تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ كۇبا دۆلەت ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ رەئىسى، قوشۇمچە مىنىستىرلار كېڭىشىنىڭ رەئىسى دىئاز كانېر بىلەن سۆھبەتلەشتى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11- ئاينىڭ 8- كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر بەي جيې). دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 11- ئاينىڭ 8- كۈنى خەلق سارىيىدا كۇبا دۆلەت ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ رەئىسى، قوشۇمچە مىنىستىرلار كېڭىشىنىڭ رەئىسى دىئاز كانېر بىلەن سۆھبەتلەشتى.

  شى جىنپىڭ دىئاز كانېرنىڭ جۇڭگودا تۇنجى قېتىم دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولغانلىقىنى قارشى ئالدى، دىئاز كانېرغا 1- شۇجى رائۇل كاستروغا بولغان سەمىمىي سالىمىنى يەتكۈزۈپ قويۇشنى ھاۋالە قىلدى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: كۇبا قالتىس ئۇلۇغ دۆلەت، يېرىم ئەسىردىن بۇيان، جاپا- مۇشەققەت ۋە خەۋپ- خەتەردىن قورقماي، ئۆز يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرۇپ، دۇنيا خەلقىنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشتى. جۇڭگو بىلەن كۇبا ئوخشاشلا سوتسىيالىستىك دۆلەت بولۇپ، ياخشى دوست، ياخشى يولداش، ياخشى قېرىنداش. بۇ ئەمەلىيەتتە ئىسپاتلانغان، شۇنداقلا ۋاقىت ۋە خەلقئارا ۋەزىيەتتىكى ئۆزگىرىشلەرنىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بەرگەن. جۇڭگو خەلقى شۇنى ئۇنتۇپ قالمايدۇكى، 58 يىل ئىلگىرى، يولداش فىدېل كاسترو رەھبەرلىكىدىكى كۇبا غەربىي يېرىم شار بويىچە ھەممىدىن بۇرۇن يېڭى جۇڭگو بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان، ئۇ رەھبەرلىك قىلغان كۇبا پارتىيەسى ۋە خەلقى جۇڭگو خەلقىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقنى قوغداش ۋە دۆلەتنى گۈللەندۈرۈشتىن ئىبارەت ھەققانىي ئىشلىرىنى قەتئىي قوللىغان. مەن كۇبادا ئىككى قېتىم زىيارەتتە بولغان، يولداش فىدېل بىلەن چوڭقۇر سۆھبەتلەشكەن چاغدىكى ئەھۋال ھازىرغىچە كۆز ئالدىمدا. جۇڭگو بىلەن كۇبا ئىككى دۆلەتنىڭ پېشقەدەم بىر ئەۋلاد رەھبەرلىرى ئۆز قولى بىلەن ئورناتقان ۋە ئورتاق يېتىشتۈرگەن جۇڭگو- كۇبا دوستلۇقىنى ھەسسىلەپ قەدىرلەپ، ئۇنىڭغا ياخشى ۋارىسلىق قىلىپ، ئۇنى ياخشى راۋاجلاندۇرۇپ، جۇڭگو- كۇبا دوستانە ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئورتاق يارىتىشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو تەرەپ كۇبا پارتىيەسى، ھۆكۈمىتى، خەلقىنىڭ جۇڭگو- كۇبا مۇناسىۋىتىنى قەتئىي تەۋرەنمەي تەرەققىي قىلدۇرۇشقا كۈچ چىقىرىش ئىرادىسىنى يۈكسەك ئالقىشلايدۇ. ئىككى تەرەپ ئېگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر تاشلاپ، بىرتۇتاش پىلانلاپ، جۇڭگو- كۇبا مۇناسىۋىتىنى سىجىل، چوڭقۇر تەرەققىي قىلدۇرۇشقا بىرلىكتە تۈرتكە بولۇشى كېرەك. سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىش، ئۆزئارا قوللاشنى يەنىمۇ مۇستەھكەملىشى، ئىقتىساد جەھەتتە ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئېلىپ، ئۆزئارا ياردەم بېرىشى، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش جەھەتتە ئالماشتۇرۇشنى، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى كۈچەيتىشى كېرەك. ئىككى تەرەپ بىر- بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتى ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم، زور ئىشلىرىغا چېتىلىدىغان مەسىلىلەردە بىر- بىرىنى داۋاملىق قەتئىي قوللىشى كېرەك، جۇڭگو تەرەپ كۇبانىڭ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى قوغداپ، ئۆز دۆلىتىنىڭ ئەھۋالىغا ماس كېلىدىغان سوتسىيالىزم يولىدا مېڭىشىنى قەتئىي قوللايدۇ، كۇبا خەلقىنىڭ يولداش رائۇل، يولداش رەئىس قاتارلىق كۇبا رەھبەرلىرىنىڭ قەتئىي، كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ، يول ئېچىپ ئىلگىرىلەپ، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، ئۈزلۈكسىز يېڭى ھەم تېخىمۇ زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرەلەيدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ. جۇڭگو تەرەپ كۇبانىڭ ئۇزاقتىن بۇيان جۇڭگونىڭ لاتىن ئامېرىكىسى دۆلەتلىرى ۋە كارپ دۆلەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشتا ئاكتىپ ۋە مۇھىم رول ئوينىغانلىقىنى ئالقىشلايدۇ، كۇبا تەرەپ بىلەن مۇھىم، زور خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىلىرىدە زىچ ماسلىشىشنى ساقلاشنى خالايدۇ. جۇڭگو تەرەپ كۇبا تەرەپنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشقا قاتنىشىشىنى قارشى ئالىدۇ، ئىككى تەرەپ ئىقتىساد- سودا، ئېنېرگىيە، يېزا ئىگىلىكى، ساياھەت، بىيودورىگەرلىك قاتارلىق نۇقتىلىق ھەمكارلىق ساھەسى ۋە تۈرلەرنى ياخشى پىلانلاپ، مۇقىم ئالغا سىلجىتىشى كېرەك. يولداش رەئىس شاڭخەيدە تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى. جۇڭگو تەرەپ كۇبا تەرەپنىڭ بۇ سۇپىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، جۇڭگوغا قارىتىلغان ئېكسپورتنى كېڭەيتىشىنى قارشى ئالىدۇ. جۇڭگو كۇبا بىلەن ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇپ، توغرا ھەققانىيەت ۋە مەنپەئەت قارىشىدا چىڭ تۇرىدۇ، قوللاشقا بولىدىغانلىرىنى بىز چوقۇم قوللايمىز. بىز سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش، ئىسلاھات، تەرەققىياتنى ئالغا سىلجىتىش قاتارلىق تەرەپلەردە ئۆزئارا ئۆگىنىشىمىز، ئۆرنەك ئېلىشىمىز كېرەك. ئادىمىيەت ساھەسىدىكى ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرى، بولۇپمۇ ياشلار ئوتتۇرىسىدىكى ئۆزئارا چۈشىنىش ۋە دوستلۇقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇنى جۇڭگو- كۇبا مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى سىجىل ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرۇشىمىز كېرەك.

  دىئاز كانېر ئالدى بىلەن 1- شۇجى رائۇل كاسترونىڭ رەئىس شى جىنپىڭغا يوللىغان سەمىمىي سالىمى ۋە ياخشى تىلىكىنى يەتكۈزدى. دىئاز كانېر مۇنۇلارنى بىلدۈردى: كۇبا غەربىي يېرىم شار بويىچە بىرىنچى بولۇپ يېڭى جۇڭگو بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان دۆلەت، كۇبا تەرەپ بۇنىڭدىن چوڭقۇر پەخىرلىنىدۇ. كۇبا خەلقى جۇڭگو خەلقىگە باشتىن- ئاخىر دوستانە ھېسسىياتتا بولۇپ كەلدى، جۇڭگونىڭ كۇبانىڭ ھەققانىي ئىشلىرىنى ئىزچىل قوللاپ كەلگەنلىكىگە، كۇبانى قىممەتلىك ياردەم بىلەن تەمىنلىگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىدۇ. رەئىس فىدېل كاسترو ۋاپات بولغاندا، رەئىس شى جىنپىڭ كۇبانىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىغا بېرىپ تەزىيە بىلدۈرۈپ، كۇبا خەلقىنى چوڭقۇر تەسىرلەندۈرگەن. كۇبانىڭ يېڭى بىر ئەۋلاد رەھبەرلىرى ئىككى دۆلەتنىڭ يولداشلارچە، قېرىنداشلارچە ئەنئەنىۋى دوستلۇقىنى قەتئىي تەۋرەنمەي داۋاملىق مۇستەھكەملەيدۇ. كۇبا- جۇڭگو مۇناسىۋىتى ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش ۋە ئۆزئارا ئىشىنىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدا ئورنىتىلغان، خەلقئارا ۋەزىيەتتىكى ئۆزگىرىشلەرنىڭ سىناقلىرىنى باشتىن كەچۈرگەن، شۇنداقلا كەلگۈسىدىكى ھەرقانداق خىرىسقىمۇ بەرداشلىق بېرەلەيدۇ. كۇبا جۇڭگونىڭ تەرەققىياتتا قولغا كەلتۈرگەن غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتلىرىگە قايىل، كۇبا پارتىيەسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 19- قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى يۈكسەك دەرىجىدە قوللايدۇ، ئۇنى ئۆگىنىش ۋە ئۆرنەك قىلىشنى خالايدۇ، ئىچكى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئەندىزىنى يېڭىلاشنى ۋە سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش ئىشلىرىنى تېخىمۇ ياخشى ئالغا سىلجىتىدۇ. كۇبا بىلەن جۇڭگو ئىككى تەرەپ يۇقىرى قاتلامدىكىلەر ئالاقىسى ۋە سىياسىي جەھەتتە سۆزلىشىشنى داۋاملىق ساقلاپ، ئىقتىساد- سودا، مائارىپ، مەدەنىيەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، خەلقئارا ئىشلاردا ئالاقىلىشىش، ماسلىشىشنى قويۇقلاشتۇرۇشى كېرەك.

  سۆھبەتتىن كېيىن، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى يەنە بىرلىكتە ئىككى تەرەپ ھەمكارلىقىغا مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلەرنىڭ ئىمزالىنىشىغا گۇۋاھ بولدى.

  سۆھبەتتىن بۇرۇن، شى جىنپىڭ خەلق سارىيىنىڭ شىمالىي چوڭ زالىدا دىئاز كانېر ئۈچۈن قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. پېڭ لىيۈەن، بەيما چىلىن، ۋاڭ يى، شيا باۋلۇڭ، خې لىفېڭ قاتارلىقلار قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.