تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە ياخشى سەركىلەردىن بولىمەن

ئاقسۇ ۋىلايەتلىك كۆمۈر سانائىتىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى ئادىل دۆلەت

    مەن جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ يېزىسىدا ئۆسۈپ چوڭ بولدۇم. كىچىك ۋاقتىمدا، ئاتا- ئانامنىڭ ھەر مىللەت دوستلىرى دائىم ئۆيىمىزگە مېھمان بولۇپ كېلەتتى، ئۇلار بىلەن ئۇرۇق- تۇغقانلاردىنمۇ يېقىن ئۆتەتتۇق. مەكتەپكە كىرگەندىن كېيىن، مەنمۇ ئوخشاش بولمىغان مىللەتتىن نۇرغۇن دوست تۇتتۇم، ئۇلار مېنىڭ ئۆگىنىشىمگە ياردەم بېرىپ، ئۆسۈپ يېتىلىشىمگە ھەمراھ بولدى؛ خىزمەتكە قاتناشقاندىن كېيىن، يەنە كۆپ مىللەت ئىناق- ئىتتىپاق ئۆتىدىغان چوڭ ئائىلىدەك ئىدارىدە ئىشلىدىم، خىزمەتداشلار ئۆزئارا بىر- بىرىمىزنى ھۆرمەتلەپ، بىر- بىرىمىزگە كۆيۈنۈپ، خىزمەتنى تىرىشىپ ئىشلەپ، ھاياتىمىزنىڭ ئەڭ گۈزەل چاغلىرىنى ئۆزىمىز قىزغىن سۆيىدىغان كەسىپكە بېغىشلىدۇق. پارتىيە تەشكىلىنىڭ تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈشىدە، مەن تەدرىجىي ھازىرقى خىزمەت ئورنۇمغا چىقتىم. مەن باشتىن- ئاخىر جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى بولمىسا، شىنجاڭنىڭ گۈللىنىشى ۋە تەرەققىياتى بولمايتتى، ھەر مىللەت خەلقنىڭ بەختلىك تۇرمۇشى بولمايتتى دەپ قارايمەن، قەلبىم پارتىيەگە بولغان مىننەتدارلىق ھېسسىياتى بىلەن تولغان.

    شىنجاڭ جۇڭگو زېمىنىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، «ئۈچ خىل كۈچ» ئۆزلىرىنىڭ ۋەتەننى پارچىلاش جىنايى مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن، شىنجاڭ تارىخىنى بۇرمىلاپ، «پانئىسلامىزم»، «پانتۈركىزم» ئىدىيەسىنى تەرغىب قىلىپ، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنى تەرغىب قىلىپ، بىر قاتار زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلولىرىنى سادىر قىلدى. پارتىيەلىك كادىرلار ئارىسىدىكى «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر پارتىيەۋىلىك پىرىنسىپىنى يوقىتىپ، سىياسىي ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىپ، ئاستىرتىن «ئۈچ خىل كۈچ» بىلەن ئۆزئارا ئېغىز- بۇرۇن يالىشىپ، «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ مۇھاپىزەت كۈنلۈكى بولدى، ھەتتا بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدىكى جىنايىتى ئىنتايىن ئېغىر پەردە ئارقىسىدىكى قارا قولغا ئايلاندى. ئۇلار پارتىيەلىك تۇرۇپ پارتىيە ئۈچۈن سۆزلىمەي، پارتىيەلىك تۇرۇپ پارتىيەگە ئىشەنمەي، پارتىيەگە ئاسىيلىق قىلدى، خەلققە ئاسىيلىق قىلدى، ئۇلار كادىرلار قوشۇنىغا يوشۇرۇنغان «زەھەرلىك ئۆسمە» بولۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە ئىنتايىن زور خەۋپ پەيدا قىلدى. «ئۈچ خىل كۈچ»، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق دۈشمىنى، پۈتۈن جەمئىيەتتىكى «زەھەرلىك ئۆسمە»، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مۇناپىقلىرى. پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مەنپەئىتى ئۈچۈن، خەلقنىڭ مەنپەئىتى ئۈچۈن، مەن جەزمەن «ئۈچ خىل كۈچ»، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ جەڭچىسى، تەشۋىقاتچىسى بولىمەن، تەشەببۇسكارلىق بىلەن دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، دادىل پوزىتسىيە بىلدۈرۈشكە جۈرئەت قىلىپ، ئاممىنى يېتەكلەپ، بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى قەتئىي قوغدايمەن.

    قەلبىمدىكى مىننەتدارلىق ھېسسىياتىم بىلەن پارتىيەگە مۇتلەق سادىق بولىمەن. مەن ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىمنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا ھەقىقىي بىرلىككە كەلتۈرۈپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا مۇتلەق سادىق بولىمەن. نۆۋەتتە شىنجاڭنىڭ كەسكىن، مۇرەككەپ بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى ۋەزىيىتى ئالدىدا، ئاڭلىق ھالدا ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، پارتىيەنىڭ يۆنىلىشىنى يۆنىلىش، پارتىيەنىڭ ئىرادىسىنى ئىرادە قىلىپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە سەركىلەردىن بولۇپ، پارتىيە ۋە خەلقنىڭ تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈشىنى يەردە قويمايمەن، تەشكىلنىڭ ئىشەنچىنى يەردە قويمايمەن.

    بايراقنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولىمەن. مۇقىملىقنى قوغداشتا مۇناسىۋەتسىز رايون، مۇناسىۋەتسىز ئورۇن، مۇناسىۋەتسىز ئادەم يوق. مەن قەتئىي، كەسكىن ھالدا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشتىكى يۈرۈشلۈك «بىرىكمە مۇشت» تەدبىرىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرىمەن، تەۋرەنمەيمەن، بوشاڭلىق قىلمايمەن، ئىككىلەنمەيمەن، شەكىلۋازلىق قىلمايمەن. شىنجاڭنىڭ «تۆت تارىخ»ىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىمەن ۋە توغرا تونۇيمەن، «ئۈچ خىل كۈچ»، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنىڭ جىنايى ماھىيىتىنى ئېنىق تونۇيمەن. دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ سىڭدۈرمىچىلىكىگە قەتئىي تاقابىل تۇرۇپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى ئورتاق قوغدايمەن، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئورتاق قوغدايمەن، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ئورتاق قوغدايمەن. ئاممىۋى خىزمەتنى ياخشى ئىشلەپ، ھەقىقىي تۈردە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ غەمخورلۇقى ۋە ئىللىقلىقىنى مىڭلىغان- تۈمەنلىگەن ئائىلىلەرگە يەتكۈزۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنى پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشتۇرۇپ، قەتئىي، كەسكىن ھالدا پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرىدىغان، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلايدىغان، پارتىيەگە ئەگىشىپ ماڭىدىغان قىلىمەن.

    پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئۈمىدىم شۇكى، پارتىيەگە مۇتلەق سادىق بولۇش، ۋەتەنگە بارلىق كۈچۈمنى تەقدىم قىلىش، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشتىن ئىبارەت ئۇلۇغ ئىشلارغا پۈتۈن كۈچۈم بىلەن ئۆزۈمنى بېغىشلاش. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ھەر مىللەت ئامما بىلەن بىللە پارتىيەگە سادىق بولۇپ، ۋەتەنگە سادىق بولۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئاڭلىق قوغداپ، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قەتئىي قارشى تۇرۇپ، «ئۈچ خىل كۈچ»، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى باتۇرلۇق بىلەن كۈرەش قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىققا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان بارلىق سۆز- ھەرىكەتلەرگە قارشى كۈرەش قىلىشقا جۈرئەت قىلىپ، شىنجاڭنىڭ گۈزەل ئەتىسى ئۈچۈن پۈتۈن كۈچۈمنى تەقدىم قىلىشقا قەسەم قىلىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى