تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەپ، كۈچنى بىرىكتۈرۈپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش

ــــ ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىدە باسقۇچلۇق نەتىجە-ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلدى

  مۇخبىرىمىز ليۇ يى

  دىققەتنى ئېغىر نامرات رايونلارغا مەركەزلەشتۈرۈشكە كۈچەپ، ئۆز جايىنىڭ شارائىتىغا قاراپ دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىش... يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا ئالاقىدار بىرقاتار تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى مۇھىم، زور سىياسىي ۋەزىپە ۋە بىرىنچى خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى سۈپىتىدە كۈچلۈك ئالغا سىلجىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، نامراتلىقنى ئىلمىي تۈگىتىش، نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش، نامراتلىقتىن ئۈنۈملۈك قۇتۇلدۇرۇش يولىنى تېپىپ چىقتى، تېخىمۇ كۆپ ئامما نامراتلىق ئاسارىتىدىن قۇتۇلۇپ، بەختلىك تۇرمۇش كەچۈردى.

  2014- يىلىدىن بۇيان، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا جەمئىي 1 مىليون 848 مىڭ 300 نامرات ئاھالە ئازايتىلدى، نامراتلارنى ئازايتىش نىسبىتى% 56.3 كە يەتكۈزۈلدى؛ 2017- يىلى 443 مىڭ 800 نامرات ئاھالىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش، 331 نامرات كەنتنى نامراتلىقتىن چېكىندۈرۈش تاماملاندى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش سۈپىتى ۋە نەتىجە- ئۈنۈمى ئۈزلۈكسىز ئۆستى.

  يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەش كۈچەيتىلىپ، تېخىمۇ قىيىن ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىندى

  جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاست ئېغىر نامرات رايون بولۇپ، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى قىيىن نۇقتا ۋە مۇھىم نۇقتا. باش شۇجى شى جىنپىڭ 12- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5- يىغىنىدا شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش، دەل جايىدا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى نامرات رايونلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى ئاساسىي جەڭگاھ قىلىپ، يېزىلاردا ئەمىن تاپقۇزۇش ۋە كۆچمەن چارۋىچىلارنى ماكانلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى، شەھەر- بازارلاردا كاپالەتلىك تۇرالغۇ قۇرۇلۇشىنى ياخشى يولغا قويۇپ، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرى ۋە چېگرا رايونلاردىكى ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمەتنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تىرىشىپ ھەر مىللەت ئاممىنى تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈش كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە ھۆكۈمەت باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەشنى كۈچەيتىپ، تۈزۈلمە- مېخانىزمنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى ئېغىر نامرات رايونلارنى ئاساسىي جەڭگاھ قىلىپ، دىققەتنى ئېغىر نامرات ئاھالىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، چۈشەپ تۇرىدىغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاشنى بۆسۈش ئېغىزى قىلىپ، سىياسەتنى مايىللاشتۇرۇش ۋە مەبلەغنى بىرىكتۈرۈش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، كۈچنى بىرىكتۈرۈپ تېخىمۇ قىيىن ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلدى.

  بۇ يىلنىڭ بېشىدا، ئاپتونوم رايونىمىز «جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنىڭ ئېغىر نامرات رايونلىرىدا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى يولغا قويۇش لايىھەسى(2018- يىلىدىن 2020- يىلىغىچە)»نى مەخسۇس تۈزۈپ، ئېغىر نامرات رايونلاردا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى يولغا قويۇش لايىھە سىستېمىسىنى شەكىللەندۈردى؛ «ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ <جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشنىڭ ئۈچ يىللىق ھەرىكىتى توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكرى>نى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى يولغا قويۇش پىكرى»نى تەتقىق قىلىپ تۈزۈپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئۈچ يىللىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى ئومۇمىي تەلىپى، ۋەزىپە نىشانى، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش تەدبىرى، تىرەك كاپالىتىنى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇردى.

  شۇنىڭ بىلەن بىللە، مەبلەغ ئارقىلىق قوللاش قاتارلىق جەھەتلەردە ئېغىر نامرات رايونلارغا مايىللاشتى. جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستقا ئورۇنلاشتۇرغان، چۈشۈرگەن مالىيە مەخسۇس تۈرى بويىچە نامراتلارنى يۆلەش مەبلىغى پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مەبلەغ ئومۇمىي كۆلىمىنىڭ %80 ىدىن كۆپرەكىنى ئىگىلىدى، ئېغىر نامرات ناھىيەلەرگە ئورۇنلاشتۇرغان، چۈشۈرگەن مالىيە مەخسۇس تۈرى بويىچە نامراتلارنى يۆلەش مەبلىغى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنىڭ مەبلەغ ئومۇمىي كۆلىمىنىڭ %85 ىدىن كۆپرەكىنى ئىگىلىدى. پۈتۈن ئاپتونوم رايون يەنە رايون ئىچىدىكى ھەمكارلىشىپ نامراتلارنى يۆلەش مېخانىزمىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچى بىرقەدەر كۈچلۈك 33 ناھىيە، شەھەرنى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى 27 ناھىيە، شەھەرگە ياردەم بېرىشكە تەشكىللەپ، كەسىپلەر بويىچە ھەمكارلىشىش، ئەمگەك- مۇلازىمەت بويىچە ھەمكارلىشىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كېڭەيتىپ، تۈرلۈك كارخانا، ئىجتىمائىي تەشكىلات ۋە شەخسلەرنى كەنتلەرنى، ئائىلىلەرنى ھۆددىگە ئېلىپ نامراتلارنى يۆلەشكە قاتنىشىشقا رىغبەتلەندۈردى، قوللىدى.

  شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشمۇ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئېغىر نامرات رايونلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشىغا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى. بۇ يىلدىن بۇيان، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئون ئۆلكە، شەھەرنىڭ ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى ئېغىر نامرات ناھىيەلەردە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش تۈرىدىن 379 نى ئورۇنلاشتۇردى، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشكە چېتىلىدىغان مەبلەغ 6 مىليارد 996 مىليون يۈەن بولۇپ، ئون ئۆلكە، شەھەرنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئومۇمىي مەبلىغىنىڭ %60 ىنى ئىگىلىدى، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسىغا ئايلاندى.

  بىرقاتار ئۈنۈملۈك تەدبىرلەر جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى ئېغىر نامرات رايونلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشىنى كۈچلۈك تىرەككە ئىگە قىلدى. 2014- يىلىدىن 2017- يىلىغىچە، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتا جەمئىي 334 مىڭ 800 ئائىلىدىن 1 مىليون 406 مىڭ 300 كىشى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇلدى، 1193 نامرات كەنت نامراتلىقتىن چېكىندۈرۈلدى، بىر نامرات ناھىيەنىڭ نامراتلىق قالپىقى چۆرۈپ تاشلاندى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا باسقۇچلۇق نەتىجە- ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلدى.

  كۈچ نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەشكە مۇجەسسەملىنىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمى ئۆستۈرۈلدى

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، پۈتۈن ئاپتونوم رايون باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش، دەل جايىدا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش توغرىسىدىكى بىرقاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «دەل جايىدا» دېگەن بۇ ھالقىلىق تۇتقىنى چىڭ تۇتۇپ، ئۆز جايىنىڭ شارائىتىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، دەل جايىدا تەدبىر يۈرگۈزۈپ، «تەكتى ئېنىق بولۇش، يول ئېنىق بولۇش، مەسئۇلىيەت ئېنىق بولۇش، مەبلەغ ئېنىق بولۇش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردى. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى نامرات كەنت 2014- يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى 3671 دىن 2017- يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى 2054 كە ئازايدى، نامراتلىشىش نىسبىتى 2014- يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى %18.92 تىن 2017- يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى %11.57 كە تۆۋەنلىدى.

  پۈتۈن ئاپتونوم رايون ئۇزاق مەزگىلدىن بۇيانقى نامراتلىق ئاساسىي سانى ئېنىق بولماسلىق، ئەھۋال ئايدىڭ بولماسلىق قاتارلىق مەسىلىلەرگە قارىتا، نامراتلارنى يۆلەش ئوبيېكتىنىڭ ئارخىپ تۇرغۇزۇپ كارتا بېجىرىش ئۇچۇرى سانلىق مەلۇماتىنى قايتا تەكشۈرۈش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، نامراتلىق ئاساسىي سانىنى ئومۇميۈزلۈك ئېنىقلاپ، ئاپتونوم رايون، ۋىلايەت، ناھىيە، يېزا، كەنت بەش دەرىجىلىك نامرات ئاھالە ئۇچۇرى ماتېرىيال ئامبىرى قۇرۇپ، ئاپتونوم رايونىمىز تارىخىدا تۇنجى قېتىم «ئائىلىدە كارتا بولۇش، كەنتتە جەدۋەل بولۇش، يېزىدا تىزىملىك بولۇش، ناھىيەدە ئارخىپ بولۇش، ۋىلايەتتە توپلام بولۇش، ئاپتونوم رايوندا ئامبار بولۇش»نى ئىشقا ئاشۇردى.

  ئاساسىي ساننى ئېنىقلاش ئاساسىدا، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا «يەتتە بىر تۈركۈم»، «ئۈچتە سالماقنى ئاشۇرۇش»تىن ئىبارەت نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش تەدبىرى قوللىنىلىپ، يۆلەش- ئېچىش «باستۇرۇپ سۇغىرىش»تىن «دەل جايىغا تېمىتىپ سۇغىرىش»قا ئۆزگەرتىلدى.

  «يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ بىر تۈركۈمنى يۆلەش» جەھەتتە، ئاپتونوم رايونىمىز يېزا ئەمگەك كۈچلىرىنى تەشكىللىك يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى باشقۇرۇش- مۇلازىمەت سىستېمىسىنى ئورنىتىپ، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتا 90 مىڭغا يېقىن كىشىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇردى. كەسىپلەر ئارقىلىق يۆلەش سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئارقىلىق، توقۇمىچىلىق، كىيىم- كېچەك، ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلاتلارنى قۇراشتۇرۇش، پىششىقلاش قاتارلىق ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كەسىپلەرنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، بىر تۈركۈم نامراتلارنى يۆلەش سېخى، ھەمراھ زاۋۇتلارنى قۇرۇپ، ئېغىر نامرات رايونلاردىكى ئاممىنىڭ يېقىن ئەتراپتا، ئۆز جايىدا ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ئۈنۈملۈك تۈرتكە بولۇپ، كىرىمىنى ئاشۇردى.

  ئېغىر نامرات بولغان جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتا خاس كەسىپلەرنى راۋاجلاندۇرۇپ، كەسىپلەر زەنجىرىنى ئۇزارتىش، ئىش ئورنىنى كۆپەيتىش ئارقىلىق ئۇزاق مۇددەتلىك، مۇقىم نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش نامراتلارنى يۆلەيدىغان بارلىق كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ ئورتاق تونۇشىغا ئايلاندى.

  خوتەن ناھىيەسىنىڭ لايقا يېزىسى داكۈي كەنتىنىڭ ئاھالىسى غوجىئابدۇللا ئوبۇلقاسىمنىڭ قىزى ئۇزاقتىن بۇيان كېسەل بولغانلىقتىن، ئائىلىسى نامراتلىشىپ كەتكەنىدى، ئۇ ئائىلىسىنىڭ تۇرمۇشى ئۈچۈن باش قاتۇرۇۋاتقاندا، كەنتتىكى ياڭاق پىششىقلاش ھەمكارلىق كوپىراتىپىدىكىلەر ئۇنى ئىزدەپ كەلدى ھەم ئۇنى ياڭاق ئايرىش ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلىدى. بۇ يىل ياڭاق سېتىۋېلىشنىڭ ئەڭ ئالدىراش ۋاقتىدا، غوجىئابدۇللا بىر ئايدا 7000 يۈەن كىرىم قىلدى. مۇقىم ئىش ئورنى مۇقىم كىرىم ئېلىپ كەلدى، شۇنداقلا ئۇنىڭ ئائىلىسىنى خاتىرجەم تۇرمۇشقا ئىگە قىلدى.

  غوجىئابدۇللا ئىشلەيدىغان ھەمكارلىق كوپىراتىپى خوتەن ناھىيەسىنىڭ ياڭاق كەسپىنى راۋاجلاندۇرۇش ئارقا كۆرۈنۈشىدە قۇرۇلغان بولۇپ، ھەمكارلىق كوپىراتىپىنى شىنجاڭ مېۋىچىلىك گۇرۇھى يېتەكچىلىك قىلىپ قۇرغان، ھەمكارلىق كوپىراتىپى شۇ جايدىكى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ياڭاقلىرىنى سېتىۋېلىش، ئايرىپ تاللاشقا مەسئۇل بولۇشى، كارخانا سېتىشقا مەسئۇل بولۇشى، ئىشلەپچىقىرىش بىلەن بازار ھالقىسىنىڭ تۇتاشتۇرۇلۇشى ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ تىجارەت ئۈنۈمىنى ئۆستۈردى، شۇنداقلا نامرات ئاممىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشىغا شارائىت يارىتىپ بەردى. ھازىر بۇ ھەمكارلىق كوپىراتىپى كەنتتىكى 28 نامرات ئاھالىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى.

  پۈتۈن ئاپتونوم رايون يەنە «ئۈچتە سالماقنى ئاشۇرۇش»نى پائال ئالغا سىلجىتتى. 1 مىليارد 14 مىليون يۈەن مەبلەغ ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپى بويىچە مەكتەپ باشقۇرۇش شارائىتىنى ياخشىلىشىغا مەدەت بېرىلىپ، مائارىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش سالمىقى ئاشۇرۇلدى؛ ئومۇمىي خەلقنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈش قۇرۇلۇشى ۋە ساغلاملىق ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش «ئۈچ بىر تۈركۈم» ھەرىكىتى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىلىپ، ساغلاملىق ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش سالمىقى ئاشۇرۇلدى؛ 22 ئېغىر نامرات ناھىيەدىكى 79 مىڭ 700 ئارخىپ تۇرغۇزۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالىنىڭ ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى تېز ئالغا سىلجىتىلىپ، 545 مىڭ 100 نامرات ئاھالىنىڭ بىخەتەر سۇ ئىچىش مەسىلىسى قاتارلىقلار ھەل قىلىنىپ، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنىڭ سالمىقى ئاشۇرۇلدى.

  ئىرادە جەھەتتىن يۆلەش بىلەن ئەقىل جەھەتتىن يۆلەش بىرلەشتۈرۈلۈپ، ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوزغىتىلدى

  بېلىق بەرگۈچە، بېلىق تۇتۇشنى ئۆگەت. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، پۈتۈن ئاپتونوم رايون نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش داۋامىدا، نامراتلارنى يۆلەشنى ئىرادە جەھەتتىن يۆلەش، ئەقىل جەھەتتىن يۆلەش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ماددىي جەھەتتىن نامراتلارنى يۆلەشنى ياخشى ئىشلەش بىلەن بىللە، نامرات ئاممىنى «مەنىۋى جەھەتتىن يۆلەش»كە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، نامرات ئاممىنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى قوزغاتتى.

  «بىز باققان 500 <جىگدىلىك توخۇسى> بۇ يىللىق جۇڭگو− ئاسىيا- ياۋروپا كۆرگەزمىسىدە قارشى ئېلىشقا ئېرىشىپ، ناھايىتى تېزلا سېتىلىپ بولدى، بۇ، بىزنىڭ باقمىچىلىقنى راۋاجلاندۇرۇش ئارقىلىق كىرىمىمىزنى ئاشۇرۇش ئىشەنچىمىزنى زور دەرىجىدە ئاشۇردى» دېدى كوناشەھەر ناھىيەسىنىڭ توققۇزاق بازىرى ئىشلەمچى كەنتىنىڭ ئاھالىسى ئەلى قادىر خۇشال ھالدا.

  بۈگۈنكى كۈندە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى بارغانسېرى كۆپ نامرات ئامما ئەلى قادىرغا ئوخشاش ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقىغا تايىنىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش يولىنى تاپتى، ئۇلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىش ئىشەنچى ۋە غەيرىتى تېخىمۇ ئاشتى.

  يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان، پۈتۈن ئاپتونوم رايون «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتىنى ئالغا سىلجىتىش، «ھەپتىنىڭ بىرىدە دۆلەت بايرىقى چىقىرىش» پائالىيىتىدە دائىملىق لېكسىيە سۆزلەشنى قانات يايدۇرۇش، سىياسەتتىن لېكسىيە سۆزلەش سالمىقىنى ئاشۇرۇش قاتارلىقلار ئارقىلىق، ھەر مىللەت ئاممىنى ئاڭلىق ھالدا ئىدىيەۋى قارىشىنى ئۆزگەرتىپ، نامراتلىقنىڭ قورقۇنچلۇق ئەمەسلىكى، بەلكى مەنىۋى نامراتلىقنىڭ قورقۇنچلۇق ئىكەنلىكىنى تونۇشقا يېتەكلەپ، نامرات ئاممىغا پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىش ئىرادىسىنى ھېس قىلدۇرۇپ، ئۇلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش ئىشەنچىنى ئاشۇرۇپ، «مېنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇر»نى «مەن نامراتلىقتىن قۇتۇلىمەن»گە ئۆزگەرتتى.

  جېمىنەي ناھىيەسىنىڭ ئۇلاستى بازىرى قىزىل يار كەنتىنىڭ ئاھالىسى ئەسەتخان چەيكىن ئىلگىرى كەنتتىكى نامرات ئاھالە بولۇپ، بىر يىلنىڭ تۆت پەسلىدە ئۇششاق- چۈششەك ئىشلارنى قىلىپ كۈن كەچۈرەتتى، تۇرمۇشى قىيىنچىلىقتا ئۆتەتتى. بۈگۈنكى كۈندە، ئۇ كەنتتىكى ئەمگەك- مۇلازىمەت ۋاسىتىچىسىگە ئايلاندى ھەم قۇرۇلۇش ئەترىتى قۇردى. ھەر يىلى ئەتىيازدا، ئۇ ئىشچى ئىشلىتىدىغان ئورۇنلارنى بالدۇرلا ئۇقۇشۇپ، قۇرۇلۇش ئەترىتىنى باشلاپ ھەممىلا يەردە ئىش ھۆددە ئېلىپ ئىشلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۇ يەنە باشقا كەنت ئاھالىلىرىنىمۇ «كۈتۈپ تۇرۇش، يۆلىنىۋېلىش، تەلەپ قىلىش» ئىدىيەسىنى تۈگىتىپ، بىرلىكتە ئىشلەپ پۇل تېپىپ، تېزدىن نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىش يولىغا مېڭىشقا رىغبەتلەندۈردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى