىكەن؛ 18:10دا كۇچادىن يولغا چىقىپ، 19:00دا غۇلجىغا يېتىپ بارىدىكەن.