تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى

  ئاپتونوم رايونىمىزدىكى سودا-سانائەت تارماقلىرى «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇردى

  سۈرەتتە: 11- ئاينىڭ 7- كۈنى، بۇ شىركەتنىڭ ئىشچى- خىزمەتچىلىرى توكسىكلىت قۇراشتۇرماقتا.

  شىنجاڭ جيەنمۇ موتوسىكلىت چەكلىك شىركىتى 2017- يىلى كۇچا ناھىيەسى سودىگەر چاقىرغان، مەبلەغ جەلپ قىلغان چوڭ پۇقراۋى كارخانا بولۇپ، 1 مىليارد 200 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، ئالتە ئىشلەپچىقىرىش سېخى، 12 ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى قۇرۇشنى پىلانلىغانىدى. ھازىر، ئىككى ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ، يەرلىكتىن 800 دىن ئارتۇق ئادەمنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى.

  (سەي شۇ فوتوسى)

  مۇخبىرىمىز گاۋ ۋا خەۋەر قىلىدۇ: 11- ئاينىڭ 7- كۈنى، مەلۇم بىر سودا ئۇچۇرلىرىدىن مەسلىھەت بېرىش شىركىتىنىڭ خىزمەتچىسى زىبىبۇللا شىنجاڭ سودا- سانائەت پۈتۈن مۇساپىلىك ئېلېكتىرونلاشقان تىزىملاش سۇپىسىغا چىقىپ، بىرنەچچە مىنۇتتىلا خېرىدارنىڭ كارخانا نامىنى ئۆز ئالدىغا ئىلتىماس قىلىشنى تاماملىشىغا ياردەم بەردى. «ئىلگىرى <كارخانىنىڭ نامىنى ئالدىنئالا تەكشۈرۈپ تەستىقلاش> تىجارەت كىنىشكىسىنى ئىلتىماس قىلىپ ئېلىشنىڭ بوسۇغىسى ئىدى، مۇشۇ بىر تۈرگىلا ئۈچ كۈندىن بەش كۈنگىچە ۋاقىت كېتەتتى، مۇبادا كارخانىنىڭ نامى تەكشۈرۈپ بېكىتىشتىن ئۆتمىسە، كۆزنەككە يەنە قاتراشقا توغرا كېلەتتى، ئۆچرەت ساقلاش ئۈچۈن كۆپ زېھىن- كۈچ سەرپ قىلىناتتى. ھازىر سىستېمىدا ئۆز ئالدىغا ئىلتىماس قىلىش ئارقىلىق ۋاقىتنى ھەم كۈچنى تېجەپ قالغىلى بولىدۇ». زىبىبۇللا ئىشلەۋاتقان شىركەت ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرنى كارخانىنى تىزىمغا ئالدۇرۇش، باج ۋاكالەتچىلىكى قاتارلىق مۇلازىمەت بىلەن مەخسۇس تەمىنلەيدۇ، زىبىبۇللا سودا- سانائەت تارماقلىرىنىڭ «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىنىڭ كارخانىلارغا ئېلىپ كەلگەن قولايلىق تۇيغۇسى ۋە بەخت تۇيغۇسىنى چوڭقۇر ھېس قىلغانىدى.

  كارخانىلارنىڭ تىزىمغا ئالدۇرۇش، رويخەتكە ئالدۇرۇشىنى قولايلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش ئاپتونوم رايونلۇق سودا- سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، تىجارەت- سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇشىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى. بۇ يىل 2- ئايدا، شىنجاڭ سودا- سانائەت پۈتۈن مۇساپىلىك ئېلېكتىرونلاشقان تىزىملاش سۇپىسى ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ، كارخانىنىڭ تىزىمغا ئالدۇرۇش، رويخەتكە ئالدۇرۇش ئىشلىرىنى توردا ئىلتىماس قىلىش، تەكشۈرۈپ بېكىتىش، كىنىشكا تارقىتىشتا «ئەڭ كۆپ بولغاندا بىر قېتىم قاتراش»تىن «بىر قېتىممۇ قاترىماسلىق» ئىشقا ئاشۇرۇلدى. ئاۋۋال كىنىشكا، ئاندىن ئىجازەتنامە، «كۆپ خىل كىنىشكىنى بىرلەشتۈرۈش»، ئاددىيلاشتۇرۇپ رويخەتتىن ئۆچۈرۈۋېتىش... يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق سودا- سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسى ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ بىر قاتار ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇپ، كارخانىنىڭ تىزىمغا ئالدۇرۇشىنى ئىجازەت بېرىشتىن چېكىنىپ چىقىشقىچە بولغان پۈتۈن مۇساپىدە، ئومۇمىي ھالقىدا قولايلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، بازار سۇبيېكتىنىڭ تۈزۈم خاراكتېرلىك سودىلىشىش تەننەرخىنى ھەقىقىي تۆۋەنلەتتى.

  سودا- سانائەتتە تىزىملاشنىڭ ئالدىنقى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش مۇندەرىجىسى 32 بەتكە ئازايتىلىپ، كارخانىنىڭ تىزىمغا ئالدۇرۇشى، رويخەتكە ئالدۇرۇشى ئەسلىدىكى يەتتە خىزمەت كۈنىدىن ئۈچ خىزمەت كۈنىگە قىسقارتىلدى، كۆپ قىسمىنى شۇ كۈنىلا بېجىرىپ بولغىلى بولىدۇ. «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھات يولى بارغانسېرى كېڭەيتىلدى، كۆپلىگەن پۇقراۋى كارخانىمۇ زىبىبۇللا ئىشلەيدىغان كارخانىغا ئوخشاش ئىسلاھات پايدىسىدىن تولۇق بەھرىمەن بولدى. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، ئاپتونوم رايونىمىزدا ھەر كۈنى ئوتتۇرىچە تىزىمغا ئالدۇرغان كارخانا 152 گە يېتىپ، 6- ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، ئاپتونوم رايون بويىچە ئەمەلىي بار بولغان تۈرلۈك بازار سۇبيېكتى 1 مىليون 562 مىڭدىن ئاشتى.

  يېقىندا باش شۇجى شى جىنپىڭ پۇقراۋى كارخانىلار سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىدە، پارتىيەمىزنىڭ «ئىككىدە قىلچە تەۋرەنمەسلىك»تە چىڭ تۇرىدىغان ئىزچىل مەيدانىنى قايتا تەكىتلەپ، دۆلىتىمىز پۇقراۋى ئىگىلىكىنىڭ مۇھىم ئورنى ۋە رولىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىنى زورايتىشنى زور كۈچ بىلەن قوللاش توغرىسىدا مۇھىم ئورۇنلاشتۇرما قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق سودا- سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى گاۋ جيەندۇڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى سودا- سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارماقلىرى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئادىل رىقابەتلىشىشنى قاراپ چىقىش- تەكشۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان ئىگىلىككە ئالاقىدار ھەر خىل شەكىلدىكى نامۇۋاپىق بەلگىلىمىلەرنى بىكار قىلىپ، ھەر خىل يوشۇرۇن توسۇقلارنى تۈگىتىپ، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان ئىگىلىكنىڭ ھاياتىي كۈچى ۋە ئىجادكارلىقىنى قوزغىتىشى؛ مونوپوللۇققا قارشى قانۇن ئىجراسىنى كۈچەيتىپ، سودىلىشىشقا مەجبۇرلاش، نامۇۋاپىق سودىلىشىش شەرتىنى قوشۇمچە قىلىش قاتارلىق رىقابەتلىشىشكە چەك قويۇش ۋە مونوپوللۇق قىلمىشىغا قاتتىق زەربە بېرىشى؛ تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇشنى قولايلاشتۇرۇش ئىسلاھاتىنى ئالغا سىلجىتىپ، سودا ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇش ئۈنۈمىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداشنى كۈچەيتىشى؛ سودا ئىشلىرى تۈزۈم ئىسلاھاتىنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «كىنىشكىنى ئازايتىش» ئارقىلىق «مەمۇرىيەتنى ئىخچاملاش»نى ئىلگىرى سۈرۈپ، پۇقراۋى كارخانىلار ئۈچۈن تېخىمۇ ئاشكارا، ئېنىق، قولايلىق بولغان تىجارەت مۇھىتى يارىتىپ بېرىپ، پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى