11-ئاينىڭ 7-كۈنى، خېبېي ئۆلكىسى خېڭشۈي شەھىرى راۋياڭ ناھىيەسى ۋۇگۇڭ بازىرى يۈەنزى كەنتىنىڭ ئاھالىسى جۇخار گۈللىرىنى باغلىماقتا.
شىنخۇا تورى خەۋىرى. يېقىنقى يىللادىن بۇيان، خېبېي ئۆلكىسى خېڭشۈي شەھىرى راۋياڭ ناھىيەسى يېزا ئىگىلىك قۇرۇلمىسىنى پائال تەڭشەپ، دېھقانلارنى ئۆز يېرىنىڭ شارائىتىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، ئۆزگىچە جۇخار گۈللىرىنى تېرىشقا يېتەكلىدى، بۇنىڭ بىلەن ۋۇگۇڭ بازىرى يۈەنزى كەنتىدىلا تېرىلغان جۇخار گۈللىرى 30 مىڭ تەشتەكتىن ئېشىپ، شۇ جايدىكى ۋە ئەتراپتىكى 100 دىن ئارتۇق كەنت ئاھالىسىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشقا تۈرتكە بولدى. (لى شياۋگو فوتوسى)