تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

يېڭى تارىخىي باش پەللىدە دۆلىتىمىزنىڭ جىددىي ۋەقەلەرنى باشقۇرۇش ئىشلىرىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىمىز

 ــــ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ دۆلەت ئۇنىۋېرسال ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش- ياردەم بېرىش قوشۇنىغا بايراق بېرىشى ھەم قىلغان تەلىم سۆزى كەڭ ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش- ياردەم بېرىش خادىملىرىغا ئىلھام، مەدەت بەردى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى يې خاۋمىڭ، چى جۇڭشى

  جۇڭگو ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش- ياردەم بېرىش ئەترىتى ئەترەت بايرىقىنى قوغداش ھۆرمەت قاراۋۇللىرى ئەترىتىنىڭ بايراق كۆتۈرگۈچىسى لى جياخۇيغا نىسبەتەن، بۇ مەڭگۈ ئۇنتۇلماس بىر كۈن بولدى. 2018- يىلى 11- ئاينىڭ 9- كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ دۆلەت ئۇنىۋېرسال ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش- ياردەم بېرىش قوشۇنىغا بايراق بەردى ھەم تەلىم سۆزى قىلدى. بايراق بېرىش مۇراسىمىدا، ئۇ سەپداشلىرى بىلەن بىللە ئەترەت بايرىقىنى قوغداپ، باش شۇجىنىڭ ئالدىغا كەلدى، باش شۇجى شى جىنپىڭ بايراقنى قوشۇنغا بەردى، بۇنىڭ بىلەن دۆلىتىمىزنىڭ جىددىي ۋەقەلەرنى باشقۇرۇش ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ يېڭى بىر بېتى ئېچىلدى.

  باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقى كەڭ ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش- ياردەم بېرىش خادىملىرىغا زور ئىلھام، مەدەت بەردى. كۆپچىلىك تەلىم سۆزىنىڭ يادرولۇق مۇھىم ئەھمىيىتى ۋە مول مەزمۇنىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، خىزمەت جەريانىدا پائال ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، تەلىم سۆزىنى ھەقىقىي ھالدا قان- تومۇرىغا سىڭدۈرۈپ، روھىغا ئورنىتىپ، پارتىيە ۋە خەلق ئۈچۈن يەنە يېڭى تۆھپە قوشىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.

  «دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشقا ماسلىشىپ چىقىرىلغان ئىستراتېگىيەلىك تەدبىر»

  دۆلەت ئۇنىۋېرسال ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش- ياردەم بېرىش قوشۇنى تەشكىللەش پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشقا ماسلىشىپ چىقارغان ئىستراتېگىيەلىك تەدبىرى، مەۋقەنى دۆلىتىمىزنىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ۋە ئاپەت، ھادىسە ئالاھىدىلىكىگە قويۇپ، يېڭى دەۋردىكى دۆلەت جىددىي قۇتقۇزۇش- ياردەم بېرىش سىستېمىسى بەرپا قىلىشتىكى مۇھىم تەدبىر.

  27 يىللىق «ئوت ئۆچۈرۈش ئىستاژى»غا ئىگە جىلىن ئورمان ئوت ئۆچۈرۈش باش ئەترىتىنىڭ سىياسىي كومىسسارى رېن لىشىن بايراق بېرىش مۇراسىمىغا قاتناشقاندىن كېيىن ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «بىز ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش- ياردەم بېرىش خادىملىرى باش شۇجى شى جىنپىڭ ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ دۆلەت جىددىي قۇتقۇزۇش- ياردەم بېرىش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىسىنىڭ ئىلمىيلىكى، توغرىلىقى، زۆرۈرلۈكىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، سىياسىيدا قەتئىي ھىمايە قىلىپ، ئىدىيەدە يۈكسەك دەرىجىدە قەلبتىن ئېتىراپ قىلىپ، تەشكىلىي جەھەتتە ئاڭلىق بويسۇنۇپ، ھەرىكەتتە يېقىندىن ئەگىشىپ مېڭىشىمىز كېرەك».

  «باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تەلىم سۆزى <نېمە ئۈچۈن دۆلەت ئۇنىۋېرسال ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش- ياردەم بېرىش قوشۇنىنى قۇرۇش كېرەك، قانداق قوشۇن قۇرۇش كېرەك، بۇ قوشۇننى قانداق قۇرۇپ چىقىش كېرەك> دېگەن مۇھىم، زور مەسىلىلەرگە ئىلمىي جاۋاب بەردى». لياۋنىڭ ئوت ئۆچۈرۈش باش ئەترىتى شېنياڭ ئوت ئۆچۈرۈش تارماق ئەترىتى چىگۇڭ ئوتتۇرا ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن ئوتتۇرا ئەترەت باشلىقى خۇ بويۈ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: باش شۇجىنىڭ بايراق بېرىشى ھەم تەلىم سۆزى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بۇ قوشۇنغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقى، چوڭقۇر ئىشەنچى ۋە سەمىمىي تاپشۇرۇقىنى تولۇق نامايان قىلدى.

  ھەر قېتىملىق ئاپەت، ھادىسىدە ئاتاكىغا ئۆتۈپ سەپنىڭ ئالدىدا مېڭىش، ھەر قېتىم خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى، مال- مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن باتۇرلۇق بىلەن كۈرەش قىلىش. خېنەن ئوت ئۆچۈرۈش باش ئەترىتى شىنشياڭ تارماق ئەترىتى شىنشياڭ ناھىيەلىك چوڭ ئەترىتى 1- ئوتتۇرا ئەترىتىنىڭ كوماندىرى رۇەن جېڭنەن ۋە ئۇنىڭ سەپداشلىرى ئۈچۈن ئېيتقاندا، بۇ ئۇلارنىڭ كۈندىلىك خىزمىتى.

  باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تەلىم سۆزىنى ئۆگەنگەندىن كېيىن، رۇەن جېڭنەن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بىز زور بىخەتەرلىك خەۋپ- خەتىرىدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئۇنى پەسەيتىش، تۈرلۈك ئاپەت، ھادىسىلەرگە تاقابىل تۇرۇش ۋە ئۇلارنى بىر تەرەپ قىلىشتەك مۇھىم مەسئۇلىيەتنى زىممىمىزگە ئالغان، بۇنىڭدىن كېيىن ئۆزىمىزگە تېخىمۇ قاتتىق تەلەپ قويۇپ، خىزمىتىمىزنى تىرىشىپ ياخشى ئىشلەپ، قىيىنچىلىق، توسالغۇدىن قورقماي، ئاتاكىغا ئۆتۈپ سەپنىڭ ئالدىدا مېڭىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى، مال- مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن قەيسەرانە ئالغا ئىلگىرىلەيمىز.

  «مەڭگۈ پارتىيە ۋە خەلقنىڭ سادىق قوغدىغۇچىلىرىدىن بولۇش»

  «فورمام سېلىۋېتىلگەن، ساقچى ئۇنۋانىم ئېلىۋېتىلگەن بولسىمۇ، لېكىن مەن يەنىلا ئۆز تاللىشىم ۋە ئىرادەمدە چىڭ تۇرىمەن. دۆلەتنىڭ ئوت ئۆچۈرۈش ئىشلىرىنى بىز زىممىمىزگە ئالدۇق، ئوت ئۆچۈرۈشتىن ئىبارەت بۇ كەسىپ مېنىڭ قەتئىي ئۆزگەرمەس تاللىشىمدۇر».

  11- ئاينىڭ 9- كۈنى چۈش، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ دۆلەت ئۇنىۋېرسال ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش- ياردەم بېرىش قوشۇنىغا بايراق بەرگەنلىكى ھەم تەلىم سۆزى قىلغانلىقىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، يۈننەن ئورمان ئوت ئۆچۈرۈش باش ئەترىتى لىجياڭ تارماق ئەترىتى گۇچېڭ ئوتتۇرا ئەترىتىنىڭ ئوتتۇرا ئەترەت باشلىقى ما جيېجاڭ مۇنداق دېدى: «بىز باش شۇجى ئوتتۇرىغا قويغان پارتىيەگە سادىق بولۇش، ئىنتىزامچان بولۇش، سۇ كەلسە سۇدىن، ئوت كەلسە ئوتتىن يانماسلىق، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش تەلىپىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، خەلق ئاممىسى ئەڭ ئېھتىياجلىق بولغان ۋاقىتتا ئاتاكىغا ئۆتۈپ سەپنىڭ ئالدىدا مېڭىشىمىز كېرەك».

  «پارتىيەنىڭ بۇيرۇقىغا قەتئىي بويسۇنۇپ، مەڭگۈ پارتىيە ۋە خەلقنىڭ سادىق قوغدىغۇچىلىرىدىن بولۇش كېرەك». باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تەلىپى ما جيېجاڭغا ئوخشاش مىڭلىغان، ئونمىڭلىغان ئاساسىي قاتلام ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش- ياردەم بېرىش خادىملىرىنىڭ سىياسىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە تارىخىي بۇرچ تۇيغۇسىنى يەنىمۇ كۈچەيتتى ھەم پولاتتەك قوشۇننىڭ يەنە پولاتتەك ئىنتىزامى بولۇشى كېرەك دېگەن بۇ تەلەپنى يەنىمۇ كۈچەيتتى.

  «ۋەزىپە ئىجرا قىلىش ئاپتوموبىل گۇرۇپپىسىنىڭ 1- ئاپتوموبىلىدىكى ئالتە كىشى دابېي سۈرەتخانىسىنىڭ شىمالىي يان تەرىپىدە ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتىدۇ، نۆۋەتتىكى ئەھۋالنىڭ ھەممىسى نورمال، دوكلات تۈگىدى». بۇنداق سۆزلەر ھەر كۈنى سەھەردە ئاپتوموبىلغا ئورنىتىلغان رادىيو ئىستانسىسىدا قويۇلۇپ تۇرىدۇ، پايتەخت يادرولۇق رايونىنىڭ ئوت ئۆچۈرۈشتىكى دائىمىي كۈچى بولۇش سۈپىتى بىلەن، بېيجىڭ باش ئەترىتى دۇڭچېڭ تارماق ئەترىتى چيەنمېن شيەنيۈكوۋ ئوتتۇرا ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن ئەترەت باشلىقى پەن پېيخۇڭ ۋە سەپداشلىرى چيەنمېن رايونىنىڭ ئوت ئۆچۈرۈش مۇداپىئەسى ۋە ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش- ياردەم بېرىش ئېغىر ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان، ۋەزىپە ئىجرا قىلىش ئۇلارنىڭ كۈندىلىك زۆرۈر دەرسلىكى.

  «بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تەلىم سۆزىنىڭ تەلىپىگە قاتتىق ئەمەل قىلىپ، ئىنتىزامچان بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىنتىزامچان قوشۇن قۇرۇش ئۆلچىمىدە چىڭ تۇرۇپ، شەرەپلىك ئەنئەنە ۋە ئېسىل ئىستىلنى جارى قىلدۇرۇپ، تەربىيەنى چىڭىتىپ، مەشىقنى چىڭىتىپ، باشقۇرۇشنى چىڭىتىپ، تەلەپنى چىڭىتىپ، بۇيرۇققا بويسۇنۇپ، قوماندانلىققا بويسۇنۇپ، مەركەزلىك بىرتۇتاش بولۇپ، قەدەمنى بىردەك ئېلىپ، پولاتتەك ئىنتىزام ئارقىلىق پولاتتەك قوشۇن بەرپا قىلىمىز» دېدى پەن پېيخۇڭ.

  مەيلى ۋەزىپە ئىجرا قىلىش ئورنىدا بولسۇن ياكى ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش نەق مەيدانىدا بولسۇن، كەڭ ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش- ياردەم بېرىش خادىملىرى ھەرىكىتى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ مەسئۇلىيىتى ۋە بۇرچىنى ئىزاھلىماقتا.

  ئوتتۇرا ئەترەت يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 2320 قېتىم چارلاشقا چىقتى، ئەڭ كۆپ بولغاندا بىر كۈندە 26 قېتىم چارلاشقا چىقتى... بۇ، بىرىنچى سەپتە 11 يىل جەڭ قىلغان گۇاڭدۇڭ ئوت ئۆچۈرۈش باش ئەترىتى گۇاڭجوۋ تارماق ئەترىتى شىچياۋ ئوتتۇرا ئەترىتىنىڭ سىياسىي يېتەكچىسى جاڭ جېنفېڭنىڭ خىزمەت خاتىرىسى. ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تەلىم سۆزىنىڭ تەلىپى بويىچە، دۆلەت ئەترىتىلىك، ئاساسىي قوشۇنلۇق ئورۇننى نىشانلاپ، تېخىمۇ كۆتۈرەڭگۈ روھىي قىياپەت ۋە تېخىمۇ قەيسەر كۈرەش ئىرادىسى بىلەن، بېسىمنى ئاشۇرۇپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىپ، جىددىي قۇتقۇزۇش ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن تۆھپە قوشىمىز.

  «خەلق ئاممىسى ئەڭ ئېھتىياجلىق بولغان ۋاقىتتا ئاتاكىغا ئۆتۈپ سەپنىڭ ئالدىدا مېڭىش»

  «<خەلق ئوت ئۆچۈرۈشى خەلق ئۈچۈن>، بۇ، بىزنىڭ ئىلگىرى بەرگەن قەسىمىمىز. بۇ خىزمەت بىلەن شۇغۇللىنىشنى تاللاش جاپا- مۇشەققەتتىن، خەۋپ- خەتەردىن قورقماسلىققا، قىيىنچىلىقتىن قورقماسلىققا، پايدا- زىيان بىلەن ھېسابلاشماسلىققا، بۇرچنى ئادا قىلىشقا موھتاج، پۇقرالارنىڭ ھاياتى، مال- مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى قوغداشنى ئەڭ زور ئىش دەپ بىلىش كېرەك» دېدى جىلىن ئورمان ئوت ئۆچۈرۈش باش ئەترىتى بەيشەن تارماق ئەترىتىنىڭ سىياسىي كومىسسارى خۇ تاۋ.

  «ئۇزاقتىن بۇيان، ئوت ئۆچۈرۈش قوشۇنى پۇقرالارغا ئەڭ يېقىن تۇرغان، ئالاقىسى ئەڭ قويۇق قوشۇن بولۇش سۈپىتى بىلەن، مەلۇمات تاپشۇرۇۋالغان ھامان دەرھال نەق مەيدانغا ئاتلىنىپ، سىگنال ئاڭلانغان ھامان ھەرىكەتكە كېلىپ، خەلق ئاممىسى ئەڭ ئېھتىياجلىق بولغان جايدا جاسارەت بىلەن جەڭ قىلدى». باش شۇجى شى جىنپىڭ ئوت ئۆچۈرۈش قوشۇنىغا يۈكسەك باھا بېرىپ، كەڭ ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش- ياردەم بېرىش خادىملىرىنى غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قوشۇشقا ئىلھاملاندۇردى.

  11- ئاينىڭ 9- كۈنى سەھەر، يول چىراغلىرىنىڭ نۇرى خۇبېي ئوت ئۆچۈرۈش باش ئەترىتى ۋۇخەن تارماق ئەترىتى ئالاھىدە جىددىي ئەھۋال 1- ئوتتۇرا ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن ئوتتۇرا ئەترەت باشلىقى يې جۇاڭنىڭ يۈزىگە چۈشتى، ئەمدىلا چارلاش ۋەزىپىسىنى ئورۇنداپ قايتقان يې جۇاڭ تەرىنى سۈرتۈپ، ئەسۋابلىرىنى يىغىشتۇرۇپ قايتىشقا تەييارلاندى.

  بىر يىللىق ئوت ئۆچۈرۈش خادىمىلىق كەچۈرمىشى جەريانىدا، يې جۇاڭ قانچە قېتىملاپ ئۇخلاۋاتقاندا ئېلېكتىر قوڭغۇرىقىنىڭ ئاۋازىدىن چۆچۈپ ئويغانغانلىقىنى، قانچە قېتىملاپ تۈن يېرىمىدا ئاپتوموبىل ھەيدەپ ۋەزىپە ئىجرا قىلىشقا چىققانلىقىنى بىلمەيدۇ. «ئېلېكتىر قوڭغۇرىقىنىڭ سايرىغانلىقى خەلق ئاممىسىنىڭ چاقىرىۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. پەقەت خەلق ئاممىسى ئېھتىياجلىق بولسىلا، بىز 119 ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش- ياردەم بېرىش قوشۇنى ۋاقتىدا خەلق ئاممىسىنىڭ يېنىدا پەيدا بولىمىز» دېدى يې جۇاڭ.

  «مەن بەختىمگە يارىشا بۇ ئۇلۇغ دەۋردىكى ئۇلۇغ قوشۇننىڭ بىر ئەزاسىغا ئايلىنىپ، بۇرچۇمنىڭ شەرەپلىكلىكىنى، مەسئۇلىيىتىمنىڭ مۇھىم، زورلۇقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم، مەن مەسئۇلىيەتنى زىممەمگە ئېلىپ، خەلقنى قەلبىمگە پۈكۈپ، كىشىلىك ھايات قىممىتىمنى ۋەتەننىڭ جىددىي قۇتقۇزۇش- ياردەم بېرىش ئىشلىرى ئۈچۈن كۈرەش قىلىش جەريانىدا نامايان قىلىمەن!» شىنجاڭ ئورمان ئوت ئۆچۈرۈش باش ئەترىتى ئىلى تارماق ئەترىتىنىڭ بەنجاڭى ياڭ گولىن مۇنداق دېدى: ئىقتىدارىمنى داۋاملىق ياخشى يېتىلدۈرۈپ، ۋەتەننىڭ چېگراسىدا كىشىلىك ھاياتىمنىڭ گۈزەل سەھىپىسىنى پۈتىمەن.

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11- ئاينىڭ 10- كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى