شەھەر ئىستېمالى سەھەر گېزىتى خەۋىرى. «قوش 11» تېخى كەلمەي تۇرۇپلا، پوسۇلكىلارنى تېز يەتكۈزۈشنىڭ ئەڭ ئالدىراش مەزگىلى مۇددەتتىن بۇرۇن يېتىپ كەلدى، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى قىسمەن تېز يەتكۈزۈش شىركەتلىرى يېقىنقى ئىككى كۈندىن بۇيان مۇددەتتىن بۇرۇن تەييارلىق قىلدى، پوسۇلكىلارنى تېز يەتكۈزۈش خادىملىرى «ئۇچقاندەك چېپىش» ئەندىزىسىنى بالدۇرلا باشلىۋەتتى.
«بۇ ئىككى كۈندىن بۇيان پوسۇلكىلارنى يەتكۈزۈش مىقدارى ئادەتتىكىدىن %30 ئاشتى، بىر كۈندە 130 ئەتراپىدا پوسۇلكا يەتكۈزۈۋاتىمەن». مۇخبىر 11-ئاينىڭ 8-كۈنى چۈشتە ئۈرۈمچى شەھىرى غەربىي ئارقا كوچىسىدىكى بىر مەھەللە دەرۋازىسى ئالدىدا پوسۇلكا يەتكۈزگۈچىنىڭ پوسۇلكىلارنى ئىگىلىرىگە بىر-بىرلەپ تېلېفون قىلىپ يەتكۈزۈۋاتقانلىقىنى كۆردى.
مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، ئىلگىرى شىنجاڭدىكى ئىستېمالچىلارنىڭ پوسۇلكىلىرى ئادەتتە «قوش 11» دىن كېيىن مەركەزلىك يەتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن پوسۇلكىلار ئىسكىلاتلارغا توشۇپ كېتىدىكەن. ئەمما بۇ يىل توردا مال سېتىش بويىچە ئېتىبار پائالىيەتلەر مۇددەتتىن بۇرۇن باشلانغان بولۇپ، «قوش 11» كۈنىگىلا چەكلىنىپ قالمىغان.