تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭ ئالاقە تور ئۇچۇرى ئىشخانىسى قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلار قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر تارقىتىش تىپىك دېلو مىسالىدىن توققۇزنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلدى

  ئۆز خەۋىرىمىز: يېقىندا، شىنجاڭ ئالاقە تور ئۇچۇرى ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى پاش قىلىش يىپ ئۇچىغا ئاساسەن، 19 – تۈركۈمدە توردا قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر تارقىتىش تىپىك دېلو مىسالىدىن توققۇزنى قانۇن – بەلگىلىمە بويىچە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلدى ۋە ئاشكارىلىدى. تەكشۈرۈشتىن مەلۇم بولۇشىچە، دېلوغا چېتىشلىقلار ئالاقە تورى قاتارلىق سۇپىلاردىن پايدىلىنىپ زوراۋانلىق، تېررورلۇق، دىنىي ئەسەبىيلىك، مىللىي بۆلگۈنچىلىك ۋە پىتنە – ئىغۋا، ساختا ئۇچۇر قاتارلىق مەزمۇنلارغا چېتىلىدىغان يازما، سۈرەت، ئۈن – سىنلارنى تەرغىب قىلىپ، ساقلاپ، تارقىتىپ، ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ جىنايى ئىشلار قانۇنى››، ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش قانۇنى››، ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئامانلىق باشقۇرۇش بويىچە جازالاش قانۇنى››، ‹‹ئالاقە تور ئۇچۇرى مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش چارىسى›› قاتارلىق قانۇن – نىزاملارغا ھەمدە «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئىنتىزام جازاسى نىزامى»، «پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ تور ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى پىكىر» قاتارلىقلارغا خىلاپلىق قىلغان بولۇپ، ئىنتىزام تەكشۈرۈش ، رىۋېزىيە  تارماقلىرى ھەمدە جامائەت خەۋپسىزلىكى قاتارلىق تارماقلار ئالاقىدارلارنى قانۇن – بەلگىلىمە بويىچە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلدى.

  1 ـ دېلو مىسالى: ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى تور ئەھلى ي xنىڭ زوراۋانلىق، تېررورلۇققا ئائىت ئۈن – سىنلارنى ساقلاش دېلوسى

  2018-يىلى9 – ئاينىڭ 29 – كۈنى، تورداشلار ي x (ئەر، ئۇيغۇر، 31 ياش، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ئاۋات ناھىيەسىدىن)نىڭ بەيدۇ تور دېسكىسىدا زوراۋانلىق، تېررورلۇققا ئائىت نۇرغۇن ئۈن – سىننى ساقلىغانلىقىنى پاش قىلغان. تەكشۈرۈپ دەلىللەش ئارقىلىق ھەم ئالاقىدار قانۇن – نىزاملارغا ئاساسەن، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قانۇن بويىچە ي xنى جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويدى.

    2-دېلو مىسالى: ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى تور ئەھلى م x نىڭ ئەسەبىيلىكنى تەرغىب قىلىدىغان بۇيۇملارنى قانۇنسىز ساقلاش دېلوسى

  2018-يىلى 10 – ئاينىڭ 2 – كۈنى، تورداشلار م x (ئەر، ئۇيغۇر، 30 ياش، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ كۇچا ناھىيەسىدىن)نىڭ ئالاقە تورىدىن پايدىلىنىپ دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنى تەرغىب قىلىدىغان نۇرغۇن ئۈن-سىننى چۈشۈرگەنلىكىنى پاش قىلغان. تەكشۈرۈپ دەلىللەش ئارقىلىق ھەم ئالاقىدار قانۇن – نىزاملارغا ئاساسەن، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قانۇن بويىچە م x نى جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويدى.

  3-دېلو مىسالى: قەشقەر ۋىلايىتىدىكى تور ئەھلى ليۇ x نىڭ پىتنە – ئىغۋا تارقىتىش دېلوسى

  2018-يىلى 10 – ئاينىڭ 1 – كۈنى، تورداشلار ليۇ x  (ئايال، خەنزۇ، 45 ياش، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ مارالبېشى ناھىيەسىدىن)نىڭ ئۈندىدار توپىدا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداشقا چېتىلىدىغان پىتنە – ئىغۋانى ئويدۇرۇپ، تارقاتقانلىقىنى پاش قىلغان. تەكشۈرۈپ دەلىللەش ئارقىلىق ھەم ئالاقىدار قانۇن – نىزاملارغا ئاساسەن، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قانۇن بويىچە ليۇ x نى مەمۇرىي جەھەتتىن توختىتىپ قويدى.

  4-دېلو مىسالى: بايىنغۇلىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى تور ئەھلى لىx نىڭ پىتنە – ئىغۋا تارقىتىش دېلوسى

  2018-يىلى 10 – ئاينىڭ 9 – كۈنى، تورداشلار لى  x (ئايال، خەنزۇ، 48 ياش، بايىنغۇلىن ئوبلاستىنىڭ كورلا شەھىرىدىن)نىڭ ئۈندىدار توپىدا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداشقا چېتىلىدىغان پىتنە – ئىغۋانى ئويدۇرۇپ، تارقاتقانلىقىنى پاش قىلغان. تەكشۈرۈپ دەلىللەش ئارقىلىق ھەم ئالاقىدار قانۇن – نىزاملارغا ئاساسەن، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قانۇن بويىچە لىx نى مەمۇرىي جەھەتتىن توختىتىپ قويدى.

  5-دېلو مىسالى: قەشقەر ۋىلايىتىدىكى تور ئەھلى شۆx نىڭ پىتنە – ئىغۋا تارقىتىش دېلوسى

  2018-يىلى 10 – ئاينىڭ 11 – كۈنى، تورداشلار شۆ  x  (ئەر، خەنزۇ، 29 ياش، ھازىرقى تۇرۇشلۇق جايى قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ كوناشەھەر ناھىيەسى)نىڭ ئۈندىدار توپىدا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداشقا چېتىلىدىغان پىتنە – ئىغۋانى ئويدۇرۇپ، تارقاتقانلىقىنى پاش قىلغان. تەكشۈرۈپ دەلىللەش ئارقىلىق ھەم ئالاقىدار قانۇن – نىزاملارغا ئاساسەن، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قانۇن بويىچە شۆ x نى مەمۇرىي جەھەتتىن توختىتىپ قويدى.

  6-دېلو مىسالى: سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى تور ئەھلى لىx نىڭ پىتنە – ئىغۋا تارقىتىش دېلوسى

    2018-يىلى 10 – ئاينىڭ 13 – كۈنى، تورداشلار  لى  x  (ئەر، خەنزۇ، 50 ياش، سانجى شەھىرىدىن)نىڭ ئۈندىدار توپىدا پىتنە – ئىغۋا تارقاتقانلىقىنى پاش قىلغان. تەكشۈرۈپ دەلىللەش ئارقىلىق ھەم ئالاقىدار قانۇن – نىزاملارغا ئاساسەن، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قانۇن بويىچە لى x نى مەمۇرىي جەھەتتىن توختىتىپ قويدى.

  7-دېلو مىسالى: ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى تور ئەھلى ۋاڭ x قاتارلىق بەش كىشىنىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ توردا تارقىتىشقا قاتنىشىش دېلوسى

  2018-يىلى 9-ئاينىڭ 7-كۈنى، تورداشلار ۋاڭ x (ئايال، خەنزۇ، 58 ياش، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ غۇلجا شەھىرىدىن)نىڭ  ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداشقا چېتىلىدىغان ئالاقىدار ئۇچۇرنى بەلگىلىمىگە خىلاپ تارقاتقانلىقىنى پاش قىلغان. تەكشۈرۈپ دەلىللەش ئارقىلىق ھەم ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، ئالاقىدار تارماقلار ۋاڭ xكە پارتىيە ئىچىدە قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بەردى ھەمدە  بۇ ئىشتا رەھبەرلىك مەسئۇلىيىتى بار يۈەن x  (ئەر، خەنزۇ، 57 ياش، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ غۇلجا شەھىرىدىن)، لى x  (ئەر، خەنزۇ، 53 ياش، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ غۇلجا شەھىرىدىن)، ياۋ x  (ئەر، خەنزۇ، 47 ياش، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ غۇلجا شەھىرىدىن)، لى x  (ئەر، خەنزۇ، 42 ياش، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ غۇلجا شەھىرىدىن) قاتارلىق تۆت كىشىگە ئايرىم ھالدا پارتىيە ئىچىدە ئىنتىزام جازاسى بەردى. 

   8-دېلو مىسالى: سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى تور ئەھلى ما x قاتارلىق ئىككى كىشىنىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ توردا تارقىتىشقا قاتنىشىش دېلوسى

    2018-يىلى 10-ئاينىڭ 8-كۈنى، تورداشلار ما x (ئايال، خەنزۇ، 31 ياش، سانجى شەھىرىدىن)، ياڭ x (ئايال، خەنزۇ، 53 ياش، سانجى شەھىرىدىن) نىڭ ئاتالمىش «كوچا خەۋىرى»،  « ئىچكى خەۋەر» دەپ ئاتىۋالغان ئۇچۇرنى بەلگىلىمىگە خىلاپ تارقاتقانلىقىنى پاش قىلغان.  تەكشۈرۈپ دەلىللەش ئارقىلىق ھەم ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، ئالاقىدار تارماقلار ما x، ياڭ x گە ئايرىم ھالدا پارتىيە ئىچىدە ئىنتىزام جازاسى بەردى.

   9-دېلو مىسالى: قاراماي شەھىرىدىكى تور ئەھلى ش x نىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ توردا تارقىتىشقا قاتنىشىش دېلوسى

    2018-يىلى 10-ئاينىڭ 18-كۈنى، تورداشلار ش x (ئەر، خەنزۇ، 46 ياش، قاراماي شەھىرىدىن) نىڭ ئالاقە ئۈسكۈنىسىدىن پايدىلىنىپ ئېغىر سىياسىي مەسىلە بار گەپ-سۆز ئويدۇرۇپ چىقىپ، تارقاتقانلىقىنى پاش قىلغان. تەكشۈرۈپ دەلىللەش ئارقىلىق ھەم ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، ئالاقىدار تارماقلار ش x گە پارتىيەدىن قوغلاپ چىقىرىش، خىزمەتتىن ھەيدەش جازاسى بەردى ھەمدە بۇ ئىشتا رەھبەرلىك مەسئۇلىيىتى بار ۋاڭ x (ئەر، خەنزۇ، 48 ياش، قاراماي شەھىرىدىن) گە پارتىيە ئىچىدە ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىش، پارتىيە ئىچىدىكى ۋەزىپىسىنى ئېلىپ تاشلاش جازاسى بەردى.

    جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى شۇنى ئەسكەرتىدۇكى، تور بوشلۇقى قانۇن سىرتىدىكى جاي ئەمەس. ئالاقە تورى ئارقىلىق زوراۋانلىق، تېررورلۇق، مىللىي بۆلگۈنچىلىك، دىننىي ئەسەبىيلىك ۋە  مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا، ۋەتەننىڭ بىرلىكىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا دائىر يېزىق، رەسىم، ئۈن-سىنلەرنى تەرغىپ قىلغان، ساقلىغان، تارقاتقانلار؛ پارتلاتقۇچ ئۈسكۈنىلەر، قورال-ياراق، چەكلەنگەن قوراللارنىڭ ياسىلىشى، ئىشلىتىلىشى ۋە ئىقتىدارىنى ئۆگەتكەن، ياسىغانلار ۋە ساختا ئۇچۇر تارقاتقانلار، ھاقارەت قىلغان، تەھدىت سالغان، پاكىتنى ئويدۇرۇپ چىقىرىپ، باشقىلارغا تۆھمەت قىلغانلارنىڭ قانۇن-بەلگىلىمىلەر بويىچە جىنايى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. يۇقىرىدا بايان قىلىنغاندەك يېزىق، رەسىم، ئۈن-سىنلەر بولسا ئۆزلۈكىدىن دەرھال ئۆچۈرۈۋېتىش، يوقىتىش كېرەك، ئەگەر شەخس يوقىتىشقا ئامال قىلالمىسا، يەرلىكتىكى جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگانلىرىنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرۇپ بەرسە بولىدۇ. كەڭ تورداشلارنىڭ قانۇن-نىزاملارغا قاتتىق بويسۇنۇپ، مەدەنىي تورغا چىقىپ، قانۇن بويىچە تورغا چىقىپ، ساغلام، تەرتىپلىك ئىنتېرنىت مۇھىتىنى ئورتاق قوغدىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

   كەڭ تورداشلارنىڭ ئاكتىپلىق بىلەن توردىكى قانۇن-نىزاملارغا خىلاپ ئۇچۇرلارنى پاش قىلىشىنى قارشى ئالىمىز. پاش قىلىپ خىزمەت كۆرسەتكەنلەر ئۆز ۋاقتىدا مۇكاپاتلىنىدۇ.

پاش قىلىش ئۇسۇلى:

تور ئادېرىسى : www.xjwljb.com

تېلېفون نومۇرى : 2384777-0991

ئېلېكتىرونلۇق خەت ساندۇقى : xjwljb@xjts.cn

بىلوگ: شىنجاڭ توردا پاش قىلىش

ئۈندىدار ئاممىۋى نومۇرى : شىنجاڭ توردا پاش قىلىش

ساقچىغا مەلۇم قىلىش، پاش قىلىش تېلېفونى: 110

ئۇچۇر ئارقىلىق ساقچىغا مەلۇم قىلىش نومۇرى 12110

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى