تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچى شەھىرىدە يەنە قار ياغدى

    مۇخبىرىمىز ليۇ يىمىڭ خەۋىرى، فوتوسى: 11-ئاينىڭ 12-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرىدە قار ياغدى، يول ياقىسىدىكى ئاپتوموبىللارنىڭ ئۈستى ئاق قار بىلەن قاپلاندى، بالىلار بارماقلىرىنى ئىشقا سېلىپ ئاپتوموبىل ئەينىكىگە نادىر «ئەسەر»لەرنى قالدۇردى.
   بەزى يولۇچىلار كۈنلۈك تۇتۇپ قاردىن دالدىلانسا، كۈنلۈك كۆتۈرمىگەنلەر شارپىلىرىنى چىڭ ئوراپ، ئىتتىك-ئىتتىك مېڭىۋاتاتتى. شۇ كۈنى سائەت 12 لەردە، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ كۈندۈزدىكى ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى 1.3 سېلسىيە گىرادۇسقا يەتكەن بولۇپ، قار-يامغۇر يېغىشى بىلەن تەڭ ھاۋا تېمپېراتۇرىسى نۆلدىن تۆۋەنگە چۈشكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى