ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى: كەچ كىرىپ، رەڭدار چىراغلار يېنىپ، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئوت مۇداپىئەسى باش تېمىلىق چىراغ نۇرى كۆرگەزمىسى غەربىي چوڭكۆۋرۈك ئەتراپىدىكى ئېگىز قەۋەتلىك ئىمارەتلەردە نامايان بولدى.
بۇ قېتىمقى باش تېمىلىق چىراغ نۇرى كۆرگەزمىسى «9-نويابىر» ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكى باش تېمىسىدىكى تەشۋىقات ئېيى يۈرۈشلۈك پائالىيەتلىرىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ، غەربىي چوڭكۆۋرۈك تارماق رايونىدىن باشقا، كۆرگەزمە مەركىزى تارماق رايونى ۋە يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول تارماق رايونلىرىدىمۇ ماس قەدەمدە نامايان قىلىنىدىكەن. چىراغ نۇرى كۆرگەزمىسى 11-ئاينىڭ 10-كۈنىگىچە داۋاملىشىدىكەن. ئىگىلىنىشىچە، 11-ئاي ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكى تەشۋىقات ئېيى، 11-ئاينىڭ 9-كۈنى بولسا ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكى باش تېما كۈنى ئىكەن.
ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئوت مۇداپىئەسى باش تېمىلىق چىراغ نۇرى كۆرگەزمىسى نامايان قىلىندى
مۇھەررىر :
خالىسە ئەخمەت
|
مەنبە:
تىيانشان تورى
2018/11/09 15:10
ئەسكەرتىش:
تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.