تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش يولىدا مەزمۇت قەدەم تاشلاش

  ــــ شىنجاڭ ھەربىي رايونى مەلۇم قۇرۇقلۇق ئاۋىياتسىيە لۈيى تىرانسپورت تىك ئۇچار ئايروپىلان 1- يىڭىنىڭ بۇرچىغا سادىق بولۇپ ئەسكەرلەرنى مەشىقلەندۈرۈپ، جەڭگە تەييارلىق كۆرۈش خاتىرىسى (1)

  مۇخبىرىمىز يەن شياۋجۈەن

  كېچىدە ئۇچۇش، ئايروپىلاندىن چۈشۈپ تۇيۇقسىز زەربە بېرىش، بوشلۇقتا دەل توختاش ... 2018- يىلى، شىنجاڭ ھەربىي رايونى مەلۇم قۇرۇقلۇق ئاۋىياتسىيە لۈيى تىرانسپورت تىك ئۇچار ئايروپىلان 1- يىڭى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «1- يىڭ» دەپ ئاتالدى) نىڭ ئەمەلىي جەڭ قىلىش مەشىقى جىددىي ئېلىپ بېرىلدى. مەشىقنىڭ ئېغىرلىق مەركىزى تېخنىكىنى ئاساس قىلىشتىن تاكتىكىنى ئاساس قىلىشقا ئۆزگەردى، جەڭ قىلىش ۋەزىپىسى ياردەم بېرىشكە كاپالەتلىك قىلىشنى ئاساس قىلىشتىن ئاساسلىق كۈچ ئاساسلىق رولنى جارى قىلدۇرۇشقا ئۆزگەردى، ئومۇمىي گەۋدە ئىقتىدارى بىرەسمىي جەڭ ھەربىي ھەرىكىتى ئىقتىدارىنى ئاساس قىلىشتىن يادرولۇق ھەربىي ئىقتىدارنى ئاساس قىلىشقا ئۆزگەردى.

  بۇ يىڭ ئۇدا 21 يىل «ھەربىي مەشىقتىكى 1- دەرىجىلىك ئورۇن» بولۇپ باھالىنىپ، ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ 17 قېتىم ئاساسىي قاتلام قۇرۇلۇشىدىكى ئۈلگىلىك ياكى ئىلغار ئورۇن بولۇپ باھالىنىپ، ئىككى قېتىم كوللېكتىپ 2- دەرىجىلىك خىزمەت كۆرسەتتى، بىر قېتىم 3- دەرىجىلىك خىزمەت كۆرسەتتى، دەپ ئەنگە ئېلىندى، 2009- يىلى ئەسلىدىكى لەنجۇ ھەربىي رايونى تەرىپىدىن «بۇرچىغا سادىق ئۈلگىلىك ئۇچقۇچىلار چوڭ ئەترىتى» دېگەن شەرەپلىك نام بېرىلدى. ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش مۇساپىسىدە، 1- يىڭدىكى ئوفىتسېر- ئەسكەرلەر بۇرچىغا سادىق بولۇپ، ھاياتى ۋە مەسئۇلىيەتچانلىقى بىلەن ھازىرقى زامان قۇرۇقلۇق ئاۋىياتسىيەسىدىكى «پۈتۈن رايوندا ئاسمانغا كۆتۈرۈلۈش، پۈتۈن ھاۋا بوشلۇقىغا يېتىپ بېرىش، ھاۋا چەكلىمىسىگە ئۇچرىماي جەڭ قىلىش»تەك ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئارزۇسىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسەتتى.

  «دائىملىق جەڭگە تەييارلىق كۆرۈش»تىن «ئىستېرېئولۇق ھۇجۇمغا ئۆتۈش، مۇداپىئەلىنىش»كىچە

  بوشلۇقتىن كۈچلۈك ئۇشتۇمتۇت زەربە بېرىش، موتورلاشقان جەڭ قىلىش، ئىستېرېئولۇق ھۇجۇم قىلىش، مۇداپىئە كۆرۈش كۈچى قۇرۇش، بۇ، 1- يىڭدىكى ھەربىر ئوفىتسېر- ئەسكەرنىڭ ھەرۋاقىت كۆڭلىدە ئويلايدىغان ئارزۇسى ئىدى.

  ئاشۇ يىلى 9- ئايدا، ئىچكى موڭغۇل چوڭ يايلىقى شىددەتلىك جەڭ ئەڭ قىزىغان مەزگىلگە كىرگەنىدى.

  1- يىڭ بۇ قېتىمقى سىستېما قارشىلىشىش مانېۋىرىدا، تۇنجى قېتىم ئوتتۇرىغا چىقىپ ئۆزىنى كۆرسەتتى. بۇيرۇق چۈشۈشى بىلەنلا، قوراللىق تىك ئۇچار ئايروپىلانلارنىڭ ماسلىشىشى بىلەن، ئالاھىدە قىسىمنىڭ جەڭچىلىرى ئولتۇرغان ئايروپىلان توپى ھاۋاغا كۆتۈرۈلۈپ كۆك قوشۇن تەرەپكە قاراپ ئىچكىرىلەپ بۆسۈپ كىردى، ئالاھىدە قىسىمنىڭ جەڭچىلىرى دۈشمەن ئارقا سېپىگە ئوڭۇشلۇق چۈشتى، بىراق ئۇلار چۈشۈشى بىلەنلا، كۆك قوشۇننىڭ ئوت كۈچى «مۇھاسىرىسى»دە قالدى. «پۈتۈن قوشۇن ھالاك بولدى، بۇنى ئەمەلىي جەڭدە ئويلاشقا جۈرئەت قىلغىلى بولمايتتى!» تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن رايون ھالقىپ يۈرۈش قىلغان قوشۇن، ئويلىمىغان يەردىن «قورال- ياراغنى تاشلاپ قېچىش»تەك ئوسال ئەھۋالدا قالدى.

  تىپنى ئۆزگەرتىپ قايتا قۇرۇش يولىدا، «رايون ھالقىپ جەڭ قىلىش» 1- يىڭ پارتكومى بەنزىسىدىكىلەرنى تۇيۇقسىز ئويغاتتى: ئىلگىرىكىدەك ئۆز مەيدانىدا كۆپ مەشىق قىلىش، بوشلۇق دائىرىسى بىلەن پىششىق تونۇشۇشنى تەكرار مەشىق قىلىش، «دۈشمەن» ئەھۋالى ۋە ھاۋا مۇداپىئە ئوت كۈچى مەڭگۈ تەييارلىق لايىھەدىكىدەك بولىدۇ دەيدىغان مەشىق ئەندىزىسى قۇرۇقلۇق ئاۋىياتسىيە قىسىمىنىڭ ئاساسىي يۆنىلىش جەڭ تەييارلىقىنىڭ ئېھتىياجىدىن خېلىلا ئارقىدا قالغانىدى. بۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇلار ئۇچۇش تېخنىكىسى ۋە غەلىبە قىلىش تاكتىكىسىدىن ئىبارەت ئىككى ياقلىمىلىق، تاكتىكا دەرسلىكى ئاجىزلىشىش قاتارلىق كونا ئىللەتلەرنى رەتلەپ چىقىپ ھەم مەشىق نىشانىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، «ھەرىكەتچان جەڭ قىلىش، ئىستېرېئولۇق ھۇجۇم قىلىش، مۇداپىئە كۆرۈش، سىستېمىغا سىڭىشىش»تەك جەڭ قىلىش ئىقتىدارى ئېھتىياجىغا توغرىلاندى.

  شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، يۇقىرى دەرىجىلىكنىڭ ماسلاشتۇرۇشى بىلەن، بۇ يىڭ ھاۋا ئارمىيەسى، قوراللىق ساقچى قىسىم، ئېلېكتىرونلۇق قارشىلىشىش قىسىمى، ئالاھىدە قىسىم، ھاۋا مۇداپىئە قىسىمى قاتارلىق قىسىملار بىلەن قارشىلىشىش مەشىقى، قوماندانلىق قىلىش مەشىقى، ئۇچۇش مەشىقى، تاكتىكا مەشىقىنى ماسلىشىپ قانات يايدۇردى...

  «بۆلۈمچە ئورنىنى جەڭ ئورنى دەپ بىلىش، بوشلۇققا كۆتۈرۈلۈشنى ئەمەلىي جەڭ دەپ بىلىش، ھاۋا تەۋەلىكىنى جەڭگاھ دەپ بىلىش، مەيلى باش ئەتىيازدا كۆتۈرۈلىدىغان قويۇق تۇمان، تومۇز يازدا ئەۋج ئالىدىغان قۇم- توزان، نۆلدىن تۆۋەن 40 سېلسىيە گىرادۇسلۇق قاتتىق سوغۇق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ھەممىسى ئەسكەرلەرنى مەشىقلەندۈرۈشنىڭ ياخشى پەيتى.» ئالاھىدە دەرىجىلىك ئۇچقۇچى جۇڭ جيەنۋېن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: قاراقۇرۇم تاغ تىزمىسىدىكى ئېگىز تاغلار، غايەت زور ھاڭلار ئارىسىدا ئۇچۇش، تىك قىيالارغا يېقىن ھالەتتە ئىنتايىن پەس ئۇچۇش، تار تاغ جىلغىسى، تاغ چوققىسىدا تۈرلۈك تاكتىكىلارنى قوللىنىش، چوڭ قۇملۇق، چۆللەردىكى ئوتتەك ئىسسىق ئېقىمدا شۇڭغۇپ ئۇچۇپ تۇيۇقسىز يۇقىرىغا كۆتۈرۈلۈش. قانچە قىلالمايدىغان، قىلىشقا شۇنچە جۈرئەت قىلالمايدىغان ئىشلارغا 1- يىڭنىڭ ئوفىتسېر- ئەسكەرلىرى باتۇرلۇق بىلەن يۈزلەندى، جەڭ ئېلان قىلىش جەريانىدا ھەر قېتىملىق بۆسۈشنى ئىشقا ئاشۇردى.

  ھەممىلا جاي جەڭگاھ، ھەر ۋاقىت ئەمەلىي جەڭ. ھەرقايسى ئارمىيە تۈرلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ مانېۋىر- مەشىق قىلىش، چەت ئەل ئارمىيەسى بىلەن مانېۋىر قىلىشنىڭ ھەممىسى 1- يىڭنىڭ غەلىبە قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشنىڭ تېپىلغۇسىز پۇرسىتى بولدى.

  2015- يىلى، 1- يىڭ تۇنجى قېتىم «جۇرىخې» چوڭ كۆلەملىك مانېۋىرىغا قاتناشقاندا، سىستېمىلىق قارشىلىشىش، ئاساسلىق جەڭدە ئاساسلىق ئىشلىتىشتىن ئىبارەت تىپىنى ئۆزگەرتىش قەدىمىنى چوڭ ئالدى. شۇ يىلى 8- ئايدا، قىسىم تولۇق ئىشتات بىلەن 1000 چاقىرىم رايون ھالقىپ مەلۇم جايغا ھەرىكەتچان يۆتكىلىپ، ئېگىزلىكتىكى سوغۇق رايوندا بۇرچ تېمىسى مەشىقىنى قانات يايدۇرۇپ، «ھەم ئۇچالايدىغان، ھەم زەربە بېرەلەيدىغان» جەڭ قىلىش ماھارىتىنى ئۆگىنىپ، ئۈچ تۈر 121 تارماق بويىچە ئۇرۇش سانلىق مەلۇماتىنى يىغىپ رەتلەپ، كۆپلىگەن تۇنجىلارنى ياراتتى.

  2016- يىلى 9- ئايدا، قىسىمنىڭ تولۇق ئىشتاتلىق چوڭ ئايروپىلان توپى 1000 چاقىرىم يىراقلىقتىكى چۆللۈك- قۇملۇقتىكى مەلۇم مەشىق بازىسىغا ئۇچۇپ بېرىپ، ھاۋا ئارمىيەسى قىسىمى، راكېتا ئارمىيەسى قىسىمى، قۇرۇقلۇق ئارمىيە ھاۋا مۇداپىئە قىسىمى، ئېلېكتىرونلۇق قارشىلىشىش قىسىمى، ئالاھىدە قىسىم قاتارلىق ئارمىيە ئەسكەر تۈرلىرى بىلەن بىرلەشمە مەشىقنى قانات يايدۇردى.

  كۆپ مەيدان قېتىملىق، چوڭ كۆلەملىك بىرلەشمە مانېۋىر- مەشىقلەردە، 1- يىڭدىكى ئوفىتسېر- ئەسكەرلەرنىڭ جەڭ قىلىش ساپاسى، بىرلەشمە ساپاسى ۋە قوماندانلىق قىلىش ساپاسى يېتىلدى، ئۆستى.

  2016- يىلىدىكى «تىنچلىق بۇرچى» مانېۋىرىدا، بۇ يىڭ دۆلەت ھالقىپ قىرغىزىستانغا بېرىپ، رۇسىيە قاتارلىق بەش دۆلەت ئارمىيەسىنىڭ ھەرخىل ئەسكەر تۈرلىرى بىلەن ماسلىشىپ مانېۋىر- مەشىق قىلغان بولۇپ، كامالەتكە يەتكەن تېخنىكىلىق تاكتىكا سەۋىيەسى خەلقئارادىكى كەسىپداشلىرىنىڭ يۈكسەك ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى. 2018- يىلى 9- ئايدا، 1- يىڭدىكى ئوفىتسېر- ئەسكەرلەر مەلۇم قېتىملىق مانېۋىرغا قاتنىشىپ، ئېگىزلىكتىكى قەھرىتان سوغۇق رايوندا ھاۋا ئارمىيەسى قىسىمى، ئالاھىدە قىسىم قاتارلىق ھەرخىل ئەسكەر تۈرلىرى بىلەن ئېگىزلىك ھەم قەھرىتان سوغۇق رايوندا بىرلەشمە جەڭ قىلىش يېڭى ئەندىزىسى ئۈستىدە ئورتاق ئىزدەندى.

  رايون دائىرىسىدە مۇداپىئەلىنىش- قوغدىنىش تىپىدىن پۈتۈن رايون بويىچە جەڭ قىلىش تىپىغا بۇرۇلۇش

  10- ئاينىڭ 18- كۈنى كېچە، شىنجاڭ ھەربىي رايونى مەلۇم قۇرۇقلۇق ئارمىيە ئاۋىياتسىيە لۈيىنىڭ مەلۇم مەيدان پونكىتى. قاپقاراڭغۇ كېچە ئاسمىنىدا، ئايروپىلانلار گۈرۈلدەپ، قىزىل توچكىلار توختىماي چاقناۋاتقان بولۇپ، 1- يىڭنىڭ توققۇز تىرانسپورت تىك ئۇچار ئايروپىلانى كېچىدە ئېسىپ يۆتكەش تۈرىنى مەشىق قىلىۋاتاتتى. «كېچىلىك مەشىق» يېڭى پىلاندىكى زۆرۈر دەرس تۈرى ئىدى.

  قۇرۇقلۇق ئارمىيەسىنىڭ يېڭى تىپتىكى جەڭ قىلىش كۈچى بولۇش سۈپىتى بىلەن، 1- يىڭ قۇرۇقلۇق ئارمىيەسىنىڭ رايون دائىرىسىدىن مۇداپىئەلىنىش- قوغدىنىش تىپىدىن پۈتۈن رايون بويىچە جەڭ قىلىش تىپىغا بۇرۇلۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش مۇھىم بۇرچىنى زىممىسىگە ئالغان. شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق قۇرۇقلۇق ئارمىيە ئاۋىياتسىيە قىسىمنىڭ دەۋر بۇرچىنى چۆرىدەپ، 1- يىڭ «ھاۋا بىلەن قۇرۇقلۇقنى بىر گەۋدە قىلىش، ئاساسلىق كۈچ ئاساسلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇش، پۈتۈن رايوندا ئىشلىتىش» نىشانىغا قاراپ مەزمۇت قەدەم بىلەن ئىلگىرىلىدى.

  بۇ يىلنىڭ بېشىدا، يېڭى پىلان بويىچە ئومۇميۈزلۈك مەشىق قىلىش باشلاندى.

  يېپيېڭى مەشىققە تەشكىللەش ئەندىزىسى ۋە بىر ھەسسە كۆپەيتىلگەن مەشىق ۋاقتى ئالدىدا، ئۇلار يېرىم يىللىق كېچە- كۈندۈزلۈك، كەڭ كۆلەملىك، كۆپ قېتىملىق ۋە يۇقىرى سىجىللىق ئۇچۇش مەشىقى قىلىش ئارقىلىق كوماندىرلارنىڭ سىستېمىلىق جەڭ قىلىشقا سىڭىپ كىرىش تەتقىقاتى چوڭقۇر بولماسلىق، يېڭى جەڭ قىلىش ئىدىيەسىدە تاكتىكا ئاساسىي ماھارىتى كۈچلۈك بولماسلىق، ئەمەلىي جەڭ قىلىش ئۇسۇلى ئاجىز بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەرنى چۆرىدەپ، 36 قىسىملىق 200 مىڭ خەتكە يېقىن ئوقۇتۇش قائىدىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئومۇمىي جەڭ قىلىش سەۋىيەسىنىڭ ئۇچقاندەك ئۆسۈشىگە ئۈنۈملۈك تۈرتكە بولدى.

  «يېڭى پىلاندا تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولسىمۇ، بىراق كونكرېت ئۇسۇل ۋە تەرتىپ يوق ئىدى». 1- يىڭنىڭ يىڭجاڭى گاۋ يەن مۇنداق دېدى: «بىراق بىز ساقلاپ تۇرساق بولمايدۇ. بىز جەزمەن كەلگۈسىدىكى جەڭ مەيدانىنىڭ ئېھتىياجىغا قاراپ، <جەڭنى قانداق قىلسا، ئەسكەرنى شۇنداق مەشىقلەندۈرۈش>كە ئاساسەن، جەڭ مەيدانىنىڭ ئەمەلىي جەڭ شارائىتىنى ھازىرلىشىمىز كېرەك».

  1- يىڭ مەشىق ئارىلىقىنىڭ توغرىلىقىنى پۈتۈن يىلغىچە، مەشىق مەزمۇنىنىڭ توغرىلىقىنى ھەر بىر مەيدان قېتىمغىچە، مەشىق ئۆلچىمىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈشنى ھەر بىر دەرسلىككىچە، مەشىق ۋاقتىنىڭ توغرىلىقىنى ھەر بىر سېكۇنتقىچە، مەشىق ئوبيېكتىنىڭ ئېنىقلىقىنى ھەر بىر كىشىگىچە قاپلاشنى ئىشقا ئاشۇردى. ھازىرغىچە، بۇ يىڭنىڭ مەشىق ۋاقتى بۇلتۇرقىدىن بىر ھەسسە كۆپىيىپ، كېچىدە مەشىق قىلىشى %44 كە يەتتى، يىللىق ئېگىزلىك دەرس تۈرىنىڭ مەشىق نىسبىتى %40 كە، تاكتىكا مەشىقى %40 كە ئۆستى، 12 سائەتلىك ئەڭ يۇقىرى ئۇچۇش سىجىللىقى مەشىقى دائىملىشىپ، ئۇچقۇچىلارنىڭ ئومۇمىي ساپاسى كۆرۈنەرلىك يۇقىرى كۆتۈرۈلدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئۇلار «تىنچلىق بۇرچى» «جۇرىخې» قاتارلىق يۈرۈشلۈك مانېۋىر- مەشىق ۋەزىپىسىنى كۆرۈنەرلىك تاماملىدى.

  2018- يىلى 5- ئايدا، قۇرۇقلۇق ئارمىيەسىنىڭ سەككىز يېڭى تىپتىكى جەڭ قىلىش كۈچىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ قۇرۇش نەق مەيدان يىغىنى كورلىدا ئېچىلىپ، تىپنى ئۆزگەرتىپ قۇرۇش نەتىجىلىرى كۆرەك قىلىندى. ئالاھىدە قىسىم، ئېلېكتىرونلۇق قارشىلىشىش قىسىمى، بىرلەشمە يىڭ، ھاۋادىن تۇيۇقسىز زەربە بېرىش قىسىمى قاتارلىق قۇرۇقلۇق ئارمىيەسىنىڭ يېڭىدىن تەشكىللەنگەن سەرخىل قىسىمىنىڭ بىرلەشمە ھەرىكىتىدە، 1- يىڭ ئۈستىگە ئېلىپ تاماملىغان ئالاقىنى تۇتاشتۇرغۇچى تىك ئۇچار ئايروپىلان ئارقىلىق رايون قوماندانلىق تورىنى بەرپا قىلىش، قوراللىق تىك ئۇچار ئايروپىلاننىڭ قوغدىشىدا ئالاھىدە رازۋېدكا تارماق ئەترىتىنى نىشاندىن يىراق جايغا توشۇپ، مەخپىي چۈشۈرۈش ۋە يېقىندىن رازۋېدكا قىلىش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىش، ئايروپىلاندىن چۈشىدىغان مەيداننى ئېچىپ، زەربىدارلار تارماق ئەترىتىنىڭ ئايروپىلاندىن چۈشۈشىنى قوغداش، ئاسما شەكىلدە قوغداش تارماق ئەترىتىنى جەڭ مەيدانىدىن چېكىندۈرۈش قاتارلىق ئەمەلىي مەشىققە يېقىنلاشقان مەشىق تۈرلىرى قۇرۇقلۇق ئارمىيەسىدىكى قېرىنداش ئورۇنلارنىڭ بىردەك ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى.

  تۇيۇقسىز ھۇجۇمدىن مۇداپىئەلىنىش خەنجىرى بەرپا قىلىپ، پولات قاناتنى تاۋلاش

  يېڭى دەۋردە، ئەسكەرلەرنى مەشىقلەندۈرۈپ، جەڭگە تەييارلىق كۆرۈشتە يېڭى نەتىجىلەرنى يارىتىش كېرەك.

  8- ئاينىڭ 22- كۈنى، مۇئاۋىن يىڭجاڭ خۇڭ تاۋ پۈتۈن لۈيدىكى كۆپ خىل تىپلىق 17 ئايروپىلاننى باشلاپ بىر نەچچە ھاۋا بوشلۇقىدا كېچە- كۈندۈزلەپ تاكتىكا دەرسلىكى بويىچە مەشىق قىلدى. 23- كۈنى، سەھەر سائەت 1 دە، بىر مەيدان بوران- چاپقۇن ئۆز قەرەلىدە يېتىپ كەلدى، كۆزنى يۇمۇپ- ئاچقۇچە يامغۇر شارقىراپ ياغدى ھەم گۈلدۈرماما گۈلدۈرلەپ، چاقماق چاقتى، ئايروپىلانلار كىرىتىك ئۇچۇش ھالىتىگە كىردى. «چاقماقتىن دالدىلىنىشقا، تۇراقلىق ھالەتنى ساقلاشقا، ھاۋارايى نۆۋەتچى نازارەت سىستېمىسىنىڭ رايوندىن ئۆتۈش ئەھۋالىغا دىققەت قىلىڭلار...» ھاۋادا قوماندانلىق قىلىشنى ئۈستىگە ئالغان يىڭجاڭ گاۋ يەن ئېغىر- بېسىقلىق بىلەن كۆپ خىل ئايروپىلان تۈرىنىڭ داۋاملىق ئۇچۇش مەشىقى قىلىشىغا قوماندانلىق قىلدى؛ يۇقىرى قاتلام ھاۋا بوشلۇقىدا، تىرانسپورت تىك ئۇچار ئايروپىلانى بىلەن ھۇجۇمچى تىك ئۇچار ئايروپىلاننى ئادەتتىكىدەك تەشكىللەپ ماسلاشتۇردى. كىرىتىك ئۇچۇش مەشىقى ھازىر 1- يىڭدا دائىملىق ھالەتكە ئايلاندى.

  «مەشىق ۋاقتىنىڭ زور دەرىجىدە كۆپىيىشى، مەشىقنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسىنىڭ ئېشىشى ۋە مەشىقنىڭ سىجىللىقىنىڭ كۈچىيىشى 1- يىڭنىڭ بۇ يىل ئەسكەرلەرنى مەشىقلەندۈرۈپ جەڭگە تەييارلىق كۆرۈشتىكى ئەڭ چوڭ ئۆزگىرىشى بولدى»، دېدى گاۋ يەن.

  كۆپچىلىك «ئۇچۇش ھاۋاغا باقىدۇ» دېيىشىدۇ، لېكىن جەڭ ۋە ۋەزىپە ياخشى ھاۋا رايىنى تاللىيالمايدۇ. غەربىي شىمال ئېگىزلىكىدە دائىم كۆرۈلىدىغان ناچار ھاۋا رايىنىڭ «توغرا كېلىپ قېلىشى» ئۇچقۇچىلارنىڭ كۆز ئالدىدىكى «داۋان» «توسۇق» «خەنجەر» ئىدى.

  شۇنىڭ ئۈچۈن، 1- يىڭ تېخنىكىلىق تاكتىكا ئاساسىي مەشىقىنى كۈچەيتىش جەريانىدا، قىيىنلىق دەرىجىسى، سىجىللىق دەرىجىسى، خەتەرلىك دەرىجىسىنى ئۈزلۈكسىز گەۋدىلەندۈردى. ئۇلار جايلاشقان ئورنىنىڭ كۆرۈش دەرىجىسى تۆۋەن بولۇش، قىيپاش شامال چىقىش، قار- يامغۇرلۇق، تۇمانلىق بولۇشتەك مۇرەككەپ ھاۋا رايىنى ئەۋزەل تەبىئىي شارائىتتىكى ئۇچۇش ماھارىتىنى چېنىقتۇرىدىغان «تەبىئىي پېچ» دەپ بىلدى؛ تاغ چوققىسىدىكى يانتۇلۇق، تار، كىچىك سۇپا قاتارلىق ئالاھىدە مەيدانلاردا ئۇچۇش، قونۇشنى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇردى؛ بوش يەردە قوماندانلىق قىلىش، تاغ جىلغىسىدا ئۇچۇش ۋە دالىدا جەڭ قىلىشنى كاپالەتلەندۈرۈشنى گەۋدىلەندۈردى؛ زەربە بېرىش، چەك ئارىلىقتا كۆچۈش قاتارلىق تېما مەشىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بۇنىڭدىن بىر تۈركۈم ئەمەلىي جەڭ تەجرىبىسىنى رەتلەپ چىقىپ، ئېگىزلىك رايونىدا تىك ئۇچار ئاپروپىلاننىڭ مۇقىم ئىقتىدارى تۆۋەنلەش، ئۇچۇش، قونۇشى قىيىن بولۇش قاتارلىق 20 دىن ئارتۇق مەشىقتىكى قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلىپ، ئارمىيەمىز تىك ئۇچار ئايروپىلانىنىڭ ئېگىزلىكتە ئۇچۇش مەشىقى ۋە كاپالىتى جەھەتتىكى كۆپ تۈردىكى بوشلۇقنى تولدۇرۇپ، قىسىمنىڭ جەڭ قىلالايدىغان، غەلىبىلىك جەڭ قىلىدىغان ئىقتىدارىنى يەنىمۇ ئۆستۈردى.

  «يەر يۈزىدە جاپالىق مەشىق قىلىش، ھاۋادا توغرا ئۇچۇش» 1- يىڭنىڭ گۇرۇپپا مەشىقىدە كوماندىر- جەڭچىلەرگە قويىدىغان ئەنئەنىۋى تەلىپى ئىدى.

  بۇ ئەنئەنىگە ئاساسەن، پارتكومنىڭ مەشىقنى تۇتۇشى مەلۇم بىرەيلەننىڭ بىر قېتىملىق كىيىنىشى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن كەلمەسلىك سەۋەبىدىن پىلان ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ، بىر قېتىملىق ۋەزىپە چۈشۈرگەندە كېچىكىپ قېلىش سەۋەبىدىن بىر ھەپتە «ئۇچۇش توختىتىلىدۇ»، نۇرغۇن يېڭى يولداش بۇنى چۈشەنمەي، بۇ، كىچىك ئىشنى چوڭايتىۋەتكەنلىك، دەپ قارىدى. ھالبۇكى، «پېشقەدەم ئۇچقۇچى»لارغا ئايان ئىدىكى، بۇ خىل ئىنتايىن قاتتىق كۈندىلىك ئىستىلنى يېتىلدۈرۈشلا ئاۋىياتسىيە قىسىمى جەڭچىلىرىنىڭ جەڭگاھتا ھايات قېلىشنىڭ ۋە ئەمەلىي جەڭ ئىقتىدارىنى چېنىقتۇرۇشىنىڭ كۈچلۈك كاپالىتى ئىدى.

  ھازىر، يىڭنى ئاساسىي گەۋدە قىلىپ ئىزدىنىش ئارقىلىق ياخشىلانغان «باشقا جايدا ماس قەدەملىك بولۇش، بىر كۈندە كۆپ مەيدان مەشىق قىلىش، بىر مەيداندا كۆپ نۇقتىدا مەشىق قىلىش، بىر رايوندا كۆپ قاتلاملىق مەشىق قىلىش، بىر قاتلامدا كۆپ ئايروپىلان مەشىق قىلىش»تەك مەشىققە تەشكىللەش ئەندىزىسى پۈتۈن يىڭدىكى ئوفىتسېر- ئەسكەرلەرنىڭ مەشىق ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپلا قالماي، يەنە بىر پىشقان ئۇچقۇچىنى يېتىشتۈرۈش دەۋرىنى ئوتتۇرىچە ئىككى يىلدىن ئۈچ يىلغىچە قىسقارتتى، ئۈنۈملۈك مەشىق ئەندىزىسى كەڭ كۆلەمدە قوللىنىلدى.

  10- ئاينىڭ 19- كۈنى، شىنجاڭ ھەربىي رايونى مەلۇم قۇرۇقلۇق ئاۋىياتسىيە لۈيىنىڭ مۇئاۋىن لۈيجاڭى ۋاڭ خوۋگو مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: 1- يىڭدىكى ئوفىتسېر- ئەسكەرلەر «تۇنجى جەڭگە بىز قاتنىشىمىز، بىزقاتناشساق جەزمەن غەلىبە قىلىمىز» دەيدىغان ئىدىيەنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، كىرىتىك چەكتىكى قارشىلىشىشتا تېخنىكىلىق، تاكتىكا سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئەينەن، خەتەرلىك، قىيىن جەڭگاھلاردا ھايات قېلىش ئىقتىدارىنى چېنىقتۇرۇپ، كەلگۈسى جەڭگاھتىكى تۇيۇقسىز ھۇجۇمدىن مۇداپىئەلىنىش خەنجىرى بەرپا قىلىپ، پولات قانات تاۋلاپ چىقتى.

  جەڭ بۈركۈتلىرى گۈركىرىمەكتە، تۆمۈر قاناتلار پىرقىرىماقتا؛ بوشلۇقتا توختىدى، بۆلۈمچىسى ئېچىلدى؛ 1- يىڭنىڭ ئوفىتسېر- ئەسكەرلىرى يېڭى دەۋردە پارتىيەنىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنى ھەر بىر مەيدان مەشىق، ھەر بىر ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇپ، تولۇپ تاشقان ئىپتىخارلىق بىلەن ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنىڭ جەڭ مارشىنى ياڭراتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى