تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

«يېڭىچە پارچە سېتىش» خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى شىنجاڭ سىرتىدا سېتىش تورىنى كېڭەيتتى

سېتىش تېرمىنالى مەھەللىلەرگە كىرىپ، ئىستېمالچىلارغا نۆل ئارىلىقنى ھېس قىلدۇردى

مۇخبىرىمىز ليۇ يى

  11- ئايدىكى شىنجاڭ قىش پەسلىگە كىرگەنىدى، ۋۇخەن، گۇاڭجوۋ قاتارلىق جايلاردا، ئاقسۇ ئالمىسى، كورلا نەشپۈتى قاتارلىق شىنجاڭنىڭ خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ بازىرى ئىتتىك بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرى، ھەتتا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئەلا سۈپەتلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بىلەن بىرلىكتە كىشىلەرنىڭ تاماق ئۈستىلىگە چىقىپ، يېتەرلىك ئىشەنچى ۋە سېھرىي كۈچىنى نامايان قىلدى.

  شىنجاڭنىڭ خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ قىشتىمۇ دۆلەت ئىچىدىكى بازارلاردا ياخشى سېتىلىشى، ئۇنىڭ سۈپىتىنىڭ ئىستېمالچىلارنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشكەنلىكىدىن بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى شىنجاڭ سىرتىدا سېتىش تورى قۇرۇلۇشىنىڭ تۈرتكىسىدىن بولدى. ھازىر، «يېڭىچە پارچە سېتىش» ئەندىزىسى تىرەك بولغاچقا، ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى بارغانسېرى كۆپ ئىستېمالچى ئۆز مەھەللىسىدىلا شىنجاڭنىڭ خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋالالايدىغان بولدى.

  «ئىلگىرى دوستلىرىمغا شىنجاڭدىن چىلان ئەۋەتىپ بېرىشنى ھاۋالە قىلاتتىم، كېيىن توردىن سېتىۋالغىلى بولىدىغان، ئارقىدىن يەنە ئەتراپتىكى تاللا بازارلىرىدا سېتىلىدىغان بولدى، ھازىر مەھەللىدىلا سېتىۋالغىلى بولىدۇ، بارغانسېرى قولايلاشتى» دېدى گۇاڭجوۋ شەھىرى ئاھالىسى ليۇ شىلىن خۇشال ھالدا.

  مەھەللىلەرگە كىرىپ، سېتىشتىكى ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىرنى تۇتاشتۇرۇش

  گۇاڭجوۋ شەھىرى ئاھالىسى ليۇ شىلىن ھېس قىلغان ئۆزگىرىش «يېڭىچە پارچە سېتىش» ئەندىزىسىنى كېڭەيتىشنىڭ پايدىسىدىن بولغان، بۇ، شىنجاڭ مېۋىچىلىك گۇرۇھىنىڭ شىنجاڭنىڭ خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش يوللىرىنى كېڭەيتىش ئۈستىدىكى پايدىلىق ئىزدىنىشى ۋە سىنىقى.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ مېۋىچىلىك گۇرۇھى «ياخشى ماركا يارىتىش، ياخشى باشلامچى شەكىللەندۈرۈش، ئەۋزەللىكنى ياخشى جارى قىلدۇرۇش، ياخشى تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش» تەلىپى بويىچە، تېخىمۇ قولاي، ئەپلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولغان شىنجاڭ خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش تورىنى پائال قۇرۇپ، سېتىشقا تۈرتكە بولۇش ئىقتىدارىنى يەنىمۇ ئۆستۈردى.

  شىنجاڭ مېۋىچىلىك گۇرۇھىنىڭ تەرەققىيات يىرىك پىلانىدا، 2018- يىلىدىن 2020- يىلىغىچە سېتىش تور نۇقتىسىدىن 5000 نى قۇرۇش، بۇنىڭ ئىچىدە مەھەللە بىۋاسىتە سېتىش دۇكىنىدىن 1500 نى قۇرۇش، مۇلازىمسىز تاللا بازىرىدىن 1000 نى قۇرۇش، سودا تاللا بازىرى سېتىش مەيدانى تور نۇقتىسىدىن 2500 نى قۇرۇش ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئەسلىدىكى ئەنئەنىۋى سودا يوللىرىنى مۇستەھكەملىگەن ۋە دەرىجىسىنى ئۆستۈرگەندىن باشقا، مەھەللە بىۋاسىتە سېتىش دۇكانلىرىنى ئېچىش− بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدە شىنجاڭ مېۋىچىلىك گۇرۇھىنىڭ سېتىش يوللىرىنى ئېچىش قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىم ۋەزىپىسى قىلىنغان.

  10- ئاينىڭ ئاخىرىدا، ۋۇخەن شەھىرىنىڭ ئازادلىق يولىغا جايلاشقان گوشۇ رۇڭكې تيەنچېڭ دۇكىنىنىڭ سودىسى ئىنتايىن قىزىپ كەتكەنىدى. كورلا نەشپۈتى، ئاقسۇ ئالمىسىنىڭ ئارقىمۇئارقا بازارغا سېلىنغانلىقىدىن خەۋەر تاپقان ئەتراپتىكى شەھەر ئاھالىسى بەس- بەستە كېلىپ سېتىۋالدى.

  «گوشۇ دۇكىنىنىڭ ئۆيۈم بار بىنانىڭ ئاستىدا ئېچىلىشىنى ئويلاپ باقماپتىمەن. ھازىر، خالىغان چاغدا شىنجاڭنىڭ خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋالغىلى بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە دۇكاندىكى مېۋە- چېۋە، قاتتىق پوستلۇق مېۋىلەرنىڭ تۈرى تولۇق بولۇپ، تېلېفون قىلساقلا ئۆيگىچە يەتكۈزۈپ بېرىدۇ، بارغانسېرى قولايلىشىپ كەتتى» دېدى ۋۇخەن شەھىرى ئاھالىسى تۇ جيەنفېي.

  گوشۇ دۇكىنى ــــ شۇ جايدىكى ئاھالىلەرنىڭ مۇشۇنداق مەخسۇس سېتىش دۇكىنىنى قىسقارتىپ ئاتىشى، چۈنكى سودا ماركىسى سەمىمىي، ئاق كۆڭۈل شىنجاڭلىق بىر باغۋەننىڭ نامىدا بولۇپ، شۇ نام بىلەن ئاتالغانىدى. گوشۇ يەنە شىنجاڭ مېۋىچىلىك گۇرۇھىنىڭ مەھەللە ماركېتىڭ شەكلىنى كېڭەيتىشتىكى داڭلىق ماركىسى ۋە ئاساسلىق يولى، سېتىشتىكى ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىرنى تۇتاشتۇرىدىغان ئاچقۇچلۇق يولى ھېسابلىنىدۇ.

  شىنجاڭ مېۋىچىلىك گۇرۇھىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى ۋاڭ يۈشەن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: مەھەللىلەرگە تارقالغان گوشۇ بىۋاسىتە سېتىش دۇكانلىرى مەھسۇلاتنىڭ ماركېتىڭ ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرغاندىن باشقا، يەنە كىچىك تىپتىكى ئامباردا ساقلاش، تەمىنلەش- يەتكۈزۈش، شەخسلەر مال زاكاز قىلىش قاتارلىق ئىقتىدارلارنى ھازىرلىدى، ئىستېمالچىلار ئۆزىگە لازىملىق مەھسۇلاتلارنى زاكاز قىلىپ، قولاي ئەشيا ئوبوروت مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن بولالايدۇ. گوشۇ بىۋاسىتە سېتىش دۇكانلىرى يەنە توردا سېتىشتەك بىر قىسىم ئىقتىدارنىمۇ ھازىرلىغان بولۇپ، توردا ۋە تور سىرتىدا ھەمتۈرتكە بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، سېتىش مۇلازىمىتى سەۋىيەسىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈپ، تېخىمۇ ئاسان ئىستېمالچىلارنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى.

  مەھسۇلات بىلەن تەمىنلەشتىن مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەشكىچە، مەھەللە بىۋاسىتە سېتىش دۇكىنى تىجارەت سەۋىيەسىنىڭ ئۆسكەنلىكىنى ئاسانلا كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. «توپ سېتىش بازىرىدىن سودا تاللا بازىرىغىچە، سودا تاللا بازىرىدىن مەھەللىلەرگىچە، شىنجاڭنىڭ خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئىستېمالچىلار بىلەن بولغان ئارىلىقى بارغانسېرى يېقىنلاشتى» دېدى ۋاڭ يۈشەن تونۇشتۇرۇپ، بۇ يىل، مېۋىچىلىك گۇرۇھى مەھەللە گوشۇ بىۋاسىتە سېتىش دۇكىنىدىن 300 نى قۇرىدۇ، 2020- يىلى 500 نى قۇرىدۇ، ھەر يىلى شىنجاڭنىڭ خاس مەھسۇلاتىدىن 50 مىڭ توننا ساتىدۇ.

  شۇنىڭ بىلەن بىللە، بۇ يىل، شىنجاڭ مېۋىچىلىك گۇرۇھى يەنە جۇڭگو نېفىت- خىمىيە سانائىتى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى بىلەن نېفىتتىن باشقا كەسىپ ئىستراتېگىيەسى ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاپ، مەھسۇلاتلىرىنى جۇڭگو نېفىت- خىمىيە سانائىتى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ 15 ئۆلكىدىكى 11 مىڭ ئاسان، تېز، قولاي دۇكىنىغا سېلىپ، «راۋان، تەرتىپلىك، تەقسىملىنىشى جانلىق، يېڭى پېتى تەمىنلەيدىغان، تۆت پەسىلنىڭ ھەممىسىدە سېتىلىدىغان» پۈتۈن مەملىكەتكە سېتىش تور سىستېمىسىنى دەسلەپكى قەدەمدە بەرپا قىلىپ، ئىستېمالچىلار بىلەن بولغان ئارىلىقنى يەنىمۇ قىسقارتتى.

  تەمىنلەش زەنجىرىنى ئۇزارتىپ، ھەمكارلىشىپ تەرەققىي قىلىش يولىغا قەدەم قويۇش

  بۇ يىل، شىنجاڭ مېۋىچىلىك گۇرۇھىنىڭ داڭلىق ماركا جەمەتىگە يېڭى بىر ئەزا− چيەنگوجى قوشۇلدى.

  گوشۇ بىلەن چيەنگوجى ھەر ئىككىسىلا مەھەللە بىۋاسىتە سېتىش دۇكىنى بولسىمۇ، ئوخشىمايدىغان يېرى، بىرى شىنجاڭدىكى ئاق كۆڭۈل باغۋەننىڭ، يەنە بىرى مېۋىلەرنى سوۋغات بۇيۇمى سۈپىتىدە كۆڭۈل قويۇپ ساتىدىغان گۈزەل ھەم چىرايلىق قىزنىڭ نامىدىن كەلگەن.

  چيەنگوجى ۋۇخەننىڭ يەرلىك مېۋىلىرىنى پارچە سېتىش ماركىسى بولۇپ، ئوتتۇراھال، يۇقىرى سەۋىيەدىكى بازارنى نىشان قىلغان، بۇ، شىنجاڭدىكى خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىرىنىڭ نىشانى بىلەن تەبىئىيلا بىر يەردىن چىقتى.

  بۇ يىل، شىنجاڭ مېۋىچىلىك گۇرۇھى ۋۇخەن چيەنگوجىنى رەسمىي سېتىۋالدى. گوشۇ بىلەن چيەنگوجىنىڭ ئوڭۇشلۇق بىرلىشىشى مەھەللە بىۋاسىتە سېتىش دۇكىنىنىڭ سانىنى كۆپەيتىپلا قالماي، يەنە ئىككى ماركىنىڭ ئاددىي ۋە چىرايلىق، سالماق ۋە نەپىس بولۇشتەك ئالاھىدىلىكىنى بىرىكتۈردى.

  ۋۇخەن شەھىرىنىڭ تەيبېي 1- يولىغا جايلاشقان چيەنگوجى بىۋاسىتە سېتىش دۇكىنى ــــ چيەنگوجى ماركىسى ئاساس قىلىنغان ئىگىلىك تىكلەش دۇكىنى بولۇپ، بۈگۈنكى كۈندە بۇ يەردە داڭلىق ماركا دەسلەپ بەرپا قىلىنغاندىكى ئېسىل مەھسۇلات خاسلىقى ساقلاپ قېلىنىپلا قالماي، شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىمۇ ئۇنىڭ ئەڭ چوڭ خاسلىقى بولۇپ قالدى.

  «شىنجاڭنىڭ خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى خېرىدارلار ياخشى كۆرىدۇ، ھازىر دۇكىنىمىزدىكى يېرىمدىن كۆپرەك مەھسۇلات شىنجاڭدىن كەلتۈرۈلگەن، شىنجاڭنىڭ خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بىلەن مۇقىم تەمىنلەشنىڭ پايدىسىنى كۆردۈم، سېتىش سوممام ئىلگىرىكىگە سېلىشتۇرغاندا تەخمىنەن %30 كۆپەيدى» دېدى بۇ دۇكاننىڭ دۇكان باشلىقى ۋاڭ چۈنيەن.

  چيەنگوجى ۋە گوشۇنىڭ ھەمكارلىشىشى چيەنگوجىنىڭ داڭلىق ماركا ئورنى ۋە تىجارەت- سودا ئىدىيەسى ئۈستىگە قۇرۇلۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى شىنجاڭ مېۋىچىلىك گۇرۇھىنىڭ تەمىنلەش زەنجىرىنى ئۇزارتىش تىرىشچانلىقىدىن بولدى.

  10- ئاينىڭ 30- كۈنى سەھەر سائەت 4 تىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، ۋۇخەن شەھىرىنىڭ خۇاڭپى رايونىغا جايلاشقان ۋۇخەن غەربىي يۇرت باغۋەنچىلىك يېمەكلىك چەكلىك شىركىتىنىڭ چىراغلىرى يوپيورۇق يېنىپ تۇراتتى، ئىشچىلار مەھسۇلاتلارنى قاچىلاش- چۈشۈرۈش بىلەن ئالدىراش بولۇپ، ماللارنى پۈتۈن شەھەردىكى ھەرقايسى سېتىش تور - نۇقتىلىرىغا يەتكۈزەتتى، بۇ جاي شىنجاڭ مېۋىچىلىك گۇرۇھىنىڭ ئامباردا ساقلاش، مەركەزلىك تەقسىملەش مەركىزى بولۇپ، 1000 توننىلىق يېڭى پېتى ساقلاش ئىسكىلاتى بولۇپ، بۇ يەردە يەنە خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئايرىپ قاچىلىغىلى، ئاددىي پىششىقلىغىلى بولىدۇ، بۇ، شىنجاڭ مېۋىچىلىك گۇرۇھىنىڭ ۋۇخەن ۋە ئەتراپتىكى رايونلارنى تەمىنلەش زەنجىرى سىستېمىسىنىڭ مۇھىم تۈگۈنى.

  «ئامباردا ساقلاش، مەركەزلىك تەقسىملەش مەركىزىگە تايىنىپ، شىنجاڭنىڭ خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئامباردا ساقلىغىلى ۋە پىششىقلىغىلى، بازارنى مۇقىم تەمىنلىگىلى بولىدۇ». شىنجاڭ مېۋىچىلىك گۇرۇھى ئوتتۇرا جۇڭگو چوڭ رايونىنىڭ باش دىرېكتورى ليۇ جىنفا مۇنداق دېدى: 2020- يىلىغا بارغاندا، شىنجاڭ مېۋىچىلىك گۇرۇھى شىنجاڭنىڭ ئىچى- سىرتىدا ئامباردا ساقلاش، پىششىقلاش، سودىلىشىش، مەركەزلىك تەقسىملەش مەركىزىدىن 21 نى قۇرىدۇ، ئامباردا ساقلاش، پىششىقلاش، سودىلىشىش، مەركەزلىك تەقسىملەش ئىقتىدارىنى 5 مىليون توننىغا يەتكۈزۈپ، شىنجاڭنىڭ خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئايلاندۇرۇش ۋە ئىجتىمائىيلاشقان مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، ئۇزاققىچە مۇقىم بولغان سېتىش يولىنى بەرپا قىلىپ، دېھقانلارنىڭ «سېتىش قىيىن بولۇش» مەسىلىسىنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىدۇ.

  تەمىنلەش زەنجىرى سىستېمىسىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈشنىڭ پايدىسىنى كۆرگەچكە، چيەنگوجىغا ئوخشاش نۇرغۇن يەرلىك داڭلىق ماركىلارمۇ شىنجاڭ مېۋىچىلىك گۇرۇھىنىڭ داڭلىق ماركا جەمەتىگە قوشۇلۇشنى پىلانلىدى. كەلگۈسىدە، شىنجاڭ مېۋىچىلىك گۇرۇھى رايون ئوبرازلىق بىۋاسىتە سېتىش دۇكىنى ئارقىلىق رايون سودىگەرلىرى ۋە ئىتتىپاقداش سودىگەرلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش تىجارەت ئەندىزىسى بويىچە 500 ۋاكالەتچى سودىگەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئۇلارنى كارخانىنىڭ «يېڭىچە پارچە سېتىش» ئەندىزىسىنىڭ مۇھىم خاسلىقىغا ئايلاندۇرىدۇ.

  ئىدىيەنى يۇغۇرۇپ، تىجارەت شەكلىدە يېڭىلىق يارىتىش

  ئەنئەنىۋى يولدىن مەھەللىلەردە بىۋاسىتە سېتىشقا، مۇستەقىل تىجارەت قىلىشتىن ھەمكارلىشىپ تەرەققىي قىلىشقا يۈزلىنىپ، شىنجاڭ مېۋىچىلىك گۇرۇھى «يېڭى پارچە سېتىش» ساھەسىدە ئىزدىنىپ، باشتىن- ئاخىر تىجارەت قارىشىدا تىپنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ كەلدى.

  «تېز سۈرئەتتە كېڭىيىش جەريانىدا، بىز ئالدى بىلەن قانداق قىلىپ بىر بىۋاسىتە تىجارەت دۇكىنىنى ئۇزاققىچە ساغلام تەرەققىي قىلدۇرۇشنى نەزەردە تۇتىمىز». ۋاڭ يۈشەن مۇنداق دېدى: ئىلگىرىكى تەجرىبىلەر شۇنى چۈشەندۈرىدۇكى، بىر بىۋاسىتە تىجارەت دۇكىنى ئېچىپ پەقەت شىنجاڭنىڭ خاس مەھسۇلاتلىرىنىلا ساتقاندا، ئۇزاققىچە پايدا ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش قىيىنغا توختاپ، كۆپ مەنبەلىك تىجارەت لايىھەسىگە موھتاج بولىدۇ.

  ۋۇخەن، گۇاڭجوۋ قاتارلىق شەھەرلەرنىڭ گوشۇ مەھەللە بىۋاسىتە سېتىش دۇكانلىرىغا كىرگەندە، شىنجاڭنىڭ خاس مەھسۇلاتلىرىنى كۆرگىلى بولۇپلا قالماي، يەنە پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلتۈرۈلگەن ئەلا سۈپەتلىك يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنىمۇ سېتىۋالغىلى بولىدىغان بولۇپ، ئىستېمالچىلارنى مول سېتىۋېلىش تاللىشى بىلەن تەمىنلىدى. «كۆپ مەنبەلىك مەھسۇلات قۇرۇلمىسى ئىستېمالچىلارنىڭ سېتىۋېلىش ئېھتىياجىنى تېخىمۇ قاندۇرالايدۇ، مەھەللىلەردىكى بىۋاسىتە سېتىش دۇكانلىرىنىڭ ئۇزاققىچە يۈرۈشۈشىگە ناھايىتى ياخشى ياردەم بېرىدۇ». ۋاڭ يۈشەن مۇنداق دېدى: بىۋاسىتە سېتىش دۇكانلىرىنىڭ ياخشى يۈرۈشۈشى سېتىشقا ئۇزاققىچە تۈرتكە بولۇشقا ياردەم بېرىدۇ.

  مەھسۇلاتلارنىڭ كۆپ مەنبەلىكلىكى بىلەن روشەن سېلىشتۇرما بولغىنى بىۋاسىتە سېتىش دۇكانلىرى ئۆلچىمىنىڭ ئاددىيلىققا ۋە بىرتۇتاشلىققا قاراپ مېڭىۋاتقانلىقىدۇر. مەيلى قايسى شەھەردە بولسۇن، گوشۇ دۇكىنىنىڭ سىرتقى كۆرۈنۈشى، باشقۇرۇش ئەندىزىسى، تىجارەت ئىدىيەسى خۇددى پۈتۈن مەملىكەت خاراكتېرلىك زەنجىرسىمان دۇكانغا ئوخشاش ئۆزگىرىپ، كۇرسلۇق ماركا ئالاھىدىلىكى بارغانسېرى گەۋدىلەنمەكتە.

  بۇ نۇقتا دۇكاننىڭ بېزىلىشى قاتارلىق قاتتىق ماتېرىياللاردىلا ئىپادىلىنىپلا قالماي، يەنە دۇكان مۇلازىمىتى قاتارلىق يۇمشاق ئەمەلىي كۈچ تەرەپلىرىدىمۇ ئىپادىلەنمەكتە. گۇاڭجوۋ شەھىرىنىڭ تيەنخې رايونىغا جايلاشقان گوشۇ تاڭدې دۇكىنىدا، بىر ئالاھىدە خىزمەتچى خادىم بار، ئۇ ليۇ شياۋبو بولۇپ، ئەسلىدىكى چيەنگوجىنىڭ خىزمەتچىسى، گوشۇ بىلەن چيەنگوجى بىرلەشكەندىن كېيىن، ئۇ گۇاڭجوۋغا كېلىپ ئىشلىدى، ئۇنىڭ ۋەزىپىسى گوشۇ دۇكىنىنىڭ يۇمشاق ئەمەلىي كۈچىنى ئۆستۈرۈپ، مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئىدى. «بىز مەھسۇلات باشقۇرۇش، خادىملارنى تەربىيەلەش قاتارلىق تەرەپلەردە سۈپەتنى ئۆستۈرۈش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، چيەنگوجىنىڭ بەزى مۇلازىمەت ئىدىيەسى ۋە تەجرىبىلىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ ھەم بارلىق دۇكانلارغا كېڭەيتىپ، بۇنى بىر خىل ئۆلچەمگە ئايلاندۇرىمىز» دېدى ليۇ شياۋبو.

  «كارخانىمىز تەمىنلەش زەنجىرى ۋە سېتىش تېرمىنالىنى باشقۇرۇشتىن ئىبارەت ئىككى تەرەپتىن ماس قەدەمدە كۈچ چىقىرىپ، تىجارەت باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۇنىۋېرسال ئۆستۈرۈپ، ئۇنى <يېڭىچە پارچە سېتىش> ئەندىزىسىنىڭ كۈچلۈك تىرىكى قىلىدۇ» دېدى ۋاڭ يۈشەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى