مەھەللىدىكى ئاھالىلەر كىيىم-كېچەك ئىئانە قىلماقتا.
شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى. ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونلۇق بىرلىك سەپ بۆلۈمى، ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونلۇق مىللەتلەر-دىن ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ سايباغ رايونى خۇەنۋېي يولى تارماق رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى شىنفۇتۈن مەھەللىسىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى 11-ئاينىڭ 11-كۈنى مەھەللە كومىتېتى بىلەن بىرلىكتە مېھىر-شەپقەت يەتكۈزۈپ كىيىم-كېچەك ئىئانە قىلىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ، خوتەن ۋىلايىتى كېرىيە ناھىيەسى ئويتوغراق يېزىسىنىڭ يېسىيۇلغۇن كەنتىدىكى قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ قىشنى ئۆتكۈزۈشىگە ياردەم بەردى. ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىملىق پائالىيەتتە 600 قۇر قىشلىق كىيىم-كېچەك، 100 دىن ئارتۇق ئويۇنچۇق ئىئانە قىلىنغان.