تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

ئىدېئولوگىيە بازىسىنى قەتئىي قوغدايمەن، ياخشى ساقلايمەن

  ئاۋات ناھىيەلىك پارتكوم ئالاقە تور ئۇچۇرى ئىشخانىسىنىڭ كادىرى غېنىجان ئىمىن

  پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقىدا، دۆلەت كادىرى بولۇپ يېتىلدىم، مېنىڭ بۈگۈنكى كۈنۈم پارتىيەنىڭ تەربىيەلىشىدىن ئايرىلالمايدۇ، قەلبىمنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدىن كومپارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرىمەن، ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزگە رەھمەت ئېيتىمەن، ھازىرقى گۈزەل تۇرمۇشۇمنى قەدىرلەيمەن. نۆۋەتتىكى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش ۋەزىيىتى يەنىلا كەسكىن بولۇۋاتقان ئەھۋالدا، باتۇرلۇق بىلەن ئورنۇمدىن دەس تۇرۇپ دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، مەيدانىمنى ئېنىق بىلدۈرۈپ، دۆلەتنىڭ بىرلىكى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىققا بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا تەلۋىلەرچە ئۇرۇنغان ئاشۇ «ئۈچ خىل كۈچ»، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى جان تىكىپ كۈرەش قىلىش مەسئۇلىيىتىم ۋە مەجبۇرىيىتىم بار.

  «ئۈچ خىل كۈچ» شىنجاڭنى ۋەتىنىمىز قوينىدىن پارچىلاپ چىقىپ كېتىش جىنايى مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن، «مىللەت»، «دىن» بايرىقىنى كۆتۈرۈۋېلىپ، سىڭدۈرمىچىلىك، بۇزغۇنچىلىق ھەرىكەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىققا ئېغىر تەسىر يەتكۈزدى. ئۇلارنىڭ زوراۋانلىق قىلمىشلىرى خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى، مال- مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە ئىنتايىن زور خەۋپ يەتكۈزدى، جەمئىيەتنىڭ نورمال تەرتىپىگە بۇزغۇنچىلىق قىلدى، دۆلەت ئىچى- سىرتىدا ئىنتايىن يامان تەسىر پەيدا قىلدى. «ئۈچ خىل كۈچ» بىزگە ئاپەت ئېلىپ كەلدى، بىز تەڭ كۈچ چىقىرىپ، قەتئىي، كەسكىن ھالدا «ئۈچ خىل كۈچ»نى پاكىز قېزىپ، پاكىز يوقىتىپ، ئۇلارغا ھەرگىز مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان تۇپراق ۋە بوشلۇق قالدۇرماسلىقىمىز كېرەك.

  مەن دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئىتىنى قەتئىي قوغدايمەن. بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش، زوراۋانلىققا، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە، بىرىنچى ۋاقىتتا باتۇرلۇق بىلەن دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش، پوزىتسىيەنى ئېنىق بىلدۈرۈشكە جۈرئەت قىلىش ــــ شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشنىڭ ئاچقۇچى. ئىدېئولوگىيە ساھەسى ئىس- تۈتەكسىز جەڭ مەيدانى، «ئۈچ خىل كۈچ»، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر بىزدىن ئىزچىل كىشىلەر قەلبىنى تالىشىۋاتىدۇ، ئاممىنى تالىشىۋاتىدۇ، بازىنى تالىشىۋاتىدۇ، كۈرەش ئىنتايىن كەسكىن، مۇرەككەپ. ئىدېئولوگىيە بازىسىنى ياخشى ساقلاش- ساقلىيالماسلىق ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ھەر مىللەت خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىگە بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك. بىز توغرا ئاممىۋى پىكىر يۆنىلىشىنى پۇختا ئىگىلەپ، مەدەنىيەت بازارلىرىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئىدېئولوگىيە بازىسىنى قەتئىي قوغداپ، ياخشى ساقلاپ، خاتا ئىدىيەلەرنىڭ تارقىلىش يوللىرىنى مەنبەدىن قەتئىي ئۈزۈپ تاشلاپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى قۇدرەتلىك ئىدىيەۋى ئاممىۋى پىكىر مەدىتى بىلەن تەمىنلىشىمىز كېرەك.

  ئالاقە تور ئۇچۇرى خىزمەتچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، تور بوشلۇقىنى باشقۇرۇشنى قانۇن بويىچە كۈچەيتىپ، تور ئۇچۇرلىرىنىڭ تارقىلىش تەرتىپىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، توردىن پايدىلىنىپ ۋەتەننىڭ بىرلىكىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا زىيان يەتكۈزىدىغان، تېررورلۇق، زوراۋانلىق قىلمىشلىرىنى سادىر قىلىشقا كۈشكۈرتىدىغان قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارغا قاتتىق زەربە بېرىمەن. مەن ئىلىم- پەننى قەدىرلەش روھىنى، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىدىن يىراق تۇرۇشنى پائال تەشۋىق قىلىمەن، ئىلىم- پەننىڭ تەرەققىياتى ۋە يۈكسىلىشىنىڭ تۇرمۇش مۇھىتىمىزنى ۋە تۇرمۇش سۈپىتىمىزنى ياخشىلىغانلىقىنى ئېنىق سۆزلەيمەن، دىنىي ئەسەبىيلىكنىڭ تۇرمۇشىمىزغا ئېلىپ كەلگەن خەۋپىنى ئېنىق سۆزلەيمەن، دىنىي ئەسەبىيلىكنىڭ ئۆزىنىڭ سىياسىي غەرىزىگە يېتىش ئۈچۈن كۈچىنىڭ بارىچە ئامما ئارىسىدا ئۆچمەنلىك ۋە كۈرەش پەيدا قىلىپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىققا ئېغىر خەۋپ يەتكۈزگەنلىكى، خەلقنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزگەنلىكى قاتارلىق مەسىلىلەرنى ئوچۇق سۆزلەيمەن. قانۇن- ئىنتىزامغا رىئايە قىلىپ، تەلەپچان كىشىلەردىن بولۇپ، مىللىي بۆلگۈنچىلىك پەيدا قىلىدىغان ھەرقانداق سۆز- ھەرىكەتكە قارشى باتۇرلۇق بىلەن كۈرەش قىلىمەن.

  مەن ھەر مىللەت ئاممىغا، بولۇپمۇ كەڭ ياشلارغا شۇنى مۇراجىئەت قىلىمەنكى، چوقۇم كۆزىمىزنى روشەنلەشتۈرۈپ، ھەق- ناھەقنى ئېنىق ئايرىپ، «ئۈچ ئايرىلالماسلىق» ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنى، جۇڭخۇا مىللىتىنى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشنى كۈچەيتىشىمىز كېرەك. ئىتتىپاقلىق، مۇقىملىقنىڭ بەخت، بۆلگۈنچىلىك، مالىمانچىلىقنىڭ ئاپەت ئىكەنلىكىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، «ئۈچ خىل كۈچ»، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇققا زەربە بېرىش، مۇقىملىقنى قوغداش كۈرىشىگە پائال، تەشەببۇسكارلىق بىلەن قاتنىشىپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش خەلق ئۇرۇشىدا قەتئىي غەلىبە قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىناق، گۈزەل شىنجاڭنى ئورتاق قۇرۇپ چىقىشىمىز كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى