شەھەر ئىستېمالى سەھەر گېزىتى خەۋىرى: 22 مىڭ مو يەرنى كۆكەرتىش قۇرۇلۇشى، 3 مىليون 39 مىڭ 400 تۈپ كۆچەت ۋە چاتقالنى تىكىش تاماملىنىپ، ئۈرۈمچىنىڭ «تاغلارنى كۆكەرتىش» تۈرى يىللىق پىلانى ئاشۇرۇپ ئورۇندالدى.
مۇخبىرنىڭ 11-ئاينىڭ 8-كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئورمانچىلىق ئىدارىسى (ئۈرۈمچى شەھەرلىك باغ-ئورمان باشقۇرۇش ئىدارىسى) دىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ قاقاس تاغلارنى كۆكەرتىش ۋە يالىڭاچلىنىپ قالغان تاغ يېپىنچىلىرىنى تولۇقلاش ئاساس قىلىنغان «تاغلارنى كۆكەرتىش» تۈرىدە پەسىل چەكلىمىسى بۇزۇپ تاشلانغان، يىل بويى ئۈزۈلدۈرمەي بەرپا قىلىش ئىدىيەسىدە يېڭىلىق يارىتىلىپ، كۆكەرتىش مۇساپىسى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈلگەن، 11-ئاينىڭ بېشىغىچە 22 مىڭ مو يەرنى كۆكەرتىش قۇرۇلۇشى تاماملىنىپ، يىللىق پىلاندىكى ۋەزىپە %10 ئاشۇرۇپ ئورۇندالغان. شۇنىڭ بىلەن بىللە، بۇ يىل ئۈرۈمچى شەھىرىدە مەجبۇرەن كۆچەت تىكىشكە قاتناشقانلار 715 مىڭ ئادەم\قېتىمغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %140 ئاشقان.