تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

مەن ئانارنىڭ بىر دانىسى | 55 نانغا سىڭگەن تۇغقانلىق مېھرى

   مۇخبىرىمىز ليۇ يىمىڭ، ئىختىيارىي مۇخبىر جاڭ كېجىڭ خەۋىرى، فوتوسى: «ليۇ ئانا» يىراقتىن ئەۋەتكەن نانغا ئېغىز تەگكەن ئايزۆھرە ئۇرايىم ئۆيىگە بارغاندەك بولدى.
   ئايزۆھرە ئۇرايىم ئۈرۈمچى شەھەرلىك 66-ئوتتۇرا مەكتەپ سەككىزىنچى يىللىق «خېلې 2-سىنىپ»ىنىڭ ئوقۇغۇچىسى، ئۇ دەۋاتقان «ليۇ ئانا» بولسا ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش - تىرانسىپورت نازارىتىنىڭ كادىرى ليۇ چۈنشياۋ بولۇپ، ئۇلار 2016-يىلى قوشماقلىشىپ تۇغقان بولۇشقانىدى. يېقىندا، ليۇ چۈنشياۋ قەشقەر ۋىلايىتى يوپۇغا ناھىيەسى يوپۇغا يېزىسىنىڭ يۇقىرى تىگىن كەنتىگە بېرىپ ئايزۆھرەنىڭ ئاتا - ئانىسىنى يوقلاپ قايتىشىدا شۇ كەنتتىن 55 نان سېتىۋېلىپ، ئايزۆھرەگە ئالغاچ كەلگەنىدى.
ئايزۆھرە (ئاستى سولدا) ليۇ ئانا ئېلىپ كەلگەن ناننى ساۋاقداشلىرى بىلەن بىللە يېمەكتە.
     ئوقۇش تۈپەيلى تۇنجى رەت ئۆيدىن ئايرىلغاندا ليۇ ئانا ھەمراھ بولدى
     ئايزۆھرە 2017-يىلى رايون ئىچى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتىپى ئىمتىھانىدىن ئۆتۈپ، ئۈرۈمچىدىكى بۇ مەكتەپكە كەلگەنىدى. جەنۇبى شىنجاڭدىكى كىچىك يېزىدىن ئۈرۈمچىگە كېلىپ ئوقۇغان ئايزۆھرە يېڭىلىق ھېچ قىلغاندىن سىرت، يەنە ئازراق جىددىيلەشكەنمۇ بولدى، بىراق، ليۇ ئانا ئۇنىڭ جىددىيلىكىنى پەسەيتتى.
    ئوقۇش باشلاشتىن بۇرۇن، ليۇ ئانا ئايزۆھرەگە سومكا قاتارلىق لازىمەتلىكلەرنى ئېلىپ، ئۇنىڭ ئۆيدىن ئايرىلىش تەييارلىقلىرىنى پۈتتۈرۈشۈپ بەردى. يەنە ئۇنى رىغبەتلەندۈرۈپ، بۇنىڭ ياخشى بىر باشلىنىش ئىكەنلىكىنى، پۇرسەتنى چوقۇم غەنىيمەت بىلىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى.
    ئايزۆھرە مەكتەپكە كىرگەندىن كېيىن، ليۇ ئانا يەنە «ئانا» سۈپىتىدە مەكتەپنىڭ ئاتا - ئانىلار يىغىنىغا قاتناشتى، ئايزۆھرەنىڭ ئوقۇتقۇچىسىدىن ئۇنىڭ  ئۆگىنىش ئەھۋالىنى، تۇرمۇش ئەھۋالىنى سۈرۈشتۈرۈپ تۇردى.
   «ليۇ ئانام بىلەن ليۇ دادام ھەر ھەپتىدە مېنى يوقلاپ كېلىدۇ، ماڭا ئوقۇش ماتېرىياللىرىنى، كىتابلارنى ئالغاچ كېلىدۇ، ئۆيىمىزنىڭمۇ چوڭ-كىچىك ئىشلىرىغا بىرىنچى بولۇپ ياردەملىشىدۇ» دەيتتى ئايزۆھرە ليۇ چۈنشياۋنى تىلغا ئالغىنىدا مىننەتدارلىق تۇيغۇسىدا كۈلۈپ تۇرۇپ.
ليۇ ئانا ۋە ئايزۆھرە
    ئالاھىدە تۇغۇلغان كۈن، ئالاھىدە چاغان
    2017-يىلى 10-ئاينىڭ 2-كۈنى ئايزۆھرەنىڭ 13 ياشلىق تۇغۇلغان كۈنى، شۇنداقلا ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزگەن تۇنجى تۇغۇلغان كۈنى. يېنىدا ئۆيىدىكىلەر يوق سەل غېرىپسىنغان ئايزۆھرە ئەتتىگەندىلا سوۋغا -سالاملارنى ئېلىپ كەلگەن ليۇ ئانىسى ۋە ئاچىسى ياڭ شىنيىنى كۆردى.
    «ھاۋا سوۋۇپ كەتتى، سىزگە قىشلىق ئاياغ ئالغاچ كەلدىم، پۇتىڭىز ئىسسىق تۇرسۇن» دېدى ليۇ چۈنشياۋ كۈلۈپ تۇرۇپ ئايزۆھرەگە تاپىلىغاچ.
    ئاچىسى ياڭ شىنيىمۇ تەييارلاپ قويغان پوپايكا، مامۇق چاپان، ئۆگىنىش ماتېرىياللىرى، كىتاب، چايلارنى ئايزۆھرەگە تۇتقۇزغاچ: «ئاڭلىسام چاي ئىچىشكە ئامراقكەنسىز، قەدىمىي شېئىرلار ئوقۇشنى، خەت يېزىشنى مەشىق قىلغۇڭىز باركەن، شۇڭا، بۇلارنى سىزگە ئالغاچ كەلدۇق، يەنە قانداق قىزىقىشلىرىڭىز بولسا تارتىنماي دەڭ» دېدى.
    شۇ كۈنكى ئىللىق، ئۆزگىچە تۇغۇلغان كۈندىن كېيىن، ئايزۆھرە ليۇ ئانىغا ۋە ياڭ ئاچىسىغا تۇرمۇشىدىكى، ئۆگىنىشىدىكى قىزىقارلىق ئىشلارنى ھەمبەھرلەيدىغان بولدى، ئۇنىڭ قەلبى، ئىللىقلىققا، ئۈمىدگە تولدى، ئۆگىنىش نەتىجىسى تېخىمۇ يۇقىرىلىدى، يەنە تېخى قەشقەردىكى ئاتا - ئانىسىغا خەت يازىدىغان بولدى.
ئايزۆھرە ۋە ئاچىسى ياڭ شىنيى
    2018-يىللىق چاغاندا ليۇ چۈنشياۋ يەنە ئايزۆھرەنىڭ ئاتا - ئانىسىنى ئۈرۈمچىگە كېلىپ بىللە چاغان ئۆتكۈزۈشكە تەكلىپ قىلدى. «ھەر قېتىم سىز سوۋغا - سالاملارنى ئېلىپ بىزنى يوقلاپ بارىسىز، بۇ قېتىم بىزمۇ يۇرتىمىزنىڭ يەرلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئېلىپ سىزنى يوقلاپ كەلدۇق» دېدى ئايزۆھرەنىڭ دادىسى ئۇرايىم ئىمامنىياز بىر قولىدا ياڭاق، بادام، يەنە بىر قولىدا ئۈچ يوتقان - كۆرپىنى كۆتۈرگىنىچە. ئۇ يوتقان-كۆرپىلەرنى ليۇ چۈنشياۋنىڭ قولىغا تۇتقۇزغىنىچە «بۇنىڭ پاختىسىنى ئۆزىمىز ئاتقان، پاختىنىڭ سۈپىتى ياخشى ھەم بەك ئىسسىق» دېدى.
    ئۇرايىم ئەر  ـ خوتۇننىڭ شۇنچە يىراقتىن يوتقان - كۆرپىلەرنى كۆتۈرۈپ كەلگىنىنى كۆرۈپ ۋە ئۇنىڭ سەمىمىي گەپلىرىنى ئاڭلاپ ليۇ چۈنشياۋ تولىمۇ تەسىرلەندى.
   ئۇرايىم ئەر - خوتۇن بۇ كۈنلەردە ئۈرۈمچىدە ئوخشىغان تائاملارنى يېدى، شەھەر مەنزىرىسىدىن ھۇزۇرلاندى، قىزىنىڭ مەكتىپىنىڭ ئېچىۋېتىش پائالىيىتىگە قاتناشتى، يەنە تېخى ئاپتونوم رايونلۇق پەن - تېخنىكا سارىيىغا بېرىپ، پەن - تېخنىكىنىڭ كۈچىنى ھېچ قىلدى... ئىككى ئائىلە كىشىلىرى بىللە خۇشاللىققا تولغان چاغاننى ئۆتكۈزدى.
    «شۇ قېتىملىق چاغان ئېسىمدىن ھەرگىزمۇ چىقمايدۇ، ئىككى دادام، ئىككى ئاپام ماڭا ھەمراھ بولدى، مەن نېمە دېگەن بەختلىك» دېدى ئايزۆھرە خۇشال ھالدا.
ليۇ چۈنشياۋ ۋە ئۇرايىم
    ئايزۆھرەنىڭ ئائىلىسىدىكى ئۆزگىرىشلەر
    قەشقەرگە قايتقاندىن كېيىن، ئۇرايىم ئەر - خوتۇنلارمۇ ئۆز ئالدىغا پىلان تۈزدى ۋە پىلانى ئەمەلگە ئاشقاندا ليۇ چۈنشياۋنى تەكلىپ قىلىشنى كۆڭلىگە پۈكتى، شۇنىڭ بىلەن ئۇرايىملار تېخىمۇ ئالدىراش بولۇپ كەتتى. ئۇلارنىڭ پىلانى يېڭى ئۆي سېلىش ئىدى. ھۆكۈمەتنىڭ ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرى ۋە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ياردىمى بىلەن ئۇلار ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش ئۆيى سېلىشقا، چىرايلىق ھويلا بەرپا قىلىشقا باشلىدى.
    7-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، ليۇ چۈنشياۋ ئۆيىدىكىلىرى بىلەن ئۇرايىمنىڭ يېڭى ئۆيىگە يېتىپ كەلدى. ئۆينىڭ دەرۋازىسى رەڭلىك سىرلانغان، يەنە تېخى ئالتۇن رەڭدە نەقىشلەنگەن، ئۈستەلگەن نان، قۇرۇق يەل ـ يېمىش، چاي، تاۋۇز، شاپتۇل تىزىلغانىدى...
    ليۇ چۈنشياۋمۇ نۇرغۇنلىغان سوۋغىلارنى كۆتۈرۈپ كەلگەن بولۇپ، يەنە تېخى قىزى ئايزۆھرەنىڭ خېتىنى ئالغاچ كەلگەنىدى.
    خەتتە: دادا، ئاپا، مەن مەكتەپتە شۇنداق ياخشى تۇرىۋاتىمەن، مەندىن خاتىرجەم بولۇڭلار، ليۇ ئانام مېنى دائىم يوقلاپ تۇرىدۇ، ھالىمدىن ياخشى خەۋەر ئېلىۋاتىدۇ. مېنىڭ يەنە بىر ئىسمىم بولدى : <ياڭ شىنچى>. بۇ ئىسىمنى ليۇ ئاپام قويدى، چى دېگەن خەتنىڭ مەنىسى گۈزەل قاشتاش دېگەن مەنىدە، مەنىسى شۇنداق ياخشىكەن، مەن تېخىمۇ ياخشى ئوقۇپ، ئىككى دادام، ئاپامنىڭ ئۈمىدىنى ئاقلايمەن.»
    قىزىنىڭ خېتىنى كۆرۈپ، يەنە تېخى ئۇنىڭ مەكتەپتە مۇكاپاتلانغانلىقىدىن خەۋەردار بولغان، ئۇرايىم ئەر ـ خوتۇننىڭ كۆزلىرى خۇشاللىق يېشىدا نەمدەلدى. ئۇرايىم ليۇ چۈنشياۋغا «ئۈرۈمچىدە بالىمىزنىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئاپسىلەر، خاتىرجەم بولدۇم، سىلەر بىلەن تۇغقانلاشقىنىمىز ئائىلىمىزنىڭ چوڭ بەختى» دېدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى