تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

باش نىشاننى چۆرىدەپ، ئىجتىمائىي ئىناقلىق، مۇقىملىقنى قەتئىي قوغدايمەن

ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ئورمانچىلىق ئىدارىسى پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى غالىب ئوسمان

  پارتىيەنىڭ تەربىيەسى، يېتىشتۈرۈشىدە قەدەممۇقەدەم ئۆسۈپ يېتىلگەن پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش قاتارلىق چوڭ ھەق- چوڭ ناھەق مەسىلىلىرى ئالدىدا، مەن پارتىيەگە مۇتلەق سادىق بولۇپ، باش نىشاننى قەتئىي ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشقا تۆھپە قوشىمەن.

  «تۆت ئاڭ»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئۆزۈمنىڭ پارتىيە ئەزاسىلىق سالاھىيىتىمنى ھەرۋاقىت ئەستە چىڭ ساقلاپ، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ئاساسىي مەقسىتىنى ئۇنتۇماي، قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيەگە ئەگىشىپ ماڭىمەن، پارتىيەگە مۇتلەق سادىق بولىمەن. پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى روھىنى تېخىمۇ چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، ھەقىقىي ئۆگىنىپ، ھەقىقىي چۈشىنىپ، ھەقىقىي ئىشىنىپ، ھەقىقىي ئىشلىتىمەن. ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي ئىناقلىق، مۇقىملىقنى قەتئىي قوغداپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈچ قوشىمەن.

  باتۇرلۇق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممەمگە ئېلىپ، مەسئۇلىيىتىمنى ئادا قىلىمەن. ھازىر، شىنجاڭ بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ئاچقۇچلۇق مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىدۇ، «ئۈچ خىل كۈچ»، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر ۋەتەننى پارچىلاشقا تەلۋىلەرچە ئۇرۇنۇش يامان غەرىزىدىن يانغىنى يوق، بىز جەزمەن كاللىمىزنى سەگەك تۇتۇپ، باتۇرلۇق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىمىزگە ئېلىپ، مەسئۇلىيىتىمىزنى ئادا قىلىپ، باش نىشاننى چۆرىدەپ، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، باش نىشانغا بويسۇنۇپ، مۇلازىمەت قىلىپ، ئاڭلىق ھالدا زىممىمىزگە ئالغان مەسئۇلىيىتىمىز بىلەن باش نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈپ، كونكرېت خىزمەتلىرىمىز بىلەن يۇقىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇش، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئۇدۇللاشتۇرۇپ، مەسئۇلىيەتنى بىلىش، مەسئۇلىيەتنى ئايدىڭلاشتۇرۇش، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشتىكى تۈرلۈك تەدبىرلىرىنى كەم- كوتسىز ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن نەتىجە يارىتىپ، ھەقىقىي تۇتۇپ، ئەمەلىي ئىشلەپ، «ئۈچ خىل كۈچ»، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنىڭ سۇيىقەستىنى قەتئىي، ئۈزۈل- كېسىل تارمار قىلىشىمىز كېرەك.

  سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى ئاڭلىق ئەۋج ئالدۇرۇپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى ماركسىزملىق «بەش قاراش»نى تۇرغۇزۇش، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى، «پانئىسلامىزم»، «پانتۈركىزم» ئىدىيەسىنىڭ چىرىتىشىگە قەتئىي تاقابىل تۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇشقا پائال يېتەكلەيمەن. «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى پائال تەشكىللەپ ۋە ئۇنىڭغا قاتنىشىپ، باشلامچىلىق بىلەن تۇغقانلىشىپ، تۇغقانلارنى يوقلاپ، پات- پات ئەھۋاللىشىپ، دائىم جەم بولۇپ، دائىم ئامما بىلەن يۈزتۇرا، سەمىمىي ئالاقىلىشىپ، ئالماشتۇرۇپ، ئاممىنىڭ ياخشى «تەشۋىقاتچىسى»، سىياسەت، قانۇن- نىزاملارنىڭ ياخشى «چۈشەندۈرگۈچىسى» بولۇپ، ئاممىنى «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش»نى كۈچەيتىشكە، پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشكە، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاشقا، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشقا تەربىيەلەيمەن، يېتەكلەيمەن.

  دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىقىنى ئاڭلىق ياخشى ئۆگىنىپ، ئالماشتۇرۇش ئىقتىدارىمنى كۈچەيتىپ، خىزمەت سەۋىيەمنى ئاشۇرىمەن. دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىقىنى ياخشى ئۆگىنىش يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ رېئال ئېھتىياجى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش «بىرىكمە مۇشت»ىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ مۇھىم تەدبىرى، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش خىزمىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، «ئۈچ خىل كۈچ»، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى كۈرەش قىلىش، ئىدېئولوگىيە ساھەسىنىڭ تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى پۇختا ئىگىلەشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى. پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، باشلامچىلىق بىلەن دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىقىنى ئۆگىنىپ، دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىقىنى ئىشلىتىپ، دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىقىنى ھەممە ئادەم ئۆگىنىدىغان، ھەممە ئادەم ئىشلىتىدىغان ياخشى ۋەزىيەت شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى