تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

«بۇ جاي بىر ئىللىق مەكتەپ ئىكەن»

ئاپتونوم رايوندىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرى خوتەن ۋىلايىتىگە بېرىپ ئېكسكۇرسىيە قىلدى، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى

    شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي يۈنيەن خەۋەر قىلىدۇ: ئىللىق قۇياش يامغۇردىن كېيىنكى خوتەن زېمىنىغا نۇر چاچتى، كۆپكۆك ئاسمان ئاستىدا ئالتۇن رەڭ دەرەخ يوپۇرماقلىرى مەيىن شامالغا ئەگىشىپ يەلپۈنۈپ، خۇددى جانلىق ماي بوياق رەسىمدەك مەنزىرە ھاسىل قىلغانىدى. 11- ئاينىڭ 6- كۈنى، ئاپتونوم رايوندىكى ئالىي مەكتەپلەردىكى 90 ئوقۇغۇچىلار ۋەكىلى خوتەن ۋىلايىتىگە كېلىپ، كەسپىي ماھارەت تەلىم- تەربىيە مەركىزىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى، تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ ئوقۇش، تەربىيەلىنىش، تۇرمۇش ئەھۋالىنى ئىگىلەپ، ھېس قىلىپ، جەنۇبىي شىنجاڭ يېزىلىرىدا جەمئىيەت تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇردى.

    خوتەن شەھەرلىك كەسپىي ماھارەت تەلىم- تەربىيە مەركىزىدە، ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرى دەرسخانىغا كىرىپ، دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىقى دەرسى ۋە قانۇن دەرسىنى ياندىن ئاڭلىدى، تەنھەرىكەت مەيدانىدا تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ ۋاسكېتبول مۇسابىقىسىگە مەدەت بەردى، ئۇرۇق- تۇغقانلار بىلەن كۆرۈشۈش ئۆيىگە كىرىپ تەربىيەلەنگۈچىلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىرلىكتە ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇردى. «تەربىيەلەنگۈچىلەر تەشەببۇسكارلىق بىلەن بىزنى ئىزدەپ پاراڭلاشتى، ئۇلارنىڭ غەيرىتى ئۇرغۇپ تۇرىدىكەن، بولۇپمۇ ئۆگىنىش قىزغىنلىقى ئالاھىدە يۇقىرى ئىكەن. مېنىڭ تۇنجى قېتىم خوتەنگە كېلىشىم، ئۇلارنىڭ پۇتۇڭخۇادا ناھايىتى راۋان سۆزلىشىدىغانلىقىنى، ماقالە ۋە خاتىرىنى ناھايىتى رەتلىك يازىدىغانلىقىنى بايقىدىم، كىشىنى تولىمۇ ھەيران قالدۇرىدىكەن، مېنىڭ ئويلىغىنىمدىكىگە تامامەن ئوخشىمايدىكەن!» دېدى شىنجاڭ قۇرۇلۇش شۆيۈەنىنىڭ ئوقۇغۇچىسى خۇاڭ يۇڭشيا.

    «مەن سىفەن داشۆنىڭ ئوقۇغۇچىسى، شۇڭا دەرسلىككە ناھايىتى قىزىقىمەن» دېدى شىنجاڭ سىفەن داشۆسىنىڭ ئوقۇغۇچىسى دىلنىگار ياقۇپ، «تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ دەرسلىكلىرى ناھايىتى ئىلمىي تۈزۈلۈپتۇ، ئاساسى يوق بولۇشتىن مۇستەھكەملەش، ئۆستۈرۈشكىچە، تەربىيەلەنگۈچىلەر 3000دىن ئارتۇق خەتنى ئىگىلەپتۇ، ئىلگىرىلەش باسقۇچى كۆرۈنەرلىك بوپتۇ، يەنە ئاساسىي قانۇن بىلىملىرىنى ئىگىلەپتۇ، پۈتكۈل تەلىم- تەربىيە ئىنتايىن سىستېمىلىق ئىكەن. تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ ئىپادىسى بىزگە كەسپىي ماھارەت تەلىم- تەربىيە خىزمىتىنىڭ ناھايىتى كارغا كېلىۋاتقانلىقىنى، ناھايىتى نەتىجىلىك، ئۈنۈملۈك ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇردى».

     خوتەن ناھىيەلىك كەسپىي ماھارەت تەلىم- تەربىيە مەركىزىدە، ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرى تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ قىزغىن تەكلىپ قىلىشى بىلەن، ئايرىم- ئايرىم ھالدا خور ۋە ئۇسسۇل سېپىگە قوشۇلدى. «بۇ جايدىكى مەدەنىيەت- تەنتەربىيە پائالىيىتىنىڭ مەزمۇنى مول ئىكەن، ئۇلار بىلەن بىللە ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئويناپ ناھايىتى خۇشال بولدۇق، ئۇلارنىڭ قىزغىنلىقى ماڭا تۈرتكە بولدى» دېدى شىنجاڭ تېببىي داشۆسىنىڭ ئوقۇغۇچىسى سۈبھى تەلئەت، «دەرسخانىلار ئازادە، يورۇق، ياتاقلار پاكىز، رەتلىك ئىكەن، بەزى قاتتىق دېتال، يۇمشاق دېتاللار بىزنىڭ مەكتەپنىڭكىدىن ئانچە پەرقلەنمەيدىكەن. بولۇپمۇ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئەتراپلىق غەمخورلۇقى ئىلگىرى دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ زەھەرلىشىگە ئۇچرىغان بۇ ياشلارنى ھاياتىنى قايتىدىن باشلاش پۇرسىتىگە ئېرىشتۈرۈپتۇ، ھەر بىر تەپسىلات كۆرگەنلا كىشىنى ناھايىتى تەسىرلەندۈرىدىكەن، بۇ جاي ھەقىقەتەن بىر ئىللىق مەكتەپ ئىكەن».

    تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ ئىلگىرى دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، تەلىم- تەربىيەگە ئېرىشكەندىن كېيىن ئازغان يولدىن قايتىپ، ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش، مەدەنىيلىكنى قەدىرلەش، بەختلىك تۇرمۇشقا ئىنتىلىشتەك كىشىلىك تۇرمۇش ئېتىقادىنى تۇرغۇزغانلىقى توغرىسىدىكى بايانلىرىنى ئاڭلاپ، ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرى چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە بولدى.

    «نۇرغۇن تەربىيەلەنگۈچى بىز بىلەن قۇرداش ئىكەن، ئۇلار دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ قايمۇقتۇرۇشىغا ئۇچراپ، بىر مەھەل گۈزەل تۇرمۇشتىن ئايرىلىپ قالغان. ھازىر بىردىنلا ئويغىنىپ، خەۋپنى ئېنىق تونۇپ، يامان غەرىزىنى تۈگىتىپ، چېھرىدە ئوچۇق تەبەسسۇم پەيدا بوپتۇ، بۇ، ئۇلارنىڭ ھاياتلىق كوردىناتىنى قايتىدىن تاپقانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. بۇ، بىزگىمۇ جانلىق بىر تەربىيە دەرسى بولدى. ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بىز ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ سىڭدۈرمىچىلىكىگە تاقابىل تۇرۇپ، ئالىي مەكتەپلەرنى ئىجتىمائىي كەيپىيات ۋە دەۋر ئېقىمىنى يېتەكلەيدىغان بازىغا ئايلاندۇرۇشىمىز كېرەك» دېدى شىنجاڭ داشۆنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئابدۇرەپقەت رۇستەم.

    خوتەن شەھەرلىك كەسپىي ماھارەت تەلىم- تەربىيە مەركىزىنىڭ توقۇمىچىلىق زاۋۇتى ۋە كىيىم- كېچەك زاۋۇتىدا، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغان تەربىيەلەنگۈچىلەر ئالدىراش ئىشلەۋاتاتتى. ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرى قىزىقىپ ئۇلارنىڭ ئىش تەرتىپىنى كۆزىتىپ، پات- پات سوئال سوراپ، پىكىر ئالماشتۇردى. «مەن كېلەر يىلى مەكتەپ پۈتكۈزۈپ خىزمەت ئىزدەيمەن، ئىشقا ئورۇنلىشىش بېسىمىم ناھايىتى زور. تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ ماھارەت ئىگىلىگەندىن كېيىن، دەرھال بىر مۇۋاپىق ئىش ئورنىغا ئېرىشكەنلىكىنى كۆرۈپ، ئۇلارغا ناھايىتى ھەۋەس قىلدىم. ئۇلار ھەقىقەتەن ناھايىتى تەلەيلىك ئىكەن، پەقەت تىرىشىپ ئىشلىسىلا نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىپ، ھاياتىنى ئۆزگەرتەلەيدۇ» دېدى شىنجاڭ داشۆنىڭ ئوقۇغۇچىسى نۇربىيە نەجمىدىن.

    شىنجاڭ داشۆنىڭ ئوقۇغۇچىسى ما چېڭ ساۋاقداشلىرى بىلەن ئېكسكۇرسىيە قىلغاچ مۇزاكىرە قىلدى. «بىز كۆپچىلىك ھەممىمىزنىڭ تەسىراتى ئوخشاش، كەسپىي ماھارەت تەلىم- تەربىيەنى يولغا قويۇپ، ئىلگىرى ئازغان ياشلارنى ۋاقتىدا قۇتقۇزۇش شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ جانلىق نامايەندىسى. بىز شۇنداق قارايمىزكى، بۇ تەدبىر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ ئەۋزەللىكىنى تولۇق نامايان قىلدى، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا مۇھىم، زور ئەھمىيەتكە ئىگە» دېدى ما چېڭ.

    يول بويى كۆرگەن- ئاڭلىغان ئىشلار شىنجاڭ سىفەن داشۆنىڭ ئوقۇغۇچىسى سادىرجان سۇلتاننى روھلاندۇردى: «مەن ئاسپىرانتلار مائارىپقا ياردەم بېرىش ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى، پات ئارىدا خوتەنگە بېرىپ بىر يىل مائارىپقا ياردەم بېرىمەن. بۇ قېتىملىق جەمئىيەتنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ماڭا ناھايىتى زور ئىلھام بولدى، مەن مەكتەپتە ئۆگەنگەن كەسپىي بىلىملىرىمنى ئىشلىتىپ، ئاساسىي قاتلام مائارىپ ئىشلىرىغا كۈچ قوشۇپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنى پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشكە، ۋەتەنگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشكە، جەمئىيەتكە ياراملىق كىشىلەردىن بولۇشقا تەربىيەلەيمەن».

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى