تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىش، كۈچنى بىرىكتۈرۈپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىش كېرەك

شۆھرەت زاكىر قەشقەر ۋىلايىتىدە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى

    شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاۋ جىيۈن خەۋەر قىلىدۇ: 11- ئاينىڭ 8- كۈنىدىن 9- كۈنىگىچە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر قەشقەر ۋىلايىتىدە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، دىققەتنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا پۇختا مەركەزلەشتۈرۈپ، دىققەتنى دەل جايىدا مەركەزلەشتۈرۈش، دەل جايىدا كۈچەش، دەل جايىدا ياردەم قىلىش، يۆلەشكە كۈچ سەرپ قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋەزىپىسىنى ئۆز قەرەلىدە تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

    11- ئاينىڭ 8- كۈنى قەشقەر شەھىرىگە يېتىپ بارغاندىن كېيىن، شۆھرەت زاكىر ئالدى بىلەن قەشقەر شەھىرىدىكى قەدىمىي شەھەر تەسىراتلىرى كوچىسى ۋە قەشقەر قەدىمىي شەھەر مەززىلىك تائاملار مەيدانىغا كېلىپ، ئاھالىلەر، دۇكاندارلار، ساياھەتچىلەر بىلەن سەمىمىي پاراڭلاشتى، قەشقەر شەھىرى ساياھەتچىلىكىنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. شۆھرەت زاكىر مۇنداق كۆرسەتتى: شىنجاڭنى ساياھەت ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش، ئىجتىمائىي ئىناقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ رېئال ئېھتىياجى، جايلار، تارماقلار مۇقىملىقنىڭ پايدىسىدىن، سىياسەتنىڭ پايدىسىدىن تولۇق ياخشى پايدىلىنىپ، شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنى يۇقىرى سۈپەتتە راۋاجلاندۇرۇشنى ئەستايىدىل پىلانلىشى ۋە ئۇنىڭغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

    قەشقەر ۋىلايىتى ئۇچۇرلاشتۇرۇش ۋاسىتىسى ۋە چوڭ سانلىق مەلۇمات تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش ئۇچۇر باشقۇرۇش سۇپىسىنى ئېچىپ قۇردى. 11- ئاينىڭ 9- كۈنى، شۆھرەت زاكىر ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ قەشقەر ۋىلايەتلىك نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسى، پەيزاۋات ناھىيەسىنىڭ جامباز يېزىسى پەشتاق كەنتى قاتارلىق جايلارغا كېلىپ، ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلار، ئېغىر نامرات كەنتتە تۇرۇشقا ئەۋەتىلگەن 1- شۇجى قاتارلىقلار بىلەن چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش ئۇچۇر سۇپىسىنى يۈرۈشتۈرۈش، باشقۇرۇش ئەھۋالى ھەم ھەمراھ زاۋۇتلار، ھويلا- ئاران ئىگىلىكى، نامرات ئاھالىلەرنى ماھارەت بويىچە تەربىيەلەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئەھۋاللىرىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. شۆھرەت زاكىر مۇنداق كۆرسەتتى: چوڭ سانلىق مەلۇمات تېخنىكا ۋاسىتىسىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، نامراتلارنى يۆلەش ئوبيېكتىنى دەل جايىدا پەرقلەندۈرۈپ، ئىنچىكىلەشتۈرۈپ باشقۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش خىزمىتىنىڭ ئەمەلىي ئىشلىنىشىگە، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جەريانىنىڭ پۇختا بولۇشىغا، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىسىنىڭ چىن، ئەمەلىي بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

    پەيزاۋات ناھىيەسىنىڭ جامباز يېزىسى پەشتاق كەنتىنىڭ ئاھالىسى ئەلى ھېكىمنىڭ ئۆيىدە، شۆھرەت زاكىر ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش ئەھۋالىنى ھەم بالىسىنىڭ مەكتەپتە ئوقۇش ئەھۋالىنى تەپسىلىي سورىدى، ئەلى ھېكىم ئائىلىسىدىكىلەرنى ئىشەنچىنى تۇرغۇزۇپ، مەۋقەنى ئۆز ئەمەلىيىتىگە قويۇپ، ھازىرقى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش سىياسەتلىرىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، كىرىمىنى ئاشۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشنى بالدۇرراق ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئىلھاملاندۇردى.

    شۆھرەت زاكىر مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بېكىتكەن نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ نىشان ۋە ئۆلچىمىدە چىڭ تۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇش، ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، «ئالتىدە دەل جايىدا بولۇش»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «يەتتە بىر تۈركۈم»، «ئۈچتە سالماقنى ئاشۇرۇش»نى ئالغا سىلجىتىشقا كۈچەش كېرەك. دىققەتنى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى ئېغىر نامرات رايونلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، تېخىمۇ كۈچلۈك ئىرادە، تېخىمۇ زور سالماق، تېخىمۇ ئەمەلىي تەدبىر ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، بىر كەنتنىڭمۇ چۈشۈپ قالماسلىقىغا، بىر كىشىنىمۇ چۈشۈرۈپ قويماسلىققا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. نامراتلارنى يۆلەش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتىكى تىپىك ئىلغار ئىش- پائالىيەتلەرنى كەڭ كۆلەمدە تەشۋىق قىلىپ، نامرات ئاممىنىڭ ئاكتىپلىقىنى، تەشەببۇسكارلىقىنى، ئىجادچانلىقىنى تولۇق قوزغىتىپ، نامرات رايونلاردىكى نامرات نوپۇسنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە ئۆز قەرەلىدە غەلىبە قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى