تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

تېخىمۇ ئوچۇق قىياپەت بىلەن «بىر بەلباغ، بىر يول»غا سىڭىشىش

  شىنجاڭ تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسىگە قاتنىشىپ مول ھوسۇلغا ئېرىشتى −

  مۇخبىرلىرىمىز شى شىن، چېن چياڭۋېي

   11- ئاينىڭ 10- كۈنى، تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسى شاڭخەيدە ئاخىرلاشتى.

  كۆرگەزمە مەزگىلىدە، مىغ- مىغ ئادەم بىلەن تولغان كۆرگەزمە سۇپىلىرى ئالدىدا، ئارىلاپ- ئارىلاپ شىنجاڭنىڭ يەرلىك شىۋىسىدىكى ئاۋازلار ئاڭلىنىپ تۇراتتى؛ ئالدىراش كۆرگەزمە مەيدانىدا، ئارىلاپ- ئارىلاپ شىنجاڭلىقلارنىڭ تونۇش چىرايىنى كۆرگىلى بولاتتى. ئۇلار راۋان چەت ئەل تىلىدا ياكى قول ئىشارىسى ئارقىلىق چېگرا سىرتىدىن كەلگەن مېھمانلار، سودىگەرلەر بىلەن قىزغىن پىكىر ئالماشتۇراتتى؛ بەزىلىرى تولىمۇ ئالدىراش بولۇپ، مىنۇت- سېكۇنتنى قولدىن بەرمەي، كېڭىشىش ۋە سۆھبەتكە قاتنىشاتتى...

  يەر شارى بويىچە تۇنجى ئىمپورت باش تېما قىلىنغان كۆرگەزمىدە، شىنجاڭ سىرتقا ئېچىۋېتىشنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىش «رىتىمى»غا قەدەم ئېلىپ، يەرشارىلىشىش نەزەرى بىلەن، تەرەققىيات يېڭى پۇرسىتى ئىزدەپ، خەلقئارا ئىقتىساد- سودا ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا يېڭى ھاياتىي كۈچ قوشۇپ، تېخىمۇ ئوچۇق قىياپەت بىلەن «بىر بەلباغ، بىر يول»غا سىڭىشتى.

  دۇنيادىن ئۆگىنىپ، خەلقئارا بىلەن تۇتىشىش

  شىنجاڭ ئاسىيا- ياۋروپا خەلقئارا ماددىي ئەشيا سودا مەركىزى چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى جاڭ خۇڭپىڭ مۇنداق دېدى: مەن ھەر بىر كۆرگەزمە سۇپىسىدىكى ئېسىل نەرسىلەرنى ئەستە تۇتۇۋېلىشنى ئۈمىد قىلدىم، لېكىن ئەمەلىيەتتە قىسقىغىنا بىرنەچچە كۈندە 300 مىڭ كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان كۆرگەزمە رايونىدا پەقەت ئات ئۈستىدە گۈل كۆرگەندەكلا بولدۇم. مەن مۇلازىمەت سودىسى، يېمەكلىك ۋە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى، كىيىم - كېچەك ۋە زىبۇ- زىننەت بۇيۇملىرى ھەم كۈندىلىك ئىستېمال بۇيۇملىرى كۆرگەزمە رايونىغا نۇقتىلىق دىققەت قىلدىم، چۈنكى بۇ ساھەلەر ماڭا ئالدىن مۆلچەرلىگىلى بولىدىغان «كەلگۈسى»نى ھەقىقىي ئۇچراشتۇرۇپ، كارخانىلاردىكى كەمتۈكلۈكنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

  ئىمپورت كۆرگەزمىسىدىن ئىبارەت بۇ «يەر شارىدىن سېتىۋېلىش» سۇپىسى ئارقىلىق شىنجاڭ سودا ئۆمىكىدىكى سېتىۋېلىش سودىگەرلىرى ئۆزى ئېھتىياجلىق تاۋار ۋە مۇلازىمەتكە ئېرىشەلەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، بۇ يەنە تەستە ئۇچرايدىغان ئۆگىنىش ۋە تەلەپكە ئۇيغۇنلىشىش كۆزنىكى بولۇپ، كۆزدىن كەچۈرۈش، چەت ئەللەرنىڭ يېڭى مەھسۇلاتلىرى، يېڭى تېخنىكىسى، يېڭى مۇلازىمىتى، يېڭى ئەندىزىسى، يېڭى كەسىپ ھالىتىنى چۈشىنىش ئارقىلىق مەھسۇلات، تېخنىكا، ماركا، مۇلازىمەت قاتارلىقلارنىڭ دەرىجىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، كارخانىلارنىڭ بازار رىقابەت كۈچى ئاشۇرۇلىدۇ.

  ئورتاق بىر دۇنيا، ئوخشاش بىر ئارزۇ. گىرۇزىيە كاكخېتى ئاتا مىراس ھاراق قورۇقى چەكلىك شىركىتىنىڭ ئېكسپورت دىرېكتورى مارىيەمۇ ئىمپورت كۆرگەزمىسىدە جۇڭگو كارخانىلىرى بىلەن ھەمكارلىشىدىغان تېخىمۇ كۆپ پۇرسەت تېپىشنى ئۈمىد قىلدى. بۇ شىركەتنىڭ جۇڭگو شىنجاڭدا ئۇزاقتىن بۇيان ھەمكارلىشىپ كېلىۋاتقان سودا ھەمراھى بار بولۇپ، ئۇلار ئىمپورت كۆرگەزمىسىدىن ئىبارەت بۇ پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويۇشنى خالىمىدى. «بۇ بىرنەچچە يىلدا شىنجاڭدىكى ۋاكالەتچى سودىگەرلەر بىلەن بولغان ھەمكارلىقىمىز ناھايىتى كۆڭۈللۈك بولدى، ئۇلار بىلەن ھەمكارلىشىش بىزگە جۇڭگو بازىرىنىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى كۈچلۈك سېتىۋېلىش كۈچىنى كۆرسەتتى. ئىشىنىمىزكى، ئىمپورت كۆرگەزمىسى پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، بىز جۇڭگو ئىستېمالچىلىرىنىڭ ئېھتىياجىنى تېخىمۇ كۆپ ئىگىلەپ، جۇڭگو بازىرىنى تېخىمۇ كەڭ ئاچالايمىز».

  ئاپتونوم رايونلۇق سودا ئىشلىرى نازارىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن نازىر جوۋ چياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ نۆۋەتلىك ئىمپورت كۆرگەزمىسىگە قاتناشقان شىنجاڭ سودا ئۆمىكى ئالماشتۇرۇش ۋە سودىدا پۈتۈشۈش جەھەتتە يېتەرلىك تەييارلىق قىلىپ، نەتىجىگە ئېرىشتى. كۆرگەزمە ۋە يۈرۈشلۈك پائالىيەتلەر ئارقىلىق شىنجاڭ كارخانىلىرى دۆلەت ئىچى- سىرتىدىكى كۆرگەزمىگە قاتناشقان سودىگەرلەر، سېتىۋېلىش سودىگەرلىرى بىلەن بىر سەھنىدە ئالماشتۇرۇپ، كېڭىشىپ، دۇنيادىن ئۆگىنىپ، خەلقئارا بىلەن تۇتىشىپ، ھەممەيلەن مول ھوسۇلغا ئېرىشتى.

  يەر شارى خاراكتېرلىك ھەمكارلىشىش، تەرەققىياتنى ئورتاق كۆزلەش

  1 مىليارد يۈەنلىك زاكاز، بۇ، ئالاھىدە تىرانسفورموتور پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ بۇ نۆۋەتلىك ئىمپورت كۆرگەزمىسىدە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىسى.

  «بۇ شۇنى تولۇق ئىسپاتلاپ بەردىكى، ئىمپورت كۆرگەزمىسى يەر شارى سودىسىنىڭ ئەركىنلەشتۈرۈلۈشى، قولايلاشتۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، ۋاقتىمىز ۋە خىراجىتىمىزنى تېجەپ، بىزنى تېخىمۇ زور ئۈنۈمگە ئېرىشتۈردى» دېدى ئالاھىدە تىرانسفورموتور پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى جاڭ شىن، ئۇ كېلەر يىلى يەنە كۆرگەزمىگە قاتنىشىمىز، دېدى.

  گېرمانىيە رېينخاۋسىن ماشىنىسازلىق- ياسىمىچىلىق شىركىتى ئالاھىدە تىرانسفورموتور پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ ھەمكارلىق ھەمراھلىرىنىڭ بىرى، بۇ شىركەت 150 يىللىق تەرەققىيات مۇساپىسىدە، جۇڭگونىڭ توك يەتكۈزۈش، توك تەقسىملەش تورىغا 40 نەچچە يىل ھەمراھ بولۇپ بىللە ئۆسۈپ يېتىلدى. 2006- يىلىدىن باشلاپ، جۇڭگودا تولۇق مەبلەغلىك سېتىش، مۇلازىمەت ۋە ياساش شىركىتىنى قۇرغاندىن كېيىن، جۇڭگو بازىرىدا يەنىمۇ يىلتىز تارتىش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشتى. بۇ شىركەتنىڭ يەر شارى باش لىدىرى مايك رود بىزگە مۇنداق دېدى: ئۇزاقتىن بۇيان، جۇڭگو ئىزچىل دۇنيا ئېنېرگىيە ساھەسىنىڭ مۇھىم قاتناشقۇچىسى ۋە يەر شارى ئېلېكتىر تورىنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان قۇرۇلۇش كۈچى بولۇپ كەلدى، بۈگۈنكى كۈندە، رېينخاۋسىن شىركىتى ئالاھىدە تىرانسفورموتور شىركىتى بىلەن قول تۇتۇشۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، ئۆز ئارتۇقچىلىقىنى جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭگو ئېلېكتىر تورى، دۇنيا ئېلېكتىر تورىنىڭ يەنىمۇ تەرەققىي قىلىشىغا ئورتاق تۈرتكە بولۇپ، كەلگۈسىدە تېخىمۇ كاتتا سەھىپىنى ئاچىدۇ.

  ئەنئەنىۋى سودا ھەمراھلىرى بىلەن ياخشى ھەمكارلىقنى ساقلاش بىلەن بىللە، شىنجاڭ سودا ئۆمىكىدىكىلەر يېڭى سودا ئالاقىسى ئورناتتى. 11- ئاينىڭ 8- كۈنى، شىنجاڭ چارۋىچىلىق پەنلەر ئاكادېمىيەسى پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسىدىن كەلگەن كارخانا بىلەن ئوت- چۆپ تېرىقچىلىقىدىن چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرى، باقمىچىلىق، پىششىقلاشقىچە بولغان ئومۇمىي كەسىپلەر زەنجىرى ھەمكارلىق تۈرىنى ئىمزالىدى.

  بۇ جەريانغا گۇۋاھ بولغان جوۋ چياڭ ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: ئىمپورت كۆرگەزمىسى ئارقىلىق شىنجاڭ كارخانىلىرى، مەھسۇلاتلىرى ۋە مۇلازىمىتىنى خەلقئارالاشتۇرۇش قەدىمى ئومۇميۈزلۈك تېزلىتىلدى.

  ئوچۇق كەيپىيات بىلەن شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش

  ھەمكارلىق ئارقىسىدىكى ھېكايىلەر تېخىمۇ قالتىس.

  بۇ نۆۋەتلىك ئىمپورت كۆرگەزمىسىدە، ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورت رايونى سودا مىنىستىرلىقى قارىمىقىدىكى جۇڭگو ۋۇكۇاڭ خىمىيە سانائىتى ئىمپورت- ئېكسپورت سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسى، جۇڭگو يېمەكلىك، يەرلىك چارۋا ئىمپورت- ئېكسپورت سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسى، خەلقئارا قۇرۇقلۇق كۆۋرۈكى تىرانسپورت خىزمىتى كومىتېتى قاتارلىق ئالتە سودا ئۇيۇشمىسى بىلەن ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق رامكا كېلىشىمى ئىمزالىدى، دۇيىسبۇرگ پورتى گۇرۇھى، پۇلۇس مەبلەغ سېلىش (شاڭخەي) چەكلىك شىركىتى قاتارلىقلار بىلەن چوڭقۇر ھەمكارلىق ئورناتتى.

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورت رايونى قۇرۇلۇش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى باقىت قىدىرباي مۇنۇلارنى بىلدۈردى: دەل ئىمپورت كۆرگەزمىسىنىڭ كۆلىمىنىڭ چوڭ، سۈپىتىنىڭ يۇقىرى، قاپلاش دائىرىسىنىڭ كەڭ بولۇشىدەك پايدىسى بىلەن، ئۈرۈمچى شەھىرى مول ھوسۇلغا ئېرىشتى. خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورت رايونى ئۈرۈمچىنىڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىش، سودا ئوبوروت مەركىزى بەرپا قىلىشتىكى مۇھىم ۋاسىتىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، دەل «مال يىغىلىش، باغچە قۇرۇش، كەسىپلەرنى توپلاش» ئومۇمىي تەرەققىيات تەپەككۇرى بويىچە، ئۇنىۋېرسال ئەشيا ئوبوروت تۈگۈنى، خەلقئارا تەمىنلەش زەنجىرى تەشكىلاتى، ئېچىۋېتىلگەن زامانىۋى كەسىپلەر توپلانغان 67 كىۋادرات كىلومېتىرلىق دائىرىدىكى كەسىپ بىلەن شەھەر ھەمتۈرتكە تەرەققىي قىلىدىغان رايوننى پىلانلاپ قۇرماقتا. بۇ نەتىجە جەزمەن تېخىمۇ يۇقىرى قاتلاملىق ئوچۇق ئىقتىسادنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئېگىزلىكىنى بەرپا قىلىشقا كۈچ قوشىدۇ.

  ئىمپورت كۆرگەزمىسى ئاياغلاشتى، ئەمما ئېچىۋېتىش- ھەمكارلىشىشقا تۈرتكە بولۇش، گۈزەل كەلگۈسىدىن ئورتاق بەھرىلىنىشنىڭ سەھىپىسى توختاپ قالمايدۇ.

  نوقۇل ھالدىكى ئىمپورت- ئېكسپورت سودىسىدىن چەت ئەللەرگە مەبلەغ سېلىپ زاۋۇت قۇرۇش، ماركېتىڭ يوللىرىنى سېتىۋېلىپ كەسىپلەرنى سىرتقا چىقىرىشنى يولغا قويۇشقىچە؛ ئۆز ئالدىغا تۈر قۇرۇلۇشىنى قانات يايدۇرۇشتىن لايىھە بىلەن تەمىنلەش، قۇرۇش، يۈرۈشتۈرۈشتىن ئىبارەت ئومۇمىي ھەل قىلىش لايىھەسى بىلەن تەمىنلەشكىچە... شىنجاڭ كارخانىلىرى ئەۋزەل ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى جەھەتتىكى خەلقئارا ھەمكارلىقنى كۈچەش نۇقتىسى قىلىپ، دۇنيا كەسىپ زەنجىرىگە تېز سۈرئەتتە سىڭىشمەكتە.

  «ئىمپورت كۆرگەزمىسىدە قۇرۇلغان يەرشارى ھەمكارلىق سۇپىسىدا، شىنجاڭ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئېلىشتەك تەرەققىيات پىرىنسىپىنى نەزەردە تۇتۇپ، تاشقى ئالماشتۇرۇشنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، كەسىپلەر سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئىستېمالنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، <بىر بەلباغ، بىر يول>غا تېزلىكتە سىڭىشتى. بۇ نۆۋەتلىك ئىمپورت كۆرگەزمىسى جەزمەن شىنجاڭ كارخانىلىرىنىڭ تېخىمۇ ئوچۇق قىياپەتتە خەلقئارا ئىقتىسادىي ھەمكارلىقنى كېڭەيتىشى، يەرشارى ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇشى، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشىدىكى يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىغا ئايلانغۇسى» دېدى جوۋ چياڭ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى