تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئىقتىساد خەۋەرلىرى

ئاقسۇ ۋىلايىتىدە چىلاندىن مول ھوسۇل ئېلىندى

  ئۆز خەۋىرىمىز (مۇخبىر ليۇ خۇڭۋېن، ئىختىيارىي مۇخبىر شۈ لۇڭ): نۆۋەتتە، شىنجاڭ ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى چىلانلار ئارقا-ئارقىدىن پىشىپ، دېھقانلار ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ چىلان يىغىشقا كىرىشىپ كەتتى، ئېتىز بويلىرى مول ھوسۇل شادلىقىغا چۆمدى.

  11-ئاينىڭ 7-كۈنى، توقسۇ ناھىيەسى ئۈچقات يېزىسى كۈزلۈك كەنتىدىكى دېھقان رەناگۈل غالىپ چىلانلارنى ئاپتاپقا سالغاچ خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: بىز 12 مو يەرگە چىلان تېرىغانىدۇق، بۇ يىل چىلاندىن 6 توننا ھوسۇل ئالدۇق، ئەگەر بۇ يىلقى بازار باھاسى ئالدىنقى يىلىدىكىگە ئوخشاش بولسا، 80 مىڭ يۈەن كىرىم قىلالىشىمىز مۇمكىن.

  دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ئورمانچىلىق ئىدارىسى دېھقانلارغا چىلانلارنى دەرەختە تەبىئىي قۇرۇتۇش ئارقىلىق چىلاننىڭ سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىش، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە، يىغىپ بولۇنغان چىلانلارنى ھاۋانىڭ ياخشى ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ ئاپتاپقا سېلىپ قۇرۇتۇش، سۈپىتىنىڭ ئۆزگىرىپ كېتىشىدىن ساقلىنىش، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يىغىۋېلىنغان چىلانلارنى پىششىقلاپ ئىشلەش، دەرىجىگە ئايرىش، تازىلاش، قۇرۇتۇش قاتارلىقلارنى ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىپ، كىرىمنىڭ ياخشى بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش قاتارلىق تەكلىپ -پىكىرلەرنى بەردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى