تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

جۇڭگو ئىقتىسادىدىن ئىبارەت بىپايان دېڭىزنى تېخىمۇ ھەيۋەتلىك قىلايلى

 ــــ رەئىس شى جىنپىڭنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىدا سۆزلىگەن ئاساسىي مەقسەت نۇتقى توغرىسىدا

خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

  دېڭىزغا سۇ قۇيۇلمىسا، قانداقمۇ چەكسىزلىككە ئىگە بولسۇن. جۇڭگونىڭ 40 يىللىق ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش تارىخى ھەممىنى ئۆزىگە قوبۇل قىلغان، بوران- چاپقۇنلار ئۈستىدىن غالىب كەلگەن، دېڭىزدەك كەڭرى كۆڭۈلگە ئىگە بولغان كۈرەش تارىخى.

  «جۇڭگو ئىقتىسادى بىر پارچە بىپايان دېڭىز، بىر كۆلچەك ئەمەس»، «بوران- چاپقۇنلۇق يامغۇرنى باشتىن كەچۈرگەن دېڭىز يەنىلا ئۇ يەردە! 5000 نەچچە يىللىق جاپا- مۇشەققەتنى باشتىن كەچۈرگەن جۇڭگو يەنىلا بۇ يەردە! كەلگۈسىگە يۈزلەنگەن جۇڭگو مەڭگۈ بۇ يەردە!» تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىدا، رەئىس شى جىنپىڭ بىپايان دېڭىزنى مىسال قىلىپ جۇڭگو ئىقتىسادى ئۈستىدە توختىلىپ، مەردانىلىك بىلەن جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئىستىقبالىنىڭ پارلاق ئىكەنلىكىگە بولغان ئىشەنچىسىنى جاكارلىدى، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئۇزاققىچە ساغلام، مۇقىم تەرەققىي قىلىشىنى ساقلاشقا بولغان غەيرىتى ۋە ئىرادىسىنى نامايان قىلدى، جۇڭگونىڭ باشتىن- ئاخىر دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىدىكى مۇقىم ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ مەنبەسى بولىدىغانلىقىغا بولغان ئىشەنچىسىنى تارقاتتى.

  جۇڭگو ئىقتىسادىدىن ئىبارەت بىپايان دېڭىزنى تېخىمۇ ھەيۋەتلىك قىلىش ئۈچۈن، جەزمەن غەلىبە قىلىشتەك ئىشەنچنى ئاشۇرۇش كېرەك. نۆۋەتتە، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ يۈرۈشۈشى ئومۇمىي جەھەتتىن سىلىق، مۇقىم بولۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەۋاتىدۇ، ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە دۆلىتىمىز GDP سىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى %6.7 بولدى، شەھەر- بازارلاردا يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشقانلار 11 مىليون كىشىدىن ئاشتى، مۇلازىمەت كەسپىنىڭ ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا تۆھپە قوشۇش نىسبىتى %60.8 كە يەتتى. بۈگۈنكى جۇڭگو دۇنيادىكى ئىككىنچى چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدىلىك ئورنىنى مۇقىم ساقلاپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا تۆھپە قوشۇش نىسبىتى ئۇدا كۆپ يىل %30 تىن ئاشتى، باشقا ئاساسلىق ئىقتىسادىي گەۋدىلەر بىلەن سېلىشتۇرغاندا، دۆلىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشى يەنىلا دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇردى. خۇددى رەئىس شى جىنپىڭ تەكىتلىگەندەك، «جۇڭگو ئىقتىسادنىڭ ئۇزاققىچە ساغلام، مۇقىم تەرەققىي قىلىشىنى ساقلايدىغان كۆپلىگەن پايدىلىق شارائىتلارغا ئىگە»، بىز 1 مىليارد 300 مىليوندىن كۆپ نوپۇسقا ئىگە ئىچكى ئېھتىياج بازىرىغا ئىگە، دۇنيا بويىچە ئەڭ مۇكەممەل كەسىپ سىستېمىسى ۋە ئۈزلۈكسىز ئېشىۋاتقان پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىغا ئىگە، ئالىي مائارىپ تەربىيەسىنى ئالغان ياكى كەسپىي تېخنىكا ماھارىتىنى ئىگىلىگەن 170 مىليوندىن كۆپرەك ئىختىساسلىقلارغا ئىگە، ھەرقايسى تەرەپلەردىكى ئامىللارنى ئۇنىۋېرسال تەھلىل قىلغاندا، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ساغلام، مۇقىم تەرەققىي قىلىشىنىڭ ئاساسىي تەرىپى ئۆزگەرمىدى، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تىرەك بولىدىغان ئىشلەپچىقىرىش مۇھىم ئامىللىرى شارائىتى ئۆزگەرمىدى، ئۇزاققىچە مۇقىملىق ئاساسىدا ياخشىلىنىشتەك ئومۇمىي گەۋدە يۈزلىنىشى ئۆزگەرمىدى. جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىيات ئىستىقبالىغا قارىتا، بىز تامامەن ئۈمىدۋار پوزىتسىيەدە بولساق بولىدۇ.

  جۇڭگو ئىقتىسادىدىن ئىبارەت بىپايان دېڭىزنى تېخىمۇ ھەيۋەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاش كېرەك. دەرۋەقە نۆۋەتتىكى خەلقئارا ۋە دۆلەت ئىچىدىكى ئىقتىسادىي ۋەزىيەتتە، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتى بىر قىسىم گەۋدىلىك زىددىيەت ۋە مەسىلىلەرگە دۇچ كەلدى، بەزى ساھەلەردە ئېنىقسىزلىق يۇقىرىلىدى، بەزى كارخانىلارنىڭ تىجارىتىدە قىيىنچىلىق كۆپەيدى، بىر قىسىم ساھەلەردە خېيىم- خەتەر ۋە خىرىس زورايدى. ئەمما ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئالغا ئىلگىرىلەش داۋامىدا يولۇقىدىغان مەسىلىلەر بولۇپ، بىز تەدبىر قوللىنىپ پائال ھەل قىلىۋاتىمىز، بۇنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈلدى ياكى كۆرۈلۈۋاتىدۇ. خۇددى رەئىس شى جىنپىڭ كۆرسەتكەندەك، «دېڭىزدا بوران توختاپ، دولقۇنلار تىنچلىنىدىغان چاغلار بولىدۇ، قارا بوران چىقىپ، قاتتىق يامغۇر ياغىدىغان چاغلارمۇ بولىدۇ. ئەگەر قارا بوران چىقمىسا، يامغۇر ياغمىسا ئۇ دېڭىز بولمايدۇ. بوران- چاپقۇنلۇق يامغۇر كۆلچەكنى تەۋرىتەلەيدۇ، بىراق دېڭىزنى تەۋرىتەلمەيدۇ». ئېلىمىزنىڭ تەرەققىياتىدا بەزىدە، بەزى ئىشلاردا داۋالغۇش بولىدۇ، لېكىن يىراق كەلگۈسىدىن قارىغاندا، شەرق شامىلى يەنىلا ھەيۋەتلىك بولىدۇ، بىزدە مۇشۇنداق ئىرادە بولۇشى كېرەك، ئازراقلا داۋالغۇشنى، بەزىدە تۆۋەنلەش بېسىمىنى كۆرۈپلا، ئۇزاق مەزگىللىك ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىشتەك چوڭ ۋەزىيەتنى كۆرەلمىسەك بولمايدۇ. ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاپ، زور كۈچ سەرپ قىلىپ ساقلانغان گەۋدىلىك زىددىيەت ۋە مەسىلىلەرنى ھەل قىلساقلا، ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدىكى بارلىق قىيىنچىلىق ۋە خىرىسلار ئۈستىدىن چوقۇم غەلىبە قىلالايمىز.

  جۇڭگو ئىقتىسادىدىن ئىبارەت بىپايان دېڭىزنى تېخىمۇ ھەيۋەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرۇش كېرەك. 40 يىللىق ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتە جۇڭگو ئۆزىنىلا تەرەققىي قىلدۇرۇپ قالماي، يەنە دۇنياغىمۇ بەخت ياراتتى. بۇ ئۇلۇغ ئەمەلىيەت بىزگە شۇنى چوڭقۇر كۆرسەتتىكى: بېكىتىلگەن ئىستراتېگىيەلىك نىشاننى غەلىبىلىك ئىشقا ئاشۇرىمىز دەيدىكەنمىز، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن ئىبارەت بۇ توغرا يولدا، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش يولىدا، خەلقنى بېيىتىش يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىشىمىز شەرت. رەئىس شى جىنپىڭ ئىمپورت يوشۇرۇن كۈچىنى قوزغاش، بازارغا كىرىش ئىجازىتىنى داۋاملىق كېڭەيتىش، خەلقئارادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان تىجارەت- سودا مۇھىتى بەرپا قىلىش، ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىشنىڭ يېڭى ئېگىزلىكىنى يارىتىش، كۆپ تەرەپلىك ۋە ئىككى تەرەپلىك ھەمكارلىقنى چوڭقۇر راۋاجلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش قاتارلىق مۇھىم، زور تەدبىرلەرنى جاكارلاپ، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەدە ئېچىۋېتىشكە تۈرتكە بولۇش ئىرادىسىنى نامايان قىلىپ، «ئېچىۋېتىش ئارقىلىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش» ئىشەنچىنى تېخىمۇ يەتكۈزدى. خەۋپ- خەتەر ۋە خىرىس ئالدىدا، بىز داۋاملىق ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئېچىۋېتىشنى ئومۇميۈزلۈك كېڭەيتىپ، تېخىمۇ قەتئىي ئىشەنچ، تېخىمۇ كۈچلۈك تەدبىرلەر ئارقىلىق ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرىدىغانلا بولساق، جۇڭگو ئىقتىسادى چوقۇم تېزدىن يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يولىغا كىرىپ، تېخىمۇ پارلاق تەرەققىيات ئىستىقبالىنى كۈتۈۋالىدۇ.

  40 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو خەلقى تىرىشچانلىقى ۋە قان- تەرىگە تايىنىپ، «ئىنسانىيەتنىڭ ئىقتىساد تارىخىدا بىر زور مۆجىزە ياراتتى». يېڭى دەۋردە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش بايرىقىنى تېخىمۇ ئېگىز، تېخىمۇ پۇختا كۆتۈرۈپ، باشتىن- ئاخىر دۇنيانى ئورتاق ئېچىۋېتىشنىڭ مۇھىم ئىلگىرى سۈرگۈچىلىرىدىن بولغاندا، جۇڭگو ئىقتىسادىدىن ئىبارەت بىپايان دېڭىز چوقۇم تېخىمۇ ھەيۋەتلىك بولىدۇ، جۇڭگودا دۇنيا يېڭى نەزەر بىلەن قارايدىغان يېڭى تېخىمۇ زور مۆجىزىلەر بارلىققا كېلىدۇ.

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11- ئاينىڭ 11- كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى