تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

جۇڭگونىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش بوشلۇقىنى جايلاشتۇرۇشنى مۇكەممەللەشتۈرۈشتىكى يېڭى تەدبىر

ــــ رەئىس شى جىنپىڭنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىدا سۆزلىگەن ئاساسىي مەقسەت نۇتقى توغرىسىدا
خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

    ئىسلاھات توختاپ قالمايدۇ، ئېچىۋېتىش قەدىمى توختىمايدۇ.

    تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىدا، رەئىس شى جىنپىڭ جۇڭگو شاڭخەي ئەركىن سودا سىناق رايونىنىڭ يېڭى تارماق رايونىنى كۆپەيتىپ تەسىس قىلىش، شاڭخەي ئاكسىيە بېرژىسىدا تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش تاختىسى تەسىس قىلىش ھەم رويخەتكە ئېلىش تۈزۈمىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش، چاڭجياڭ دېلتىسى رايونىنىڭ بىر گەۋدىلەشكەن تەرەققىياتىنى قوللاش ھەم دۆلەت ئىستراتېگىيەسىگە كۆتۈرۈشتىن ئىبارەت ئۈچ مۇھىم تەدبىرنى تەنتەنىلىك جاكارلىدى. باشلىنىش مۇراسىمى ۋە مۇناسىۋەتلىك پائالىيەتلەرگە قاتناشقاندىن كېيىن، باش شۇجى شى جىنپىڭ شاڭخەيدە خىزمەتلەرنى تەكشۈرگەندە، بۇ ئۈچ يېڭى مۇھىم، زور ۋەزىپىنى ياخشى تاماملاش كېرەك، دەپ تەكىتلىدى. جۇڭگونىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش بوشلۇقىنى جايلاشتۇرۇشنى مۇكەممەللەشتۈرۈشتىكى بۇ يېڭى تەدبىرى جۇڭگونىڭ قەتئىي تەۋرەنمەي ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئالغا سىلجىتىش ئىرادىسىنى نامايان قىلدى، بۇ مۇقەررەر ھالدا يېڭى دەۋردىكى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشكە قۇدرەتلىك يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ئاتا قىلىدۇ.

    جۇڭگونىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش بوشلۇقىنى جايلاشتۇرۇشنى مۇكەممەللەشتۈرۈشتە، شاڭخەي قاتارلىق رايونلارنىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىشتىكى مۇھىم رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. كەينى تەرىپىدىن چاڭجياڭ دەرياسى ئېقىپ ئۆتىدىغان، ئالدى تەرىپى تىنچ ئوكيانغا يۈزلەنگەن شاڭخەي ئۇزاقتىن بۇيان جۇڭگونىڭ ئېچىۋېتىش كەيپىياتىغا باشلامچى بولدى، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشىدىكى ياخشى سەركىسى، يېڭىلىق يارىتىش، تەرەققىي قىلىشىدىكى ئالدىن يۈرگۈچىسى بولدى. خۇددى رەئىس شى جىنپىڭ كۆرسەتكەندەك، «شاڭخەينىڭ بۇنداق ياخشى تەرەققىي قىلىشى ئۇنىڭ ئېچىۋېتىش سۈپىتى، ئېچىۋېتىش ئەۋزەللىكى، ئېچىۋېتىش نەتىجىسى بىلەن زىچ باغلانغان». ئېچىۋېتىش شاڭخەي ئۈچۈن ئېيتقاندا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولغاندەك، دەل شاڭخەينىڭ ئېچىۋېتىلىشىمۇ جۇڭگو ئۈچۈن ئېيتقاندا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ئوچۇق، ئىجادىي، سىغدۇرۇشچان بولۇش شاڭخەينىڭ ئەڭ روشەن خاراكتېرىگە ئايلاندى، بۇ خىل خاراكتېر يېڭى دەۋردىكى جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى، ئىلگىرىلىشىنىڭ جانلىق كارتىنىسى. «شاڭخەينىڭ مەبلەغ سېلىش ۋە سودىنى ئەركىنلەشتۈرۈشنى قولايلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش جەھەتتىكى دادىل يېڭىلىق يارىتىش ئىزدىنىشىگە ئىلھام ۋە مەدەت بېرىپ، پۈتۈن مەملىكەت ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ كۆپەيتىشكە، كېڭەيتىشكە بولىدىغان تەجرىبىلەرنى توپلاش كېرەك» «شاڭخەينىڭ خەلقئارا پۇل مۇئامىلە مەركىزى ۋە پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مەركىزى قۇرۇلۇشىنى قوللاپ، كاپىتال بازىرى ئاساسىي تۈزۈمىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك»، رەئىس شى جىنپىڭ جاكارلىغان تەدبىرلەرنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى شاڭخەينىڭ تەرەققىياتىنىڭ ئىستراتېگىيە ئەۋزەللىكىنى بەرپا قىلىپ، شاڭخەي قاتارلىق رايونلارنىڭ مۇھىم رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرغاندا، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشىنى، ئېچىۋېتىشنى ئومۇميۈزلۈك كېڭەيتىشىنى يېڭى تەجرىبە بىلەن تەمىنلىگىلى، يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئىگە قىلغىلى بولىدۇ.

    جۇڭگونىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش بوشلۇقىنى جايلاشتۇرۇشنى مۇكەممەللەشتۈرۈشتە، تېخىمۇ يۇقىرى پەللە، تېخىمۇ يۇقىرى قاتلام، تېخىمۇ يۇقىرى نىشاندىن ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. نۇقتىدا سىناق قىلىشتىن كېڭەيتىشكىچە، ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىدىن ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقىچە، 40 يىللىق ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش بىزنى شۇنداق چوڭقۇر ئىلھاملاندۇرىدۇكى، پەقەت ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى جايلاشتۇرۇشنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرگەندىلا، ئومۇمىي گەۋدە بويىچە ئالغا سىلجىتىپ، مۇھىم نۇقتىدا بۆسۈش ھاسىل قىلغاندىلا، ئۆزئارا ئىلگىرى سۈرۈپ، ياخشى سۈپەتلىك ھەمتۈرتكە بولغاندىلا، ئاندىن ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچىنى شەكىللەندۈرگىلى بولىدۇ. شاڭخەي دۆلىتىمىزدىكى ئەڭ چوڭ ئىقتىساد مەركىزىي شەھىرى ھەم چاڭجياڭ دېلتىسى رايونىدىكى ھەمكارلىق- ئالماشتۇرۇشنىڭ باشلامچىسى بولۇپ، چاڭجياڭ دېلتىسى رايونىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇش ھەم ئۇنى دۆلەت ئىستراتېگىيەسىگە كۆتۈرۈشنى «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى، بېيجىڭ- تيەنجىن- خېبېينىڭ ماس تەرەققىياتى، چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ تەرەققىياتى، گۇاڭدۇڭ- شياڭگاڭ- ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونى قۇرۇلۇشى بىلەن ئۆزئارا ماسلاشتۇرۇشنى قوللاش كېرەك، بۇ جۇڭگونىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش بوشلۇقىنى جايلاشتۇرۇشنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرىدۇ. يېڭى تەرەققىيات قارىشىنى تىرىشىپ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، زامانىۋى ئىقتىساد سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، تېخىمۇ يۇقىرى پەللىدىن ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ۋە تېخىمۇ يۇقىرى قاتلامدىن سىرتقا ئېچىۋېتىشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئەمەلىيەت جەريانىدا ماھىيىتىنى بىلىپ، ئىزدىنىش جەريانىدا قانۇنىيىتىنى تېپىپ چىقىدىغانلا بولساق، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ يېڭى دەۋردە ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشكە قايتا ئاتلىنىشىغا يول تېپىپ بېرەلەيمىز، يول ئېچىپ بېرەلەيمىز. ئەركىن سودا سىناق رايونىنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىكى تەجرىبە ئېتىزىلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇش، جۇڭگوچە ئەركىن سودا پورتى قۇرۇش مۇساپىسى ئۈستىدە ئىزدىنىشنى تېزلىتىش، تېخىمۇ يۇقىرى قاتلامدىكى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشتىن، كىرگۈزۈش ۋە چىقىرىشقا تەڭ ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇرۇشقىچە، قۇرۇقلۇق بىلەن دېڭىز ئىچكى- تاشقى جەھەتتىن ھەمتۈرتكە بولىدىغان، شەرق بىلەن غەرب قوش يۆنىلىشتە ئۆزئارا تولۇقلايدىغان ئېچىۋېتىش ۋەزىيىتىنى شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ھەممە تەرەپ، كۆپ قاتلام، كەڭ ساھە بويىچە ئېچىۋېتىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرسەكلا، جۇڭگو چوقۇم ئۆزىنى تېخىمۇ ياخشى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، دۇنياغا بەخت يارىتالايدۇ.

    جۇڭگونىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش بوشلۇقىنى جايلاشتۇرۇشنى مۇكەممەللەشتۈرۈشتە، جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسى قاتارلىق ئېچىۋېتىش - ھەمكارلىق سۇپىسىنىڭ رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك. جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسىنى ئۆتكۈزۈش جۇڭگونىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشكە تۈرتكە بولۇشنى كۆزلەپ چىقارغان مۇھىم، زور تەدبىرى بولۇپ، ھەرقايسى تەرەپنىڭ جۇڭگو بازىرىنى ئېچىشتىكى ھەمكارلىقىدا يېڭى سۇپا ئورنىتىشىنى مەقسەت قىلىدۇ. رەئىس شى جىنپىڭ: جۇڭگو «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرىدۇ، ئېكولوگىيە، پەن- تېخنىكا، مەدەنىيەت، خەلق تۇرمۇشى قاتارلىق ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش- ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دۇنيانى ئېچىۋېتىش، ھەمكارلىقنىڭ خەلقئارا سۇپىسى بىلەن تەمىنلەيدۇ، دەپ جاكارلىدى. بۇ سۇپىلار دۇنيانىڭ تەرەققىياتىغا يېڭى پۇرسەت يارىتىپ بېرىپلا قالماي، يەنە جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىغىمۇ يېڭى ئىلگىرىلەش ئېلىپ كېلىدۇ. ئىمپورت كۆرگەزمىسىدە كۆرگەزمە قىلىنغان ھەرقايسى ساھەلەردىن كەلتۈرۈلگەن ئىلغار تېخنىكىلار، باشقۇرۇش تەجرىبىلىرى جۇڭگونىڭ دۇنيادىن ئۆگىنىشىنى پۇرسەت بىلەن تەمىنلىدى. خۇددى رەئىس شى جىنپىڭ كۆرسەتكەندەك، جۇڭگو مەڭگۈ ئۆگىنىدىغان دۆلەت بولىدۇ، ئۇ مەيلى تەرەققىي قىلىپ قانداق سەۋىيەگە يەتسۇن، ھامان دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىدىن كەمتەرلىك بىلەن ئۆگىنىدۇ، تېخىمۇ ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان پوزىتسىيە بىلەن دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن ئۆزئارا سىغدۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش، ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، سىرتقا ئېچىۋېتىشنى ئۈزلۈكسىز يېڭى سەۋىيەگە كۆتۈرىدۇ.

    ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش پەقەت داۋاملىشىدۇكى، ئاخىرلاشمايدۇ. چىگىش- مۇرەككەپ مۇھىتقا قارىتا، تېخىمۇ قەتئىي ئىشەنچ، تېخىمۇ كۈچلۈك تەدبىر ئارقىلىق ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرغاندىلا، جۇڭگو چوقۇم دۇنيا بىلەن بىرلىكتە گۈللىنىپ ئالغا باسىدىغان دەۋر مېلودىيەسىنى ياڭرىتالايدۇ، ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە ئىنسانىيەتنىڭ تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسىنى بىرلىكتە يارىتالايدۇ.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11- ئاينىڭ 9- كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى