تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچىدە قار تېيىلىش سورۇنلىرى تىجارەت باشلىدى

قار تېيىلىشنى باشلاش مۇراسىمى نەق مەيدانى

  مۇخبىرىمىز جاڭ شىنجۈن خەۋىرى، فوتوسى: ئۈرۈمچى قار تېيىلىشنى باشلاش مۇراسىمى ھەمدە نەنسەن . چوڭ بازار ساياھەت بىرلەشمە تونۇشتۇرۇش يىغىنى 11-ئاينىڭ 10-كۈنى چۈشتىن ئىلگىرى يىپەك يولى خەلقئارا قار تېيىلىش مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلدى. بۇنىڭدىن كېيىن ئۈرۈمچى ناھىيەسى ۋە تىيانشان رايونى ساياھەت بايلىقلىرىنى ئۆزئارا تولۇقلاپ، نەنسەن ۋە چوڭ بازارنى ئۈنۈملۈك باغلاپ، ئۈرۈمچىنىڭ قىشلىق ساياھەت سۇپىسىنى بىرلىكتە بەرپا قىلىدۇ.

  سائەت 12:30 لاردا 100 دىن ئارتۇق چاڭغا تېيىلىش ھەۋەسكارى قار يولىدىن نۆۋەت بىلەن تېيىلىپ چۈشتى، بۇ، ئۈرۈمچىنىڭ 2018~2019-يىللىق قار تېيىلىش مەزگىلىنىڭ رەسمىي باشلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. شۇ كۈنى نەنسەنگە جايلاشقان يىپەك يولى خەلقئارا قار تېيىلىش مەيدانى ۋە بەييۈن قار تېيىلىش مەيدانى رەسمىي تىجارەت باشلاپ، مەملىكىتىمىزنىڭ ئىچى-سىرتىدىن كەلگەن نەچچە يۈز چاڭغا تېيىلىش ھەۋەسكارىنى جەلپ قىلدى.

100 دىن ئارتۇق ھەۋەسكار يىپەك يولى خەلقئارا قار تېيىلىش مەيدانىدا بۇ يىل قىش پەسلىلىك قار تېيىلىشنىڭ مۇقەددىمىسىنى باشلىدى.

قار تېيىلىۋاتقان كىچىك دوست

قار تېيىلىش ھەۋەسكارى قار تېيىلماقتا.

قار تېيىلىش ھەۋەسكارلىرى قار تېيىلماقتا.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى