تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

ئالما تاللاشتىكى چارىلەر

     ئالما تۇرمۇشىمىزدا كۆپ ئىستېمال قىلىنىدىغان مېۋىلەرنىڭ بىرى. ئەمما، بەزىدە رەڭگى قىزىل ئالمىلارنىڭمۇ تەمىنىڭ ئۇنچە تاتلىق ئەمەسلىكىنى بايقايمىز. تۆۋەندە ئالما تاللاشتىكى بەزى چارىلەرنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز.
    رەڭگىگە قاراش
    ئالمىنىڭ رەڭگى قانچە قىزىل بولسا تەمىنىڭ شۇنچە تاتلىق بولىدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. شۇڭا ئالما سېتىۋالغاندا سېرىقلىق ئىچىدىن قىزىللىقى بىلىنىپ تۇرىدىغان رەڭگى تەكشى، سىرتقى يۈزى بەك سىلىق بولمىغاننى تاللاش كېرەك، چۈنكى بۇنداق ئالما سۇلۇق ھەم تەملىك بولىدۇ.

    مېۋە كىندىكىگە قاراش
    ئالمىنىڭ مېۋە كىندىكى قانچە چوڭقۇر بولسا، ئالمىنىڭ شۇنچە تەملىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ، شۇڭا ئالما سېتىۋالغاندا مېۋە كىندىكى چوڭقۇرراقنى تاللاش كېرەك.

    ئالما ساپىقىغا قاراش
   ئالما ساپىقى سۇس يېشىل رەڭدە بولسا، ئالمىنىڭ شاختىن ئۈزۈۋېلىنغىنىغا ئۇزۇن بولمىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ئالما ساپىقىنىڭ كۆزى قانچە چوڭقۇر بولسا ئالمىنىڭ شۇنچە تەملىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى