تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

پارتىيەگە سادىق بولۇپ، باتۇرلۇق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممەمگە ئېلىپ ئۈلگە بولىمەن

  قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستلىق ئىتتىپاق كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن شۇجىسى ئەنۋەر مەخسۇم

  پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ ئىچى بىلەن تېشى بىردەك بولۇش- بولماسلىقى، پارتىيەگە سادىق بولۇش- بولماسلىقى، باتۇرلۇق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ، ئۈلگىلەردىن بولۇش- بولماسلىقى پارتىيەنىڭ تۈرلۈك فاڭجېن- سىياسەتلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش مۇساپىسىگە بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك.

  ھازىر شىنجاڭ يەنىلا «ئۈچ مەزگىل گىرەلىشىپ كەتكەن» ئالاھىدە تارىخىي مەزگىلدە تۇرۇۋاتىدۇ. كەسكىن، مۇرەككەپ ۋەزىيەت ئالدىدا، بىز جەزمەن شۇنى سەگەكلىك بىلەن تونۇپ يېتىشىمىز كېرەككى، «ئۈچ خىل كۈچ»، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدىكى ئەڭ چوڭ دۈشمەن، ئەڭ چوڭ توسالغۇ، ئەڭ چوڭ خەۋپ، ئۇلار ۋەتەننى پارچىلايدىغان، پارتىيە ۋە خەلق بىلەن دۈشمەنلىشىدىغان ئىشلارنى قىلىۋاتىدۇ، ئۇلار شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق دۈشمىنى. بىز قەتئىي، كەسكىن ھالدا «ئۈچ خىل كۈچ»، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى ئاداققىچە كۈرەش قىلىپ، ئۇلارنى كوچىدىن ئۆتكەن چاشقان ئۇر- ئۇرغا قالغاندەك ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ، ئۇلارغا يوشۇرۇنغۇدەك جاي قالدۇرماسلىقىمىز كېرەك. پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، ھەرقانداق ۋاقىتتا پارتىيە بىزگە يۈكلىگەن مۇقەددەس بۇرچنى ئۇنتۇماي، خەلق ئاممىسىنىڭ بىزدىن كۈتكەن سەمىمىي ئۈمىدىنى يەردە قويماي، قەتئىي ھالدا مەيدانىمىز ئىنتايىن مۇستەھكەم، بايرىقىمىز ئىنتايىن روشەن بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، باشلامچىلىق بىلەن دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، ياخشى ئۈلگىلەردىن بولۇپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ چوڭ ياخشى ۋەزىيىتىنى قوغدىشىمىز كېرەك.

  ئېتىقادىمنى چىڭىتىپ، پارتىيەۋىلىكىمنى كۈچەيتىپ، پارتىيەگە مۇتلەق سادىق ياخشى كادىر بولىمەن. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قەتئىي تەۋرەنمەي شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق ئىدىيەمنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، كاللامنى قوراللاندۇرۇپ، ھەرۋاقىت پارتىيەگە مۇتلەق سادىق بولۇشتەك سىياسىي خىسلىتىمنى ساقلايمەن، سىياسىي ئاڭ، ئومۇملۇق ئېڭى، يادرو ئېڭى، بىردەكلىك ئېڭىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، سىياسىيۋىلىك جەھەتتە چېنىقىشنى كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش ئىقتىدارىمنى ئۆستۈرىمەن، ئۆز ئەمەلىيىتىم ئارقىلىق ئۈلگە بولۇپ، «ئۈچ ئايرىلالماسلىق» ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش»نى كۈچەيتىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئاڭلىق قوغدايمەن، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى ئاڭلىق قوغدايمەن.

  سۆز- ھەرىكەتتە بىردەك بولۇپ، باتۇرلۇق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممەمگە ئېلىپ، پارتىيەنى خاتىرجەم قىلىدىغان ياخشى كادىر بولىمەن. كۈندىلىك تۇرمۇشتا، سۆزى بىلەن ھەرىكىتى بىردەك بولۇش، دىلى بىلەن تىلى بىردەك بولۇش، سەھنىدە ۋە سەھنىدىن چۈشكەندە بىرخىل بولۇش، ئالدىدا ۋە كەينىدە بىر خىل بولۇشنى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرىمەن؛ كونكرېت خىزمەتتە راست سۆزلەپ، ئەمەلىي ئىش قىلىپ، ھەقىقىي باشلامچى بولۇپ، پارتىيەگە مۇتلەق سادىق ئۈلگىلەردىن بولىمەن، سەھنىدە ئۈنلۈك شوئار توۋلاپ، سەھنىدىن چۈشكەندە قارشى مۇقام توۋلايدىغان، كۆرۈنۈشتە ئىتائەت قىلغان بولۇپ، ئاستىرتىن خىلاپلىق قىلىدىغان، پارتىيەنىڭ لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرى ھەققىدە قالايمىقان سۆزلەيدىغان، ساختىپەزلىك قىلىدىغان «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىمەن؛ باشتىن- ئاخىر چوڭ ھەق- چوڭ ناھەق مەسىلىلىرىدە مەيدانىمنى مۇستەھكەم قىلىپ، ھەرىكەتتە قەتئىي بولۇپ، ئىنتىزامغا ۋە قانۇنغا رىئايە قىلىپ چەكتىن ھالقىپ كەتمەيمەن، قەتئىي ھالدا پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىنى ھىمايە قىلىپ، پارتىيەنىڭ تەدبىرىنى ئىجرا قىلىپ، پارتىيەنىڭ ئاساسىي مەقسىتىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ھەر ۋاقىت ئۈلگىلىك رولۇمنى جارى قىلدۇرىمەن، مەسئۇلىيىتىمنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، كۆزۈمنى روشەنلەشتۈرۈپ، ھەق- ناھەقنى ئېنىق ئايرىپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممەمگە ئېلىپ، تىرىشىپ خەلقچىل، ئەمەلىيەتچىل، پاك ياخشى كادىر بولىمەن.

  ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىدىغان ياخشى كادىر بولىمەن. شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ بەختلىك تۇرمۇشىنى پارتىيە ئاتا قىلغان. مەن پارتىيەگە كىرىش قەسىمىمنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، بۇرچنى يەردە قويماي، مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىمەن، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرىمەن، ئەمەلىيلەشتۈرىمەن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشتىكى يۈرۈشلۈك «بىرىكمە مۇشت» تەدبىرىنى كەم- كوتسىز ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرىمەن، كومپارتىيە ئەزاسىغا خاس يېتەكچىلىك رولۇمنى جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيەگە سادىق سىياسىي خىسلىتىمنى مەڭگۈ ساقلايمەن، «ئۈچ خىل كۈچ»، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى كۈرەشنىڭ ئالدىنقى سېپىدە تۇرۇپ، ئاۋانگارتلاردىن بولۇپ، زەربىدارلىق بىلەن ئالدىدا ماڭىمەن، زەربە بېرىش، ئۆچ ئېلىش، ھەيۋە قىلىش، تەھدىت سېلىشتىن قورقماي، ئەكسىيەتچىل ئىدىيە تارقىتىدىغان، مىللىي كەيپىياتقا قۇترىتىدىغان، مىللەتلەر مۇناسىۋىتىگە قۇتراتقۇلۇق قىلىدىغان، مىللىي بۆلگۈنچىلىك ۋە زوراۋانلىق، تېررورلۇق قىلمىشلىرىنى پىلانلايدىغان دۈشمەن كۈچلەرنى مەردانىلىك بىلەن قەتئىي پاش قىلىپ، قەتئىي زەربە بېرىپ، «ئۈچ خىل كۈچ»، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنىڭ ھەممە تەرەپكە خەۋپ يەتكۈزۈشىگە قەتئىي يول قويمايمەن. كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقىنىڭ پارتىيەنىڭ ياردەمچىسى ۋە زاپاس قوشۇنىلىق رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئىدېئولوگىيە ساھەسىنىڭ يېتەكچىلىك ھوقۇقى، سۆز ھوقۇقى، رەھبەرلىك ھوقۇقىنى پۇختا ئىگىلەپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ياشلار، ئۆسمۈرلەرگە بولغان كۆيۈنۈشى، غەمخورلۇقىنى پائال تەشۋىق قىلىپ، ياشلار، ئۆسمۈرلەرنى سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى تۇرغۇزۇش ۋە ئۇنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشكە پائال يېتەكلەپ، ياشلار، ئۆسمۈرلەرنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشتۇرىمەن. «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزاسىغا خاس رولۇمنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيەنىڭ تۈرلۈك ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنى پائال تەشۋىق قىلىمەن، ئەمەلىيلەشتۈرىمەن، ئاساسىي قاتلامدىكى ئامما بىلەن جاپادىمۇ، ھالاۋەتتىمۇ بىللە بولۇپ، تەقدىرداش بولۇپ، ئاممىنى ھەقىقىي ئەمەلىي نەپكە ئېرىشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ كۆيۈنۈشى ۋە ئىللىقلىقىنى ئاممىنىڭ قەلبىگە سىڭدۈرۈپ، ئاممىنى مەڭگۈ پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشقا تەربىيەلەيمەن، يېتەكلەيمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى