تەڭرىتاغ تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئەڭ قەتئىي پوزىتسىيە، ئەڭ پۇختا ئىستىل، ئەڭ كۈچلۈك تەدبىر ئارقىلىق تۈزەش خىزمىتىنى ياخشى تۇتۇش كېرەك

  ئاپتونوم رايوننىڭ نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىدىكى مەسىلىلەرنى دەرھال ھەرىكەتلىنىپ، دەرھال تۈزەش توغرىسىدىكى خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسى يىغىنى ئېچىلدى

  مۇخبىرىمىز لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 11- ئاينىڭ 8- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايوننىڭ نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىدىكى مەسىلىلەرنى دەرھال ھەرىكەتلىنىپ، دەرھال تۈزەش توغرىسىدىكى خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسى يىغىنى ئېچىلدى. يىغىندا شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى يېتەكچى قىلىنىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ كۆزىتىش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، جايلار، تارماقلار ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، ئەڭ قەتئىي پوزىتسىيە، ئەڭ پۇختا ئىستىل، ئەڭ كۈچلۈك تەدبىر ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىدىكى مەسىلىلەرنى تۈزەشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى يۇقىرى ئۆلچەم، يۇقىرى سۈپەتتە ياخشى تۇتۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىش ئۈچۈن ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان سىياسىي ئېكولوگىيەنى يارىتىشقا سەپەرۋەر قىلىندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق ئېغىر نامرات رايونلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن گۇرۇپپا باشلىقى لى پېڭشىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: جايلار، تارماقلار بايرىقى روشەن ھالدا سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىپ، «تۆت ئاڭ»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، دەرھال ھەرىكەتلىنىپ، دەرھال تۈزەشنى ياخشى تۇتۇشنىڭ سىياسىي سادىقلىقنىڭ تېگىشلىك مەزمۇنى، قاتتىق باشقۇرۇش، چوڭقۇر كۆڭۈل بۆلۈشنىڭ كونكرېت ئىپادىسى، خىزمەتنى يۈكسەلدۈرۈشنىڭ كۈچلۈك تۇتقۇسى ئىكەنلىكىنى تولۇق تونۇپ، دەرھال ھەرىكەتلىنىپ، دەرھال تۈزەشنىڭ سىياسىي ئاڭلىقلىقى، ئىدىيەۋى ئاڭلىقلىقى ۋە ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، ھەقىقىي تۈزەش، ئەمەلىي تۈزەش، ئومۇميۈزلۈك تۈزەشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تۈرلۈك تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىسىنى شىنجاڭدا يىلتىز تارتقۇزۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: تەلەپنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ تۈزەشنى تۇتۇپ، دەرھال ھەرىكەتلىنىپ، دەرھال تۈزەشنى تېز ئالغا سىلجىتىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. چوڭقۇر قېزىپ، ئىنچىكە سېلىشتۇرۇپ، بىر ئىش ئارقىلىق باشقا ئىشتىنمۇ ئىبرەت ئېلىپ، ئومۇميۈزلۈك ئۆزىنى تەكشۈرۈپ، تۈرمۇ تۈر رەتلەپ، نۇقتا ئارقىلىق دائىرىنى يېتەكلەپ، نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىدىكى كادىرلار ئىستىلىغا ئالاقىدار مەسىلىلەردە تۈپتىن ياخشىلىنىشنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. مەسىلىگە يېقىندىن دىققەت قىلىپ، قاتتىق بولۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، ئەمەلىي بولۇشنى ئاساس قىلىپ، نىشان بەلگىلەپ جەڭ قىلىش، ھەرىكەت ھالەتتە باشقۇرۇشنى يولغا قويۇپ، بىرنى ھەل قىلىپ، بىرنى رويخەتتىن ئۆچۈرۈپ، بىرنى مۇستەھكەملەپ، تەلتۆكۈس تۈزەش، جايىدا تۈزەشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ماھىيەتتىنمۇ، ھادىسىدىنمۇ تۈزەشتە چىڭ تۇرۇپ، تۈزۈم سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تۈزىتىلگەن مەسىلىلەرنى ئىز قوغلاپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، قاڭقىشتىن قەتئىي ساقلىنىپ، دائىملىق، ئۇزاق ئۈنۈملۈك نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، «كېسەل ئوچىقى»نى يىلتىزىدىن قومۇرۇپ تاشلاشنى چوقۇم تەلەپ قىلىش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: مۇھىم نۇقتىنى بوشاشتۇرماسلىقنى چىڭ تۇتۇپ، قەتئىي، كەسكىن ھالدا نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىدىكى كادىرلار ئىستىلىغا ئالاقىدار مەسىلىلەرنى جايىدا تۈزەش كېرەك. «ئۆگىنىش، ياخشىلاش، ئىلگىرى سۈرۈش» مەخسۇس پائالىيىتىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تۈرلۈك نازارەت قىلىش- تەكشۈرۈشنى قېلىپلاشتۇرۇپ، ئۇچۇر تېخنىكا ۋاسىتىسىنى قوللىنىپ، نازارەت قىلىش- تەكشۈرۈشنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، نازارەت قىلىش- تەكشۈرۈشنىڭ نامى كۆپ بولۇش، شەكىلگە ئايلىنىپ قېلىش قاتارلىق مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىش كېرەك. نامراتلارنى يۆلەش كۈچىنى بىرلەشتۈرۈپ، يېزا- كەنت بىرىنچى سېپىگە چۆكۈپ يۈزتۇرا يېتەكچىلىك قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنى تەربىيەلەش ۋە تۈرلەرنى دەلىللەپ لايىھەلەشنى نۇقتىلىق ياخشى تۇتۇپ، ناھىيەلىك پارتكوملارنىڭ نامراتلارنى يۆلەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى بىرىنچى سەپ قوماندانلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرمەسلىك مەسىلىسىنى كۈچەپ ھەل قىلىش كېرەك. تەكشۈرۈشنىڭ رىغبەتلەندۈرۈش، يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كۆپ تەرەپ ھەمكارلىشىدىغان، كۈچنى بىرلەشتۈرۈپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىدىغان قويۇق كەيپىياتنى بەرپا قىلىپ، تۈرلەرنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش ۋاقتى ئۇزاق بولۇش، تار مەھكىمىچىلىك قاتارلىق مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىش كېرەك. توپتوغرا ئىدىيەنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەدبىرلەرنى دەل جايىدا يۈرگۈزۈشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئەقىل ۋە ئىرادە جەھەتتىن قوش يۆلەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تۈرلەرنى بىر تاياقتا ھەيدەپ ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: سىياسىي مەسئۇلىيەتچانلىقنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، سىياسىي مەسئۇلىيەتنى قەتئىي زىممىگە ئېلىپ، نازارەت قىلىش، ئىنتىزامنى ئىجرا قىلىش، جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈشنى چىڭىتىپ، تۈزەش بىرىكمە كۈچىنى شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، دەرھال ھەرىكەتلىنىپ، دەرھال تۈزەشنى پۇختا قەدەم بىلەن تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىشنى كۈچلۈك تەشكىلىي كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسى جاڭ چۈنلىن يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • مەخسۇس پويىزغا ئولتۇرۇپ شىنجاڭنىڭ قىش پەسلىدىن ھۇزۇرلىنىڭ
  • بۇ يىل شىنجاڭنىڭ قىشلىق ساياھىتىدە ئېتىبارلار كۆپ — ئالتايغا ساياھەتكە كېلىڭ!
  • سايرام كۆلىنىڭ قىش مەنزىرىسى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى