تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقىنى ياخشى ئۆگىنىپ، جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىگە ئاكتىپلىق، تەشەببۇسكارلىق بىلەن سىڭىمەن

  قەشقەر شەھىرى ھېيتگاھ مەسچىتىنىڭ ئىمامى مەمەت جۈمە

  ئۇزاقتىن بۇيان چېگرا ئىچى- سىرتىدىكى دۈشمەن كۈچلەر ۋە «ئۈچ خىل كۈچ» شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ بىر مەقسەتتە ئىتتىپاقلىشىشى، بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك ئۆتۈشىنى كۆرۈشنى خالىماي، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقىنى، ئاممىنىڭ تۇرمۇشىنىڭ باي- باياشاتلىقىنى كۆرۈشنى خالىماي، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىقىنى ئىگىلەپ، ھەقىقىي نەپ ئېلىشىنى كۆرۈشنى خالىماي، دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىقىدا ئوقۇتۇش سىياسىتىگە ھە دەپ ھۇجۇم قىلىپ، بوھتان چاپلاپ، قارا سۈركەپ، «دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىقىدا ئوقۇتۇشنى يولغا قويۇش ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى يوقىتىش ئۈچۈندۇر» دېگەندەك گەپلەرنى قىلدى. يالغان- ياۋىداق سەپسەتىلەرنى تارقىتىش چېگرا ئىچى- سىرتىدىكى دۈشمەن كۈچلەر ۋە «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا توسقۇنلۇق قىلىش، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈشىگە كاشىلا قىلىشتىكى رەزىل ۋاسىتىسى. بىز ھەرگىز ئۇلارنىڭ ئالدام خالتىسىغا چۈشمەسلىكىمىز كېرەك.

  دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىقى مول ۋە چوڭقۇر، دۇنيادا ئەڭ كۆپ قوللىنىلىدىغان تىل- يېزىق. دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىقىنى ياخشى ئۆگەنگەندىلا، جۇڭخۇانىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى ۋە جۇڭگونىڭ ئۇزاق تارىخىنى چوڭقۇر چۈشەنگىلى بولىدۇ. مەن مەركىزىي مىللەتلەر داشۆسىنىڭ شىنجاڭ ۋەتەنپەرۋەر دىنىي خادىملار تەتقىقات- بىلىم ئاشۇرۇش كۇرسىدا ئوقۇۋاتقان مەزگىلدە، جۇڭگوغا ئالايىتەن جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى ئۆگىنىش ئۈچۈن كەلگەن نۇرغۇن چەت ئەللىكنى كۆرگەن، ئۇلارنىڭ پۇتۇڭخۇانى راۋان سۆزلىگىنىگە قاراپ، ناھايىتى تەسىرلەنگەن ۋە تەربىيە ئالغانىدىم. مەركىزىي مىللەتلەر داشۆسىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ماڭا ھازىر نۇرغۇن دۆلەتتە جۇڭگو ئورتاق تىل- يېزىقىنى ئۆگىنىش، ئىگىلەش، قوللىنىش قىزغىنلىقى قوزغالغانلىقىنى دېگەنىدى. «ئىلىم يىراقتىكى جۇڭگودا بولسىمۇ كېلىپ ئۆگىنىدىغانلار بار»، مەن ئويلىنىپ قالدىم، دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىقىنى چەت ئەللىكلەر جېنىدا ئۆگىنىۋېتىپتۇ، بىز جۇڭگو پۇقراسى تۇرۇپ دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىقىنى ئۆگەنمەسلىكتە نېمە باھانىمىز بار؟ «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ يالغان- ياۋىداق سۆزلىرى ئۇيغۇر ئاممىسىنى ئالداش ئۈچۈندۇر. بىز ئۇيغۇر ئامما ھەق- ناھەقنى پەرقلەندۈرۈپ، «ئۈچ خىل كۈچ» تارقاتقان يالغان- ياۋىداق سەپسەتىلەرنى قەتئىي توسۇپ، باتۇرلۇق بىلەن ئېچىپ تاشلاپ، پۈتۈن ۋۇجۇدىمىز بىلەن دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىقىنى ياخشى ئۆگىنىشىمىز ۋە ياخشى قوللىنىشىمىز كېرەك.

  دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىقى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشىدىكى كۆۋرۈك ۋە ۋاسىتە. ئاز سانلىق مىللەت ئامما دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىقىنى ئىگىلىسە، خۇددى قېرىنداش مىللەتلەر بىلەن بولغان قېرىنداشلارچە مېھىر- مۇھەببەت يولىنى ئاچقانغا ئوخشاش بولۇپ، باشقا مىللەتتىن بولغان ئامما بىلەن قىلچە تىل توسالغۇسىغا ئۇچرىماي پاراڭلىشىپ، چاقچاقلىشىپ، ناخشا ئېيتىشىپ، سىردىشىپ ئۆتەلەيدۇ، ئۆزئارا ئالاقىلىشىپ، ئۆزئارا چۈشىنىپ، ئۆزئارا ئۆگىنىپ، ئۆزئارا زوقلىنىپ، شۇ ئاساستا مىللىي ئارازلىقنى تۈگىتىپ، چۈشىنىش، سىغدۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ھېسسىيات، دوستلۇقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مىللەتلەرنىڭ ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇشىنى ئىلگىرى سۈرەلەيدۇ.

  دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىقىنى ئۆگىنىش يەنە رېئال تۇرمۇشنىڭ ئەمەلىي ئېھتىياجى. دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىقىنى ئۆگەنگەندە ۋە ئىگىلىگەندە، ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش ئىقتىدارىمىز ئۆسۈپ، ياخشى خىزمەت تاپالايمىز، ئائىلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي كىرىمىنى ئاشۇرالايمىز. ئەتراپىمىزدىكى بىر قىسىم ئۇرۇق- تۇغقان، دوستلىرىمىز، قوشنىلىرىمىزنىڭ بالىلىرىدىن پۇتۇڭخۇانى راۋان سۆزلىيەلەيدىغانلىرى ناھايىتى ياخشى خىزمەت تاپتى.

  بۇ قېتىم پەيزاۋات ناھىيەسى، قەشقەر شەھىرىدىكى كەسپىي ماھارەت تەلىم- تەربىيە مەركەزلىرىنى ئېكسكۇرسىيە قىلغاندا، كەسپىي ماھارەت تەلىم- تەربىيە مەركىزىنىڭ دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىقىنى بىر تۈرلۈك مۇھىم تەربىيەلەش مەزمۇنى قىلغانلىقىنى كۆردۈم. نۇرغۇن تەربىيەلەنگۈچى ئىلگىرى دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىقىنى ئاڭلاپ چۈشىنەلمەيدىكەن، سۆزلىيەلمەيدىكەن، يازالمايدىكەن، تونۇيالمايدىكەن، مەركەزلىك ھەقسىز تەربىيەلەنگەندىن كېيىن، ھازىر ئاڭلاپ چۈشىنەلەيدىغان، سۆزلىيەلەيدىغان، يازالايدىغان، تونۇيالايدىغان بوپتۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، شىنجاڭ تارىخىنى ئۆگىنىپ، دۆلەتنىڭ قانۇن- نىزاملىرىنى ئۆگىنىپ، ئەمەلىي قوللىنىلىدىغان تېخنىكىلارنى ئۆگىنىپ، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ تەسىرىدىن ئۈزۈل- كېسىل قۇتۇلۇپتۇ. ئىشىنىمەنكى، يېقىن كەلگۈسىدە، ئۇلار چوقۇم يېپيېڭى روھىي قىياپەت بىلەن جەمئىيەتكە ۋە ئائىلىسىگە قايتىپ، دۆلەتكە، جەمئىيەتكە، ئائىلىسىگە ھەقىقىي ياراملىق ئادەملەردىن بولىدۇ.

  دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىقىنى ئۆگىنىش، ئىگىلەش، ئىشلىتىش جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ ئادا قىلىشقا تېگىشلىك مەسئۇلىيىتى، پارتىيەنى سۆيۈش، ۋەتەننى سۆيۈش، سوتسىيالىزمنى سۆيۈشنىڭ كونكرېت ئىپادىسى. ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زات بولۇش سۈپىتىم بىلەن، دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىقى ئاساسىمنىڭ بىرقەدەر ئاجىز بولغانلىقىدىن ناھايىتى خىجىللىق ھېس قىلىمەن. بۇ يىل مەن ئاپتونوم رايوننىڭ ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلارنى مەركەزلىك تەربىيەلىشىگە قاتناشتىم. ئۈچ ئاي تەربىيەلىنىش ئارقىلىق خەنزۇچىنى پىنيىنغا قاراپ پىششىق ئوقۇيالايدىغان بولدۇم، پۇتۇڭخۇادا ئادەتتىكىدەك ئالاقىلىشەلەيدىغان بولدۇم. بۇ يىلقى مەملىكەتلىك ئىككى يىغىندا، مەن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، دۆلەت ئورتاق تىلىدا يىغىندا سۆز قىلدىم ھەم بۇنىڭدىن ناھايىتى شەرەپ ھېس قىلدىم. بۇنىڭدىن كېيىن ئائىلەمدىكىلەر بىلەن بىللە دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىقىنى ياخشى ئۆگىنىپ، ياخشى قوللىنىمەن، يەنە دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغانلارغا دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىقىنى ئۆگىنىش، قوللىنىشنىڭ پايدىسىنى تەشۋىق قىلىمەن، كۆپچىلىكنى يېتەكلەپ دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىقىنى بىللە ياخشى ئۆگىنىپ، پەن- مەدەنىيەت ساپايىمنى ئۆستۈرۈپ، «مالىمانچىلىق يىلتىزى» ۋە «نامراتلىق يىلتىزى»نى قومۇرۇپ تاشلاپ، گۈزەل شىنجاڭنى ئورتاق قۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى