تەڭرىتاغ تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىنى ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشى ۋە دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشى ئېلىپ كەلگەن نەتىجىلەردىن ئورتاق بەھرىلەندۈرەيلى

  ــــ رەئىس شى جىنپىڭنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىدا سۆزلىگەن ئاساسىي مەقسەت نۇتقى توغرىسىدا

  خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

    بەختلىك تۇرمۇشقا ئىنتىلىش ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ ئورتاق ئارزۇسى، خەلقنىڭ ئارزۇسىغا ماسلىشىش، ئىنسانىيەتنىڭ ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولۇش تارىخ يۈكلىگەن دەۋر مەسئۇلىيىتى.

  «ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشىنىڭ تېخىمۇ ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان، ئومۇمىي مەنپەئەتدار، تەڭپۇڭ بولۇش، ئورتاق پايدا ئېلىش يۆنىلىشىگە قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىنى ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشى ۋە دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشى ئېلىپ كەلگەن نەتىجىلەردىن ئورتاق بەھرىلەندۈرۈش كېرەك.» تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىدا سۆزلىگەن ئاساسىي مەقسەت نۇتقىدا، رەئىس شى جىنپىڭ ھەرقايسى دۆلەتلەرنى پەرق ۋە ئىختىلاپتىن ھالقىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، سىغدۇرۇشچان تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشقا دەۋەت قىلىپ، جۇڭگونىڭ مەسئۇلىيەتچان چوڭ دۆلەتكە خاس ئەخلاقى، ھەققانىيلىقى ۋە مەسئۇلىيەتچانلىقىنى نامايان قىلدى.

  ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىنى ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشى ۋە دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشى ئېلىپ كەلگەن نەتىجىلەردىن ئورتاق بەھرىلەندۈرۈشتە، ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشىنىڭ تارىخىي چوڭ يۈزلىنىشىگە ماسلىشىشقا توغرا كېلىدۇ. ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشى دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىنى كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بىلەن تەمىنلەپ، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىگە بەخت ياراتتى، ئۇ ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى تەرەققىياتىنىڭ ئوبيېكتىپ تەلىپى ۋە پەن- تېخنىكا تەرەققىياتىنىڭ مۇقەررەر نەتىجىسى. بۇ چوڭ يۈزلىنىشنى بۇرۇۋەتكىلى بولمايدۇ، ئۇ ئادەمنىڭ ئىرادىسىگە بېقىپ ئۆزگەرمەيدۇ. قورۇقچىلىق، يەككە تەرەپچىلىكنىڭ باش كۆتۈرۈشىگە قارىتا، كۆپ تەرەپچىلىك ۋە ئەركىن سودا تۈزۈلمىسىنىڭ زەربىگە ئۇچرىشىغا قارىتا، چوڭ يۈزلىنىشكە ماسلىشىپ، خەۋپ- خەتەر، خىرىسقا ئورتاق تاقابىل تۇرۇشلا توغرا تاللاش. جۇڭگو ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشىدىن مەنپەئەتلەنگۈچى، تېخىمۇ مۇھىمى ئۇنىڭغا تۆھپە قوشقۇچى. ئۆتكەن 40 يىل داۋامىدا، جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ئېچىۋېتىلگەن شارائىتتا قولغا كەلگەن، كەلگۈسىدە جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىمۇ جەزمەن تېخىمۇ ئېچىۋېتىلگەن شارائىتتا قانات يايدۇرۇش كېرەك. بۇ، جۇڭگو تەرەققىيات ئېھتىياجىغا ئاساسەن چىقارغان ئىستراتېگىيەلىك تاللاش، شۇنىڭ بىلەن بىللە، جۇڭگو يەنە ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىگە بەخت يارىتىدۇ. جۇڭگونىڭ ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىش چوڭ يۈزلىنىشىگە ماسلىشىش ئەمەلىي ھەرىكىتى شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، جۇڭگو ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپلا قالماي، دۇنياغىمۇ بەخت ياراتتى.

  ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىنى ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشى ۋە دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشى ئېلىپ كەلگەن نەتىجىلەردىن ئورتاق بەھرىلەندۈرۈشتە، ئوچۇق دۇنيا ئىقتىسادىنى ئورتاق بەرپا قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. دۇنيا ئىقتىسادى چوڭقۇر تەڭشىلىش، ئۆزگىرىشنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقان پەيتتە، پەقەت ئېچىۋېتىشلا ئوخشاش بولمىغان دۆلەتلەرنى ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، ئورتاق گۈللىنىش، ئۇزاققىچە تەرەققىي قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ، مانا بۇ، ھەرقايسى دۆلەتلەر چىقىرىشقا تېگىشلىك ئاقىلانە تاللاش. «ئېچىۋېتىش ئورتاق ئىلگىرىلەشكە باشلايدۇ، بېكىنمىچىلىك ھەممىنى چېكىندۈرىدۇ»، ھەرقايسى دۆلەتلەر قەتئىي ھالدا ئوچۇق دۇنيا ئىقتىسادى بەرپا قىلىپ، بايرىقى روشەن ھالدا يەككە تەرەپچىلىك ۋە قورۇقچىلىققا قارشى تۇرۇپ، ئادىل، مۇۋاپىق، ئاشكارا خەلقئارا ئىقتىساد سودا قائىدىسى سىستېمىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، سودا ۋە سېلىنمىنى ئەركىنلەشتۈرۈش، قولايلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ يەنىمۇ ئېچىۋېتىلىشى، ئالماشتۇرۇلۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. رەئىس شى جىنپىڭ نۇتقىدا مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسىنى ھەر يىلى ئۆتكۈزۈپلا قالماي، بەلكى سەۋىيەلىك، ئۈنۈملۈك، بارغانسېرى ياخشى ئۆتكۈزۈشى كېرەك. بۇ دەل جۇڭگونىڭ ئوچۇق دۇنيا ئىقتىسادى بەرپا قىلىشتىكى ئەمەلىي ھەرىكىتى. جۇڭگو «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىپ، پۈتۈن دۇنيانى ئوچۇق ھەمكارلىشىدىغان خەلقئارا سۇپا بىلەن تەمىنلەيدۇ. جۇڭگو قوللانغان بىر قاتار ئەمەلىي ھەرىكەت دەل پۈتۈن دۇنيانىڭ ئورتاق ئېچىۋېتىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئېچىۋېتىش ئارقىلىق ھەمكارلىق ئېلىپ كېلىش، ھەمكارلىق ئارقىلىق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈندۇر.

  ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىنى ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشى ۋە دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشى ئېلىپ كەلگەن نەتىجىلەردىن ئورتاق بەھرىلەندۈرۈشتە، ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشىنىڭ تېخىمۇ ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان، ئومۇمىي مەنپەئەتدار، تەڭپۇڭ بولۇش، ئورتاق پايدا ئېلىش يۆنىلىشىگە قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشقا توغرا كېلىدۇ. ئالاقىدار ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، ھازىر دۇنيا جىنى كوئېففىتسېنتى 0.7 ئەتراپىغا يەتكەن بولۇپ، ھەممە ئېتىراپ قىلىدىغان 0.6 لىك «خەتەرلىك سىزىق»تىن ئېشىپ كەتكەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە، دۇنياۋى كەسىپ قۇرۇلمىسىنىڭ تەڭشىلىشىمۇ ئوخشاش بولمىغان كەسىپ ۋە كىشىلەر توپىغا زەربە ئېلىپ كەلگەن. بۇنداق «تەرەققىيات قىزىل رەقىمى» ئالدىدا، ئىقتىسادنى دۇنياۋىلىشىش تەرەققىيات يۆنىلىشىگە قاراپ پائال يېتەكلەشكە توغرا كېلىدۇ. ئىقتىسادنى دۇنياۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىنى تېخىمۇ ھاياتىي كۈچكە ئىگە، تېخىمۇ سىغدۇرۇشچان، تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل قىلىپ، ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشىنىڭ ئىجابىي ئېففېكتىنى تېخىمۇ كۆپ قويۇپ بېرىپ، ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىش مۇساپىسىنى قايتا تەڭپۇڭلاشتۇرغاندىلا، ئوخشاش بولمىغان دۆلەت، ئوخشاش بولمىغان قاتلام، ئوخشاش بولمىغان كىشىلەر توپىنى ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشى ئېلىپ كەلگەن پايدىدىن ئورتاق بەھرىلەندۈرگىلى بولىدۇ. رەئىس شى جىنپىڭ جاكارلىغان ئېچىۋېتىشنى يەنىمۇ كېڭەيتىشكە دائىر بەش جەھەتتىكى مۇھىم، زور تەدبىر دەل ئەمەلىي ھەرىكەت ئارقىلىق تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەدىكى ئېچىۋېتىشكە تۈرتكە بولۇپ، ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشىنى قوللاپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ يېڭى دەۋردىكى جۇڭگونىڭ تەرەققىيات پۇرسىتىنى ئىگىلەپ، جۇڭگو تەرەققىياتىنىڭ «تېز پويىز»ى، «قولاي پويىز»ىغا ئولتۇرۇشىنى قارشى ئېلىپ، ئورتاق گۈللىنىش، ئىلگىرىلەشنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ.

  «يالغۇز دەرەخ ئورمان بولماس، تەنھا ياۋا غاز سەپ بولماس». ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، قول تۇتۇشۇپ تىرىشىپ، ئورتاق نىشانغا قاراپ ئىلگىرىلەپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، دۇنياۋى ئورتاق ئېچىۋېتىشكە تۈرتكە بولۇپ، ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىنى ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشى ۋە دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشى ئېلىپ كەلگەن نەتىجىلەردىن ئورتاق بەھرىلەندۈرسەك، چوقۇم تېخىمۇ گۈزەل دۇنيا قۇرۇپ چىقالايمىز.

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11- ئاينىڭ 8- كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • مەخسۇس پويىزغا ئولتۇرۇپ شىنجاڭنىڭ قىش پەسلىدىن ھۇزۇرلىنىڭ
  • بۇ يىل شىنجاڭنىڭ قىشلىق ساياھىتىدە ئېتىبارلار كۆپ — ئالتايغا ساياھەتكە كېلىڭ!
  • سايرام كۆلىنىڭ قىش مەنزىرىسى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى