تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئاچتى

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىدا سۆزلىگەن ئاساسىي مەقسەت نۇتقى ۋە شاڭخەيدە خىزمەتلەرنى تەكشۈرگەندە سۆزلىگەن مۇھىم سۆزىنىڭ روھى، مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك رەھبەرلىك بەنزىسى ئەزالىرى بىلەن كوللېكتىپ سۆھبەتلەشكەندە سۆزلىگەن مۇھىم سۆزىنىڭ روھى، دۆلەت ئۇنىۋېرسال ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش- ياردەم بېرىش قوشۇنىغا سۆزلىگەن تەلىم سۆزىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش نىشاننى يېتەكچى قىلىپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ ئۈزلۈكسىز چوڭقۇر تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك

  چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

   مۇخبىرىمىز ياۋ تۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: 11- ئاينىڭ 10- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىدا سۆزلىگەن ئاساسىي مەقسەت نۇتقى ۋە شاڭخەيدە خىزمەتلەرنى تەكشۈرگەندە سۆزلىگەن مۇھىم سۆزىنىڭ روھى، مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك رەھبەرلىك بەنزىسى ئەزالىرى بىلەن كوللېكتىپ سۆھبەتلەشكەندە سۆزلىگەن مۇھىم سۆزىنىڭ روھى، دۆلەت ئۇنىۋېرسال ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش- ياردەم بېرىش قوشۇنىغا سۆزلىگەن تەلىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش پىكرىنى مۇزاكىرە قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىدا سۆزلىگەن ئاساسىي مەقسەت نۇتقى ۋە شاڭخەيدە خىزمەتلەرنى تەكشۈرگەندە سۆزلىگەن مۇھىم سۆزىنىڭ روھى جۇڭگونىڭ قەتئىي ھالدا ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشكە يېڭى قەدەم تاشلاش، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىشكە تۈرتكە بولۇش، ئوچۇق دۇنيا ئىقتىسادى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش ئىشەنچى ۋە ئىرادىسىنى تولۇق نامايان قىلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئاساسىي مەقسەت نۇتقى ۋە مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەقىقىي ھالدا «تۆت ئاڭ»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، تېخىمۇ پۇختا، كۈچلۈك تەدبىر ئارقىلىق ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشىنىڭ ئۈزلۈكسىز چوڭقۇر تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى داۋاملاشتۇرۇش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «ئۈچ ئۆزگەرمەسلىك» ئىلمىي ھۆكۈمىنى تولۇق تونۇپ، قەتئىي ھالدا ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، زېھنىنى مەركەزلەشتۈرۈپ، ئۆزىنىڭ ئىشىنى ياخشى قىلىپ، قەتئىي تەۋرەنمەي ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش كېرەك. قەتئىي ھالدا دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈش كېرەك. ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشنى ئىجتىمائىيلاشتۇرۇش، قانۇنچىللاشتۇرۇش، ئەقلىيلەشتۈرۈش، كەسىپلەشتۈرۈش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، خەلق ئاممىسى كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى كۈچەپ ياخشى ھەل قىلىپ، مۇقىملىقنىڭ پايدىسىنى سىجىل تارقىتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى تېخىمۇ كۆپ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىغا ئىگە قىلىش كېرەك. يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش كېرەك. مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىجادىي، ماس، يېشىل، ئوچۇق، ھەمبەھرە تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش تەلىپىدە چىڭ تۇرۇپ، قەتئىي ھالدا ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىپ، تېخىمۇ تەشەببۇسكارلىق بىلەن سۈپەت ئۆزگىرىشى، ئۈنۈم ئۆزگىرىشى، ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ئۆزگىرىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش چوڭ ئىشىنى ياخشى قىلىپ، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، نۇقتىلىق ساھە ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلاردىكى ئىسلاھات تەدبىرلىرىنىڭ مۇكەممەللىشىشى ۋە ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي تۈرتكە بولۇش؛ ئېچىۋېتىشنى ئومۇميۈزلۈك كېڭەيتىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، تىجارەت- سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىقىنى ئاكتىپ ئىلگىرى سۈرۈپ، تېخىمۇ چوڭقۇر قاتلامدىن، تېخىمۇ كەڭ ساھەدىن تېخىمۇ زور سالماق بىلەن ھەر تەرەپلىمە، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىشنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىش كېرەك. يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشى ئومۇمىي تەلىپىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە ئۆزىنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، غايە- ئېتىقادنى چىڭىتىپ، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان يۇقىرى ساپالىق كادىرلار قوشۇنى قۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇشنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئاياللار ۋە ئاياللار خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت ئاياللارنى دەۋرنىڭ ئالدىنقى قاتارىدا مېڭىپ، مۇقىملىق، تەرەققىياتنىڭ بىرىنچى سېپىدە تۆھپە يارىتىپ، ئۇلۇغ ئىشلارنى ۋۇجۇتقا چىقىرىشقا تەشكىللەش، سەپەرۋەر قىلىش كېرەك. پارتىيەنىڭ ئاياللار خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، ئىدىيەۋى- سىياسىي جەھەتتە يېتەكلەشنى ئاياللار خىزمىتىنىڭ پۈتۈن جەريانى ۋە تۈرلۈك پائالىيەتلىرىگە سىڭدۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاياللارنى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، سىياسىي جەھەتتە قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش، ئىدىيە جەھەتتە قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش، ھېسسىيات جەھەتتە قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشنى كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش ئېتىقادى ۋە ئىشەنچىسىنى چىڭىتىشقا يېتەكلەش كېرەك. ئاياللارنىڭ ئاكتىپ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاياللارنى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان بۇ زامانىمىزدىكى جۇڭگو ئاياللار ھەرىكىتىنىڭ دەۋر ئاساسىي تېمىسىنى پۇختا ئىگىلەشكە تەربىيەلەپ ۋە يېتەكلەپ، ئاياللارنىڭ ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقى، ئىجادچانلىقىنى ئەڭ زور دەرىجىدە قوزغىتىپ، ئاياللارنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇش ۋە ئائىلە تۇرمۇشى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئائىلە گۈزەل ئەخلاقىنى ئەۋج ئالدۇرۇش ۋە ياخشى ئائىلە ئىستىلى تىكلەش جەھەتتىكى ئۆزگىچە رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئۇلارنىڭ «يېرىم دۇنيا»لىق ئۆزگىچە قىياپىتىنى نامايان قىلىش كېرەك. ئاياللار بىرلەشمىسى تەشكىلاتى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، سىياسىيۋىلىقى، ئىلغارلىقى، ئاممىۋىلىقىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ئاياللار بىلەن ئالاقە باغلاش ۋە ئۇلارغا مۇلازىمەت قىلىشنى خىزمەتنىڭ جان تومۇرى قىلىپ، كۈچ سەپلىمىسى، مۇلازىمەت بايلىقىنى ئاساسىي قاتلامغا تېخىمۇ كۆپ مايىللاشتۇرۇپ، ئاياللارنىڭ ھوقۇق- مەنپەئىتىگە ۋەكىللىك قىلىش ۋە ئۇنى قوغداش، ئەر- ئاياللار باراۋەرلىكى ۋە ئاياللارنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش مۇھىم ۋەزىپىسىنى ياخشى زىممىگە ئېلىپ، ئاياللار بىرلەشمىسىنى ئاياللارنىڭ ئىشەنچلىك، تايانغىلى بولىدىغان، ئايرىلالمايدىغان ئۆز ئۆيىگە ھەقىقىي ئايلاندۇرۇش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ دۆلەت ئۇنىۋېرسال ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش- ياردەم بېرىش قوشۇنىغا بايراق بەرگەنلىكى ۋە تەلىم سۆزى قىلغانلىقى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش- ياردەم بېرىش قوشۇنىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقى ۋە سەمىمىي غەمخورلۇق قىلىدىغانلىقىنى تولۇق گەۋدىلەندۈرۈپ بەردى، ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. قوشۇن تەشكىللەشنى ھەقىقىي ياخشى تۇتۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما، ئورۇنلاشتۇرۇشىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دۆلەت جىددىي تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدار سىستېمىسى بەرپا قىلىش تەلىپى بويىچە، مۇنتىزىملاشتۇرۇش، كەسىپلەشتۈرۈش، كەسپىيلەشتۈرۈش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش- ياردەم بېرىش قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش كېرەك. باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تەلىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، باشتىن- ئاخىر پارتىيەگە سادىق بولۇپ، ئىنتىزامچان بولۇپ، سۇ كەلسە سۇدىن، ئوت كەلسە ئوتتىن يانماي، مەڭگۈ پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ، قەتئىي ھالدا پارتىيە ۋە خەلقنىڭ سادىق قوغدىغۇچىلىرىدىن بولۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى، مال- مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن باتۇرلۇق بىلەن كۈرەش قىلىش كېرەك. باش نىشانغا پائال مۇلازىمەت قىلىپ، جىددىي قۇتقۇزۇش- ياردەم بېرىش ئاساسىي قوشۇنى ۋە دۆلەت ئەترىتىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، زور بىخەتەرلىك خەۋپ- خەتىرىدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئۇنى پەسەيتىش، تۈرلۈك ئاپەت، ھادىسىلەرگە تاقابىل تۇرۇش ۋە ئۇلارنى بىر تەرەپ قىلىش مۇھىم مەسئۇلىيىتىنى ياخشى ئادا قىلىپ، ھەر ۋاقىت تەييار ھالەتتە تۇرۇپ، جەڭگە جىددىي ھازىرلىق كۆرۈپ، چاقىرغان ھامان يېتىپ كېلىپ، جەڭدە چوقۇم غەلىبە قىلىپ، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى بىخەتەر، مۇقىم بولغان ياخشى مۇھىت بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

  يىغىندا يەنە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە جۇڭگو نامراتلارنى يۆلەش خەلقئارا مۇنبىرى، «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ئىلىم- پەن تەشكىلاتلىرى ئىتتىپاقىنىڭ قۇرۇلۇش يىغىنى ۋە 2- نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش خەلقئارا مۇھاكىمە يىغىنى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يەر شارى سۈنئىي ھەمراھ يول باشلاش سىستېمىسى خەلقئارا كومىتېتىنىڭ 13- نۆۋەتلىك يىغىنى، 12- نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئاۋىياتسىيە- ئالەم قاتنىشى كۆرگەزمىسى، 5- نۆۋەتلىك دۇنيا ئالاقە تورى يىغىنىغا ئەۋەتكەن تەبرىك خەتلىرىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى. يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش ئاساسىي تەدبىرىدە چىڭ تۇرۇپ، «يەتتە بىر تۈركۈم»، «ئۈچتە سالماقنى ئاشۇرۇش»نى ئالغا سىلجىتىشقا كۈچەپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنىڭ ئېغىر نامراتلىقتىكى ئەڭ قىيىن ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە ئۆز قەرەلىدە غەلىبە قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىقىدىكى تۈرلۈك سۇپىلاردىن ياخشى پايدىلىنىپ، پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە ئەمەلىي ھەمكارلىقنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، ئەل رىشتىنى تۇتاشتۇرۇش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بۈگۈنكى دۇنيا باشتىن كەچۈرۈۋاتقان بىر مەيدان تېخىمۇ كەڭ دائىرىلىك، تېخىمۇ چوڭقۇر قاتلاملىق پەن- تېخنىكا ئىنقىلابى ۋە كەسىپلەر ئىنقىلابى توغرىسىدىكى ئىلمىي ھۆكۈمىنى توغرا ئىگىلەپ، پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، رەقەملىك ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، تور بىخەتەرلىكى خىرىسىغا تاقابىل تۇرۇپ، ئالاقە تورى تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت خەلقنى تېخىمۇ كۆپ نەپكە ئېرىشتۈرۈش كېرەك.

  يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار مۇزاكىرە قىلىندى.

  شۆھرەت زاكىر، نۇرلان ئەبىلمەجىن، سۈن جىنلۇڭ، لى پېڭشىن، شۈ خەيرۇڭ، تيەن ۋېن، سارقىت ئاقان، ياڭ شىن، جاڭ چۈنلىن يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.