تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ئائىلە

بىل گايتېسنىڭ ئانىسىنىڭ كېلىنىگە يازغان خېتى

  قەدىرلىك مېلىندا:

  سىز بىلغا ياتلىق بولغاندىن كېيىن، ئىككىمىزنىڭ فامىلىسى ئوخشاش بولىدۇ. مېنىڭ ۋېلكام گايتېسقا ياتلىق بولغىنىمغا نەچچە ئون يىل بولدى، بىز داۋاملىق ئۆگىنىۋاتىمىز، تۇرمۇشنىڭ زادى نېمىلىكىنى چۈشىنىۋاتىمىز. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن، مەن ئۆزۈمنىڭ تۇرمۇشتىن ھېس قىلغانلىرىمنى سىزگە بىر-بىرلەپ ئېيتىپ بېرىشنى لايىق تاپتىم.

  مەيلى مۇھىتنىڭ ياخشى ياكى ناچار بولۇشىدىن قەتئىينەزەر...

  تۇرمۇشنىڭ كۆل سۈيىدەك تىنچ بولۇشىنى ئۈمىد قىلماڭ. ھېچكىم پۈتۈنلەي مۇكەممەل، ئازراقمۇ دە-تالاش بولمىغان تۇرمۇشقا ئىگە بولالمايدۇ. بەختلىك تۇرمۇش ئىككى تەرەپنىڭ بىرلىكتە تىرىشىشى، بىر-بىرىگە مۇۋاپىق بوشلۇق يارىتىپ بېرىشى ھەمدە ئۆزىنى كونترول قىلىۋېلىشى ئارقىسىدا مەيدانغا كېلىدۇ. تۇرمۇشنىڭ ئەڭ مۇھىم ئۇل تېشى — مۇستەھكەم ئىشەنچ يەنى مەڭگۈ بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈشكە بولغان ئىشەنچتىن ئىبارەت.

  مەيلى باي ياكى گاداي بولۇشتىن قەتئىينەزەر...

  بۇ جۈملىنىڭ ئاز ساندىكى كىشىلەرگە نىسبەتەن ئالاھىدە مەناسى بولۇشى مۇمكىن. بىزنىڭ ھەر بىر كۈنىمىز بىز ئۈچۈن سىناق، بىز كۈندە ئۆزىمىز تۇرۇۋاتقان شۇ مۇھىتتا قانداقراق ئىپادىدە بولۇۋاتقانلىقىمىزدىن سىنىلىمىز. ئېرىشكىنىمىز قانچە كۆپ بولسا، مەسئۇلىيىتىمىزمۇ شۇنچە ئېغىر بولىدۇ. ئۇنداقتا سىز ئۆزىڭىزدە بار ئەۋزەللىكلەردىن پايدىلىنىپ، مەسئۇلىيىتىڭىزنى ئادا قىلالىدىڭىزمۇ؟ ھاياتىڭىزنىڭ ئاخىرىدا ھاياتىڭىز ھەققىدە ئويلىنىدىغانلار پەقەت ئۆزىڭىزلا بولمايسىز.

  سۆيۈڭ ۋە قەدىرلەڭ

  ئۇنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى ماختاڭ، ئەمما ھەممىسىنى ئەمەس. بەزىدە ئۇنىڭ بەزى كەمچىللىكلىرىدىن ئۇنىڭ ئانىسىنىڭ تەربىيە جەريانىدا كەتكۈزۈپ قويغان يەرلىرىنى بايقاپ قالىسىز، ئۇنى ئۆزگەرتكۈڭىز كېلىدۇ. ئەمما شۇنى بىلىشىڭىز كېرەككى، ئېرىنى ئۆزگەرتىش ناھايىتى ئۇزاققا سوزۇلغان بىر جەريان. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ جەريان ئۇنچىۋالا ئوڭۇشلۇقمۇ ئەمەس. بەزىدە ئۇنى ئۆزگەرتكەندىن ئۇنىڭدىن كۈتىدىغانلىرىڭىزنى ئازايتقىنىڭىز كۆپ ئاسانغا توختايدۇ.

  مەن ئەينى چاغدا گايتېسقا ياتلىق بولمىغان بولسام، ھازىر قانداق تۇرمۇش كەچۈرىدىغانلىقىمنى قىياس قىلالمايمەن. مەن ھازىردىن باشلاپ 42 يىلدىن كېيىنكى سىزنىڭمۇ بىل گايتېسقا مۇشۇنداق گۈزەل ھېسسىياتتا بولۇشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.

  سىزنى سۆيۈپ: مارى

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى