تىيانشان تورى   ›   سۈرەت

جامبۇلاقتىكى كۆڭۈللۈك ساياھەت

  ساياھەتچىلەر جامبۇلاق مەنزىرە رايونىنى سايلە قىلغاچ خاتىرە سۈرەتكە چۈشمەكتە.

  مۇخبىرىمىز سۈي داۋشىڭ خەۋىرى، فوتوسى: گۇچۇڭ ناھىيەسى جامبۇلاق تۇنجى نۆۋەتلىك قار-مۇز پىيادىلەر پائالىيىتى 2018-يىل 11-ئاينىڭ 11-كۈنى جامبۇلاق مەنزىرە رايونى تيانشان غەلىتە تۆپىلىكىدە ئۆتكۈزۈلدى. گۇچۇڭ ناھىيەسىدىن كەلگەن پىيادىكەش ھەۋەسكارلار ۋە ئەتراپتىكى ناھىيە، شەھەرلەردىن كەلگەن دالاكەش ھەۋەسكارلىرىدىن بولۇپ جەمئىي 500دىن ئارتۇق ساياھەتچى پائالىيەتكە قاتناشتى.

  ئىگىلىنىشىچە، گۇچۇڭ ناھىيەسى جامبۇلاق تۇنجى نۆۋەتلىك قار-مۇز پىيادىلەر پائالىيىتى بىر تۈرلۈك ساياھەت+تەنتەربىيە+بەدەن چېنىقتۇرۇش+ساغلاملىق تەربىيەسى تېما قىلىنغان دالا ساغلاملىق پائالىيىتى بولۇپ، بۇ پائالىيەتنى ئۆتكۈزۈشتە گۇچۇڭ ناھىيەسى پۈتۈن دائىرىلىك ساياھەت بايلىقىنى بىرىكتۈرۈپ، «كۆڭۈللۈك ساياھەت» جانبۇلاق پىيادە ساياھىتى، «شادلىق ھۇزۇرى» پۈتۈن دائىرىلىك ئالاقىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش مەقسەت قىلىنغان. شۇنىڭدەك پىيادە مېڭىش، پەيتىلىك چاقناش، «دۇيىن» قىسقا كۆرۈنۈش مۇسابىقىسى قاتارلىق پائالىيەتلەر ئارقىلىق « ئاجايىپ جەلپكار رومانتىك گۇچۇڭ»نىڭ ساياھەت مەدەنىيىتىنى تەشۋىق قىلىنىپ، رايون ساياھىتىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، جامبۇلاق مەنزىرە رايونىنىڭ تونۇلۇش دەرىجىسى ۋە ئىناۋىتىنى تېخىمۇ ئۆستۈرگەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى