تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى 1-ئورۇنغا قويۇش، جەنۇبىي شىنجاڭنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، توقۇمىچىلىق، كىيىم-كېچەك كەسىپلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك

ئاپتونوم رايونلۇق توقۇمىچىلىق، كىيىم-كېچەك كەسىپلىرىگە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ يىغىنى ئېچىلدى

    شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 11- ئاينىڭ 9- كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايون توقۇمىچىلىق، كىيىم- كېچەك كەسىپلىرىگە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ 2018- يىللىق 2- قېتىملىق يىغىنىنى ئاچتى. يىغىندا شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى يېتەكچى قىلىنىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئىقتىساد خىزمىتى توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرما- تەلەپلىرى ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، دىققەت ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدىكى توقۇمىچىلىق، كىيىم- كېچەك كەسىپلىرىنىڭ تەرەققىياتى، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋەزىيىتى چوڭقۇر تەھلىل قىلىنىپ، بۇ يىل قىش ۋە كېلەر يىلى ئەتىيازدىكى نۇقتىلىق خىزمەتلەر ئورۇنلاشتۇرۇلدى ۋە ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى، توقۇمىچىلىق، كىيىم- كېچەك كەسىپلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىگە كۈچ قوشۇش، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇش تەلەپ قىلىندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق توقۇمىچىلىق، كىيىم- كېچەك كەسىپلىرىگە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى لى پېڭشىن يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

    بۇ يىلدىن بۇيان، ھەرقايسى جايلار ۋە ھەرقايسى تارماقلار ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى 1- ئورۇنغا قويۇش، جەنۇبىي شىنجاڭنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، توقۇمىچىلىق، كىيىم- كېچەك كەسىپلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا سىجىل تۈرتكە بولۇپ، سىلىق، مۇقىم ئېشىش ۋەزىيىتىنى ساقلىدى، كەسىپ كۆلىمى تەدرىجىي كېڭەيدى، سۈپەت، ئۈنۈم كۆرۈنەرلىك ئۆستى، سىياسەت سىستېمىسى تېخىمۇ دەل بولدى، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولدى.

    يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: شىنجاڭدا توقۇمىچىلىق، كىيىم- كېچەك كەسىپلىرىنى راۋاجلاندۇرۇپ، مىليون ئادەمنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىستراتېگىيەلىك يىرىك پىلانىنى يولغا قويۇش يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ بايلىق رايونى ئەۋزەللىكىنى مەۋقە قىلىپ، ئاپتونوم رايونىمىز، بولۇپمۇ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشىغا تۈرتكە بولۇشنى كۆزدە تۇتۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا كۈچ قوشۇش ئۈچۈن چىقارغان مۇھىم، زور تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىسى. پۈتۈن ئاپتونوم رايون يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە «تۆت ئاڭ»نى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداپ»، توقۇمىچىلىق، كىيىم- كېچەك كەسىپلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشنى يېتەكلەشكە تۈرتكە بولۇش خىزمىتىدىكى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، قەتئىي تەۋرەنمەي، چىڭ، پۇختا، ياخشى تۇتۇشى كېرەك.

    يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، «بىرىكمە مۇشت»نى ياخشى ئېتىپ، توقۇمىچىلىق، كىيىم- كېچەك كەسىپلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن ئىناق، مۇقىم مۇھىت يارىتىش كېرەك. بازارلاشتۇرۇش ۋاسىتىسى ئارقىلىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئوشۇقچىلىقىنى تۈگىتىشتە چىڭ تۇرۇپ، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش كېرەك. توقۇمىچىلىق، كىيىم- كېچەك قاتارلىق ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كەسىپلەرنى نۇقتىلىق تەرەققىي قىلدۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ نامرات خادىملارنىڭ يۆتكىلىپ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا كۈچ قوشۇش كېرەك. «سۇلىرى سۈزۈك، تاغلىرى يېشىل بولۇشنىڭ ئۆزى بايلىق» دېگەن ئىدىيەنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئېكولوگىيە قىزىل سىزىقى تۆۋەن چېكىنى چىڭ ساقلاش كېرەك. «ئۈچ يۇقىرى» تۈرلەرنىڭ شىنجاڭغا كىرىشىنى قاتتىق چەكلەش كېرەك. كارخانىلارنىڭ ئېھتىياجىنى ئۇدۇللاشتۇرۇپ، مۇلازىمەت تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىپ، تەشكىللىك يېتەكلەش ۋە تەربىيەلەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، كارخانىلارنى تېخىمۇ كۆپ لاياقەتلىك كەسىپ ئىشچىلىرى بىلەن تەمىنلەش كېرەك. خەۋپ- خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، مەخسۇس تۈر تولۇقلىما مەبلىغى ئاجرىتىش، ئىشلىتىش ۋە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى ياخشى تۇتۇپ، مالىيە، پۇل مۇئامىلە سىياسىتى تەتقىقاتىنى كۈچەيتىپ، ئەمەلىي ئىقتىسادقا مۇلازىمەت قىلىش سەۋىيەسىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈش كېرەك. تۈرلۈك ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى ياخشى ئۆزلەشتۈرۈپ، ياخشى ئىشلىتىپ، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىغا ئىلھام بېرىپ، مەدەت بېرىپ، يېتەكلەپ، قوغداپ، تېخىمۇ كۆپ ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كەسىپنىڭ شىنجاڭدا ماكانلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا تۈرتكە بولۇپ، توقۇمىچىلىق، كىيىم- كېچەك كەسىپلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

    يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، ئىشلەش ماھارىتىنى ئۆستۈرۈپ، بىڭتۈەن بىلەن يەرلىكنىڭ ھەمكارلىشىشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، كارخانىمۇ كارخانا ماسلاشتۇرۇشنى تۇتۇپ، تۈرمۇ تۈر ئالغا سىلجىتىشنى تۇتۇپ، مەسىلىلەرنى بىرمۇ بىر ھەل قىلىپ، بۇ يىل قىش ۋە كېلەر يىلى ئەتىيازدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەپ، توقۇمىچىلىق، كىيىم- كېچەك كەسىپلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولۇشنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

    ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسى جاڭ چۈنلىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى