11-ئاينىڭ 6-كۈنى، ماۋ زېمىن تۇرالغۇسى خاتىرە سارىيىدا ئۈرۈمچى شەھەرلىك 1-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى «ماۋ زېمىننىڭ ئىش-ئىزلىرى كۆرگەزمىسى» نى كۆرمەكتە.
ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر چېن يەنفاڭ، ليۇ ۋېي، جاڭ لىمىن خەۋىرى، فوتوسى). تاغ-دەريالارنى كېزىپ، تەبىئەتنىڭ ھەيۋەتلىكلىكىنى ھېس قىلىش؛ مەدەنىيەتلىك داڭدار شەھەرلەرگە بېرىپ، ئۇزاق تارىخنى ھېس قىلىش؛ چوڭ-كىچىك كوچىلاردا يۈرۈپ، ئۆز يۇرتىنىڭ تەرەققىياتىغا گۇۋاھ بولۇش...
بۇ خىل «ساياھەت ئەمەلىيىتى+تەربىيە» ئەندىزىسى تەتقىقات خاراكتېرلىك ئۆگىنىش ئەمەلىيىتى دېيىلىدۇ، بۇ خىل ئەندىزىدە بالىلار ئەمەلىيەت جەريانىدا ئۆگىنىدۇ. ئىككى يىلدىن بۇيان، شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسى شەھەر بويىچە ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەردە تەتقىقات خاراكتېرلىك ئۆگىنىش ئەمەلىيىتىنى كەڭ كۆلەمدە ئىلگىرى سۈرۈپ، بىرقەدەر كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمگە ئېرىشتى.