تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونىمىز پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ سودىگەر ۋە مەبلەغ جەلپ قىلىشىغا ئىز قوغلاپ مۇلازىمەت قىلىشنى كۈچەيتتى

  تۈرلەردە ۋەدىگە ئەمەل قىلىش نىسبىتى ۋە ئەمەلىيلىشىش نىسبىتى ئۆستى

  مۇخبىرىمىز ۋاڭ يۇڭفېي خەۋەر قىلىدۇ: 11- ئاينىڭ 6- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق سودىگەر چاقىرىش تەرەققىيات ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى ۋاڭ ۋېنمىڭ مۇنداق دېدى: «11- ئاينىڭ 5- كۈنىدىن باشلاپ، بىز مەخسۇس خىزمەت گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، نازارەت رەھبىرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ئۈرۈمچى شەھىرى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى قاتارلىق سودىگەر چاقىرىش تۈرلىرى بىر قەدەر كۆپ ۋىلايەت، ئوبلاستلارغا بېرىپ ئىز قوغلاپ مۇلازىمەت قىلىشقا باشلىدۇق، ئىككى ئاي ۋاقىت سەرپ قىلىپ نۇقتىلىق ھالدا سودىگەر ۋە مەبلەغ جەلپ قىلىنغان پۇقراۋى كارخانىلارغا سىياسەت، غەمخورلۇق، ئىللىقلىق يەتكۈزۈپ، كارخانىلار دۇچ كەلگەن ئەمەلىي قىيىنچىلىقنى نەق مەيداندا بىرمۇبىر ھەل قىلىمىز». بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىز سودىگەر ۋە مەبلەغ جەلپ قىلىش خىزمىتىگە، بولۇپمۇ كىرگۈزۈلگەن تۈرلەرگە ئىز قوغلاپ ياخشى مۇلازىمەت قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، سودىگەر ۋە مەبلەغ جەلپ قىلىش تۈرلىرىدە ۋەدىگە ئەمەل قىلىش نىسبىتى ۋە ئەمەلىيلىشىش نىسبىتىنى ھەقىقىي ئۆستۈردى.

  بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز سودىگەر ۋە مەبلەغ جەلپ قىلىش مۇھىتىنى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇپ، سودا ئارقىلىق سودىگەر جەلپ قىلىش، كۆرگەزمە ئارقىلىق سودىگەر جەلپ قىلىش، شىنجاڭغا كەسىپلەر بويىچە ياردەم بېرىش ئارقىلىق سودىگەر جەلپ قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، سودىگەر ۋە مەبلەغ جەلپ قىلىش خىزمىتىدە يېڭى ئىلگىرىلەشكە ئېرىشىپ، كارخانىلارنىڭ مەبلەغ سېلىشى داۋاملىق جانلىنىش ۋەزىيىتىنى بارلىققا كەلتۈردى. 6- نۆۋەتلىك جۇڭگو  ـــ ئاسىيا- ياۋروپا كۆرگەزمىسىدە، ئىچكى- تاشقى بىرلەشمە ھەمكارلىق توختام تۈرىدىن جەمئىي 162 سى ئىمزالاندى، 9- ئاينىڭ ئاخىرىغا قەدەر، 160 ئىچكى بىرلەشمە ھەمكارلىق تۈرىنىڭ 69 ىدا ئىش باشلاندى. 10- ئايدا ئۆتكۈزۈلگەن «جۇڭگو شانلىق ئىشلار جەنۇبىي شىنجاڭ سەپىرى» تۈرلەرنى ماكانلاشتۇرۇش كېلىشىم ئىمزالاش يىغىنىدا، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاست رايونىمىز سىرتىدىكى كارخانىلار بىلەن توختام تۈرىدىن جەمئىي 84 نى ئىمزالىدى. بۇ يىلدىن بۇيان، شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسىغا ئەزا كارخانىلار 76 تۈرنى ئەمەلىيلەشتۈردى. ۋاڭ ۋېنمىڭ مۇنداق دېدى: «بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىز سودىگەر ۋە مەبلەغ جەلپ قىلىش خىزمىتىدە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئىدىيەسىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كارخانىلار، ئىستراتېگىيەلىك گۈللەنمە كەسىپلەر، ساياھەت، سودا، ئەشيا ئوبوروتى كەسىپلىرىنى نۇقتىلىق كىرگۈزۈپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىغا كۈچ قوشتى. سودىگەر ۋە مەبلەغ جەلپ قىلىش جەريانىدا، بىزمۇ ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مۇقىملىق پايدىسىنى ئۈزلۈكسىز تارقىتىشىغا ئەگىشىپ، كارخانىلارنىڭ شىنجاڭغا كېلىپ مەبلەغ سېلىش ئىشەنچى ۋە قىزغىنلىقىنىڭ ئېشىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدۇق».

  بۇ سودىگەر ۋە مەبلەغ جەلپ قىلىش تۈرلىرىدە، ئاپتونوم رايونلۇق سودىگەر چاقىرىش تەرەققىيات ئىدارىسى پۇقراۋى كارخانىلار ئىمزالايدىغان 200 نۇقتىلىق تۈرنى بېكىتىپ، ئىز قوغلاپ ئەمەلىيلەشتۈرۈش ۋە ماسلاشتۇرۇش مۇلازىمىتىنى كۈچەيتىپ، تۈرلەردە ۋەدىگە ئەمەل قىلىش نىسبىتى ۋە ئەمەلىيلىشىش نىسبىتىنى تىرىشىپ ئۆستۈردى. ۋاڭ ۋېنمىڭ مۇنداق دېدى: «بىز ھېسابات دەپتىرى تۇرغۇزۇش، ئىستاتىستىكا قىلىش، تەھلىل قىلىش تۈزۈمى ئورنىتىش، ھەر پەسىلدە تەھلىل قىلىش يىغىنى ئېچىش، ھەر ئون كۈندە تۈرلەرنى ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنى ئېچىش، قايتما ئىنكاس مېخانىزمى ئورنىتىش قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق تۈرلەرنىڭ ئەھۋالى ۋە كارخانىلارنىڭ ماكانلىشىش جەريانىدىكى مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا ئىگىلەپ، بىرگە بىر يېتەكچىلىك ۋە مۇلازىمەت قىلىپ، ئۇلارنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىپ، تۈرلەرنىڭ يولغا قويۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈردۇق، بۇ ئارقىلىق سودىغا مايىل ياخشى مۇھىت ياراتتۇق».

  ئۈرۈمچى شەھىرى مىچۈەن- كۆكتاغ رايونىغا جايلاشقان مىگۇلى شەھەر مەدەنىيىتى ساياھەت ئۇنىۋېرسال گەۋدىسى بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىز نۇقتىلىق سودىگەر ۋە مەبلەغ جەلپ قىلغان تۈرلەرنىڭ بىرى بولۇپ، شىنجاڭ دۇڭخۇا قۇرۇلۇش، مەبلەغ سېلىش (گۇرۇھى) بىلەن سىچۈەن شىنخۇا ئۆي- زېمىن تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى بىرلىشىپ ئاچقان. بۇ تۈرنىڭ نەق مەيدان مەسئۇلى لى پىڭ مۇنداق دېدى: «بۇ يىل 6- ئايدا ئىش باشلانغاندىن بۇيان، ھەر بىر باسقۇچتا مەسىلىگە يولۇقتۇق، ئاپتونوم رايونلۇق سودىگەر چاقىرىش تەرەققىيات ئىدارىسى بىز بىلەن پائال ئۇدۇللىشىپ، مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنى ۋاقتىدا ماسلاشتۇرۇپ مەسىلىلىرىمىزنى ھەل قىلىپ، بىزنى ئوخشاش بولمىغان تارماقلار ئارىسىدا قاتراپ يۈرۈش جاپاسىدىن خالاس قىلدى».

  ۋاڭ ۋېنمىڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇنىڭدىن كېيىن ئاپتونوم رايونىمىز يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا سودىگەر ۋە مەبلەغ جەلپ قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، مۇقىملىق پايدىسىدىن داۋاملىق تولۇق پايدىلىنىپ، شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق 22 سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسىنىڭ ۋاسىتىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسىغا ئەزا كارخانىلارغا تايىنىپ سودا ئارقىلىق سودىگەر جەلپ قىلىدۇ؛ رايون ئىچى- سىرتىدىكى كۆرگەزمە سۇپىسىدىن پايدىلىنىپ، تۈرلەرنى ئۇدۇللاشتۇرۇش ۋە مەھسۇلاتلارنى تونۇشتۇرۇش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرىدۇ؛ ئاپتونوم رايوننىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان 19 ئۆلكە، شەھەر بىلەن بولغان ئىقتىسادىي ئالاقىسى ۋە ھەمكارلىق مېخانىزمىنى پائال ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەر بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى ئۇدۇللاشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، تېخىمۇ كۆپ پۇقراۋى كارخانىلارنى شىنجاڭغا كېلىپ مەبلەغ سېلىپ كەسپىنى گۈللەندۈرۈشكە جەلپ قىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى