تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭ ئاخبارات ساھەسىدىكىلەر تەقدىرلەش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، 19- قېتىملىق جۇڭگو مۇخبىرلار بايرىمىنى تەبرىكلىدى

 11- ئاينىڭ 7- كۈنى، 20- نۆۋەتلىك (2017- يىللىق) ئاپتونوم رايون بويىچە ئون مۇنەۋۋەر ئاخبارات خىزمەتچىسى بىرلىكتە سۈرەتكە چۈشمەكتە. (مۇخبىرىمىز شيې لۇڭ فوتوسى)

     مۇخبىرىمىز لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 19- قېتىملىق جۇڭگو مۇخبىرلار بايرىمى كېلىش ئالدىدا، 11- ئاينىڭ 7- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونىمىز تەقدىرلەش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، چاڭجياڭ تاۋفېن مۇكاپاتى، جۇڭگو ئاخبارات مۇكاپاتى، شىنجاڭ ئاخبارات مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچىلەر ۋە ئاپتونوم رايون بويىچە ئون مۇنەۋۋەر ئاخبارات خىزمەتچىسىنى تەقدىرلىدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى تيەن ۋېن تەقدىرلەش يىغىنىغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: بۇ يىلدىن بۇيان، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئاخبارات سېپىدىكىلەر شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تەشۋىقات- ئىدىيە خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، توغرا سىياسىي يۆنىلىش ۋە ئاممىۋى پىكىر يېتەكچىلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، تەشۋىقاتنىڭ باش تېمىسى ئېنىق، گەۋدىلىك بولۇش، ئاممىۋى پىكىر يېتەكچىلىكى دەل جايىدا، ئۈنۈملۈك بولۇش، يېڭى تاراتقۇلارنى قوللىنىشتا دەسلەپكى ئۈنۈم ھاسىل قىلىش، ئاممىۋى پىكىر بازىسىنى مۇستەھكەملەش، چىڭىتىش، ياخشى ئوبرازنى ئومۇميۈزلۈك گەۋدىلەندۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن ياخشى ئاممىۋى پىكىر كەيپىياتى يارىتىپ، كۈچلۈك ئىدىيەۋى، ئاممىۋى پىكىر مەدىتى بىلەن تەمىنلىدى.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئاخبارات سېپىدىكىلەر سىياسىي يۈكسەكلىكنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەملىكەتلىك تەشۋىقات- ئىدىيە خىزمىتى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، قەتئىي تەۋرەنمەي بايراقنى كۆتۈرۈپ، ئەلرايىنى مۇجەسسەملەپ، يېڭى كىشىلەرنى يېتىشتۈرۈپ، مەدەنىيەتنى گۈللەندۈرۈپ، ئوبرازنى نامايان قىلىپ، تەشۋىقات- ئىدىيە خىزمىتىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى ئۈزلۈكسىز يارىتىشى كېرەك. سىياسىيدا قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان ئاخبارات خىزمەتچىلىرىدىن بولۇپ، سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئاشۇرۇش، سىياسىي يۆنىلىشنى ئىگىلەش؛ قابىلىيىتى يۇقىرى- كۈچلۈك ئاخبارات خىزمەتچىلىرىدىن بولۇپ، ئۇنىۋېرسال ساپانى يۇقىرى كۆتۈرۈش، ئىستىلنى ياخشىلاپ، يېزىقچىلىق ئىستىلىنى ئۆزگەرتىش؛ ئەمەلىيەتچىل، يېڭىلىق يارىتىدىغان ئاخبارات خىزمەتچىلىرىدىن بولۇپ، ئۇسۇلدا، ۋاسىتىدە يېڭىلىق يارىتىش، تەشۋىقاتنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىنى كۈچەيتىش؛ غەلىبىلىك جەڭ قىلالايدىغان ئاخبارات خىزمەتچىلىرىدىن بولۇپ، دادىللىق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش، نەتىجە يارىتىش، بازىنىڭ بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى