تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ شاڭخەيدە خىزمەتلەرنى تەكشۈردى

  شى جىنپىڭ شاڭخەيدە خىزمەتلەرنى تەكشۈرگەندە مۇنداق تەكىتلىدى:

  ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشكە قايتا ئاتلىنىش ئىشەنچى ۋە ئىرادىسىنى چىڭىتىپ، شەھەرنىڭ فۇنكسىيەلىك دەرىجىسى ۋە يادرولۇق رىقابەت كۈچىنى تېز ئاشۇرۇش كېرەك

  11- ئاينىڭ 6- كۈنىدىن 7- كۈنىگىچە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ شاڭخەيدە خىزمەتلەرنى تەكشۈردى. سۈرەتتە: 11- ئاينىڭ 6- كۈنى چۈشتىن كېيىن، شى جىنپىڭ جاڭجياڭ ئىلىم- پەن شەھەرچىسىنىڭ كۆرگەزمە زالىدا تەكشۈرۈشتە بولۇپ، شاڭخەينىڭ پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە پەن- تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇش ئەھۋالىنى ئىگىلىمەكتە.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شيې خۇەنچى فوتوسى

  11- ئاينىڭ 6- كۈنىدىن 7- كۈنىگىچە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ شاڭخەيدە خىزمەتلەرنى تەكشۈردى. سۈرەتتە: 11- ئاينىڭ 6- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، شى جىنپىڭ شاڭخەي مەركىزىي بىناسىنىڭ 22- قەۋىتىدىكى لۇجيازۈي پۇل مۇئامىلە شەھەرچىسى پارتىيە قۇرۇلۇشى مۇلازىمەت مەركىزىدە بىرلىكتە باش تېمىلىق پارتىيە كۈنى پائالىيىتى ئۆتكۈزۈۋاتقان كارخانىلاردىكى پارتىيە ئەزالىرى بىلەن سەمىمىي پاراڭلاشماقتا.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شيې خۇەنچى فوتوسى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، شاڭخەي، 11- ئاينىڭ 7- كۈنى تېلېگراممىسى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا شاڭخەيدە خىزمەتلەرنى تەكشۈرگەندە مۇنداق تەكىتلىدى: يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشكە قايتا ئاتلىنىش ئىشەنچى ۋە ئىرادىسىنى چىڭىتىپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، زامانىۋى ئىقتىساد سىستېمىسىنى تېز بەرپا قىلىپ، ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىپ، شەھەرنىڭ فۇنكسىيەلىك دەرىجىسى ۋە يادرولۇق رىقابەت كۈچىنى تېز ئاشۇرۇپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئىسلاھات- تەرەققىيات ئومۇملۇقى ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىش كېرەك.

  11- ئاينىڭ 6- كۈنىدىن 7- كۈنىگىچە، شى جىنپىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمى ۋە ئالاقىدار پائالىيەتلەرگە قاتناشقاندىن كېيىن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، شاڭخەي شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى لى چياڭ ۋە شەھەر باشلىقى يىڭ يۇڭنىڭ ھەمراھلىقىدا شاڭخەيدىكى كارخانا، مەھەللە، شەھەر يۈرۈشۈشىنى ئۇنىۋېرسال باشقۇرۇش مەركىزى، يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق باغچە رايونىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ۋە نۆۋەتتىكى ئىقتىسادىي ۋەزىيەت، پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى ئالغا سىلجىتىش، شەھەر باشقۇرۇش ۋە مەھەللە ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىش توغرىسىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.

  لۇجيازۈيگە جايلاشقان شاڭخەي مەركىزىي بىناسىنىڭ ئومۇمىي ئېگىزلىكى 632 مېتىر كېلىدۇ، ئۇ جۇڭگو بويىچە بىرىنچى، دۇنيا بويىچە ئىككىنچى ئېگىز بىنا بولۇپ، شاڭخەيدىكى بىر بەلگە خاراكتېرلىك قۇرۇلۇش. 2007- يىلى شى جىنپىڭ شاڭخەيدە خىزمەت قىلىۋاتقان مەزگىلدە، شاڭخەي مەركىزىي بىناسى قۇرۇلۇشىغا ناھايىتى ئەھمىيەت بېرىپ، كۆپ قېتىم لۇجيازۈي رايونىغا بېرىپ نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغان، لۇجيازۈي رايونىنىڭ يىرىك پىلانىنى ئۆزى تەتقىق قىلغان، شاڭخەي مەركىزىي بىناسىنىڭ قۇرۇلۇش لايىھەسىنى ئۆزى تەكشۈرۈپ بېكىتىپ، مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇپ، شاڭخەي مەركىزىي بىناسىنى يېشىل، ئەقلىي، گۇمانىتار، خەلقئارادا بىرىنچى قاتاردا تۇرىدىغان نادىر قۇرۇلۇش قىلىپ قۇرۇپ چىقىشنى تەلەپ قىلغان. بىنانىڭ 22- قەۋىتىدىكى لۇجيازۈي پۇل مۇئامىلە شەھەرچىسى پارتىيە قۇرۇلۇشى مۇلازىمەت مەركىزى لۇجيازۈي پۇل مۇئامىلە- سودا رايونى ئۇنىۋېرسال پارتكومى قۇرغان بىنا پارتىيە قۇرۇلۇشى بازىسى. 11- ئاينىڭ 6- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، شى جىنپىڭ بۇ يەرگە كېلىپ، مەركەزنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش ئەھۋالى قاتارلىقلارنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. پارتىيە قۇرۇلۇشى مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ بوشلۇقتىكى گۈللۈك مۇھاكىمە- پىكىر ئالماشتۇرۇش رايونىدا، ئۈچ كارخانىنىڭ پارتىيە ياچېيكىلىرى بىرلىشىپ «مەن پۇل مۇئامىلە شەھەرچىسى بىلەن تەڭ ئۆسۈپ يېتىلدىم» باش تېمىلىق پارتىيە كۈنى پائالىيىتى ئۆتكۈزۈۋاتاتتى، شى جىنپىڭ ئۇلار ئارىسىغا كېلىپ، ئۇلار بىلەن سەمىمىي پاراڭلاشتى. شى جىنپىڭ شاڭخەينىڭ لۇجيازۈي پۇل مۇئامىلە شەھەرچىسىدە كەسىپلەر كۆجۈملەشكەن، كارخانىلار توپلانغان، ئىختىساسلىقلار كەڭ جەم بولغان بولۇش ئەمەلىيىتىنى چىقىش قىلىپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنىڭ تەپەككۇر يولى ۋە ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىپ، بىنا ئىچىدىكى ھەر خىل مۈلۈكچىلىك تۈزۈمىدىكى كارخانىلاردىكى ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە پارتىيە ئەزالىرىنى ئۆگىنىش، يېتەكلەش، باشقۇرۇش مۇلازىمىتى ۋە پائالىيەت سۇپىسى بىلەن تەمىنلەش ئۇسۇلىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنىڭ قىيىن نۇقتىسى ئاساسىي قاتلامدا، يارقىن نۇقتىسىمۇ ئاساسىي قاتلامدا. ئىقتىسادىي تەركىب ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىش شەكلىنىڭ بارغانسېرى كۆپ خىللىشىشىغا ئەگىشىپ، يېڭى ئىقتىسادىي تەشكىلاتلار، يېڭى ئىجتىمائىي تەشكىلاتلاردا ئىشقا ئورۇنلاشقان پارتىيە ئەزالىرى بارغانسېرى كۆپىيىۋاتىدۇ، بۇ پارتىيە ئەزالىرىنى تەربىيەلەش- باشقۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئۇلارنى رولىنى ئاكتىپ جارى قىلدۇرۇشقا يېتەكلەش كېرەك. ئاساسىي قاتلام پارتىيە قۇرۇلۇشىدا ھەم ئېسىل ئەنئەنىنى جارى قىلدۇرۇش، ھەم دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ، يېڭى ۋەزىيەتكە ئۈزلۈكسىز ئۇيغۇنلىشىپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ساھەسىنى كېڭەيتىپ، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ خىزمىتى، تۇرمۇشى قەيەردە بولسا، پارتىيە تەشكىلاتى شۇ يەرگىچە قاپلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيە ئەزالىرىنى مەيلى قەيەردە بولسۇن، تەشكىلاتى ۋە ئائىلىسىنى تاپالايدىغان قىلىش كېرەك. شاڭخەينىڭ ئاساسىي قاتلام پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىدە داۋاملىق ئىزدىنىپ، ئالدىدا مېڭىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. بىزنىڭ پارتىيە ئەزالىرى بار تۈرلۈك كارخانىلاردا پارتىيە تەشكىلاتى قۇرۇشتىكى مەقسىتىمىز− كارخانىلاردىكى پارتىيە ئەزالىرىنى باشقۇرۇش ۋە مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەپ، ئىشچى- خىزمەتچىلەرنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە ئۇيۇشتۇرۇپ، ئۇلارنى قانۇن- ئىنتىزامغا ئەمەل قىلىدىغان، كارخانىنىڭ قائىدە- تۈزۈملىرىگە رىئايە قىلىدىغان قىلىپ، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئاۋانگارتلىق، نەمۇنىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇش. بۇ يەنە كارخانىلارنىڭ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشىگە پايدىلىق، كارخانىلارنىڭ ساغلام تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشقا پايدىلىق.

  ئارقىدىن، شى جىنپىڭ 119- قەۋەتتىكى مەنزىرە كۆرۈش زالىغا كېلىپ، شاڭخەي شەھىرىنىڭ قىياپىتىگە ئېگىزدىن نەزەر سالدى. شەرقتىكى مەرۋايىت، يەر شارى پۇل مۇئامىلە مەركىزى، جىنماۋ سارىيى، ياڭپۇ چوڭ كۆۋرۈكى، دۇنيا كۆرگەزمىسى باغچە رايونى... قاتار- قاتار نادىر قۇرۇلۇشلار گۈزەل، ھەيۋەتلىك ئۇزۇن رەسىمنى ھاسىل قىلغانىدى. چوڭ زالدىكى سۈرەتلەردە ھازىر بىلەن ئۆتمۈش سېلىشتۇرۇلغان بولۇپ، ئۇلار شاڭخەينىڭ 100 يىللىق ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلىرىنى جانلىق نامايان قىلىپ تۇراتتى. شى جىنپىڭ ئارىلاپ توختاپ ئۇلارنى كۆرگەچ كۆپچىلىك بىلەن پاراڭلىشىپ، شاڭخەي شەھىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىنى ئەسلىدى. ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن بۇيان، جۇڭگودا ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىش بولدى، شاڭخەي بۇنىڭ جانلىق مىسالى. شاڭخەي دۆلىتىمىزدىكى ئەڭ چوڭ ئىقتىساد مەركىزىي شەھىرى ھەم چاڭجياڭ دېلتىسى رايونىدىكى ھەمكارلىق- ئالماشتۇرۇشنىڭ باشلامچىسى، شەھەرنىڭ يادرولۇق رىقابەت كۈچى ۋە خەلقئارا رىقابەت كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇش كېرەك. «كۆڭلى دېڭىزدەك كەڭرى بولۇش، قالتىس بولۇشقا ئىنتىلىش، ئوچۇق پىكىرلىك- دانا بولۇش، قولى ئوچۇق، كەمتەر- خۇش پېئىل بولۇش»تەك شاڭخەي شەھەر روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، شاڭخەينىڭ ئەمەلىيىتىنى مەۋقە قىلىپ، دۇنيادىكى چوڭ شەھەرلەرنىڭ تەرەققىيات تەجرىبىلىرىدىن ئۆرنەك ئېلىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان خەلقئارالىق چوڭ مەركىزىي شەھەر قۇرۇپ چىقىشقا كۈچەش كېرەك.

  شاڭخەي خۇڭكوۋ رايونىدا نوپۇس زىچلىقى چوڭ. ئاھالىلەرنىڭ مەھەللە تۇرمۇشىنىڭ ھەرقايسى جەھەتلىرىدىكى ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، خۇڭكوۋ رايونى شەھەر ئاھالىلىرى مۇلازىمەت پونكىتىدىن 35 نى تەسىس قىلىپ، تىرىشىپ «15 مىنۇتلۇق مەھەللە تۇرمۇش مۇلازىمەت چەمبىرىكى» بەرپا قىلدى. شى جىنپىڭ خۇڭكوۋ رايونلۇق شەھەر ئاھالىلىرى مۇلازىمەت پونكىتى جياشىڭ يولى كوچىسىدىكى 1- شۆبە پونكىتقا كىرىپ، ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت كۆزنىكى، ياشانغانلارنى كۈتۈش ئورنى، پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى پونكىتى قاتارلىقلارنى بىر- بىرلەپ تەكشۈرۈپ كۆردى. ياشانغانلارنى كۈتۈش ئورنىدا، بىرنەچچە ياشانغان ئاھالە قول ھۈنەر- سەنئەت بۇيۇمى ياساۋاتاتتى، باش شۇجى ئۇلار بىلەن سەمىمىي سالاملاشتى، بۇ ياشانغانلار ھاياجانلانغان ھالدا باش شۇجىنىڭ قولىنى تۇتۇپ تۇرۇپ، باش شۇجىغا ياشانغاندىكى بەختلىك تۇرمۇشى توغرىسىدا سۆزلەپ بەردى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: دۆلىتىمىز ياشانغانلار كۆپەيگەن جەمئىيەتكە كىردى، ياشانغانلارنى ياشانغاندا كۈتۈنەلەيدىغان، تۇرمۇشى بەختلىك، ساغلام، ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىدىغان قىلىش بىزنىڭ ئورتاق ئارزۇيىمىز. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ياشانغانلار كۈتۈنۈش مۇلازىمەت خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، سىياسەتلەرنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ ياشانغانلارغا نەپ يەتكۈزۈش كېرەك. شەھەر ئاھالىلىرى مۇلازىمەت پونكىتىدا، ئاھالە كومىتېتى، كارخانىلاردىن كەلگەن بىرنەچچە ياش مەھەللىلەردە ئەخلەتلەرنى تۈرگە ئايرىپ بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلىنى كېڭەيتىش توغرىسىدا پاراڭلىشىۋاتاتتى. شى جىنپىڭ ناھايىتى قىزىقىپ، مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللارنى تەپسىلىي سورىدى. بىر ياش تونۇشتۇرۇپ: ئومۇمىي مەنپەئەت پائالىيىتى يېڭى مودىغا ئايلاندى، دېدى. شى جىنپىڭ: ئەخلەتنى تۈرگە ئايرىش خىزمىتى دەل يېڭى مودا! ئەخلەتنى ئۇنىۋېرسال بىر تەرەپ قىلىش ئومۇمىي خەلقنىڭ قاتنىشىشىغا موھتاج، شاڭخەي بۇ خىزمەتنى چىڭ، پۇختا تۇتۇپ، ياخشى قىلىشى كېرەك، دەپ تەكىتلىدى. شى جىنپىڭ ئۇلارغا مۇنۇلارنى تاپىلىدى: شەھەرنى ئىدارە قىلىشتىكى «ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر» مەھەللىدە. مەھەللە پارتكوم ۋە ھۆكۈمەت ئامما بىلەن ئالاقە باغلايدىغان، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىدىغان نېرۋا ئۇچى، مەھەللىدىكى ئاھالىلەر كۆڭۈل بۆلىدىغان، غەم قىلىدىغان، ئەنسىرەيدىغان ئىشلارنى ۋاقتىدا سېزىپ، بىر- بىرلەپ ھەل قىلىش كېرەك. پۇقرالارنىڭ كۆڭلىدە تارازا بار. بىز پۇقرالارنى كۆڭلىمىزگە پۈكسەك، پۇقرالارمۇ ئاندىن بىزنى كۆڭلىگە پۈكىدۇ. مەھەللىنى ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىشتە ھەم ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ رەھبەرلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ھەم ئاھالىلەرنىڭ ئۆزىنى ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرۇپ، مەھەللىدىكى ئاھالىلەرنىڭ ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقىنى قوزغاپ، ھەممە كىشى قاتنىشىدىغان، ھەممە كىشى مەسئۇل بولىدىغان، ھەممە كىشى تۆھپە قوشىدىغان، ھەممە كىشى تەڭ بەھرىمەن بولىدىغان بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. خوشلىشىدىغان چاغدا، خەۋەر تېپىپ يېتىپ كەلگەن ئاھالىلەر باش شۇجىنىڭ ئەتراپىغا ئولىشىۋېلىپ، بەس- بەستە باش شۇجى بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى.

  11- ئاينىڭ 6- كۈنى چۈشتىن كېيىن، شى جىنپىڭ پۇدۇڭ يېڭى رايونى شەھەر يۈرۈشۈشىنى ئۇنىۋېرسال باشقۇرۇش مەركىزىگە كېلىپ، چوڭ ئېكراندىن شاڭخەينىڭ شەھەرنى تۈجۈپىلەپ باشقۇرۇش ۋە خەلقئارا سودا يەككە كۆزنەكلىك تىجارەت ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: شەھەرنى ئىدارە قىلىش دۆلەتنىڭ ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى. بىرىنچى قاتاردا تۇرىدىغان شەھەر بىرىنچى قاتاردا ئىدارە قىلىنىشى، ئىلمىيلاشتۇرۇش، ئىنچىكىلەشتۈرۈش، ئەقلىيلەشتۈرۈشكە كۈچ سەرپ قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىلىشى كېرەك، ھەم زامانىۋى پەن- تېخنىكا ۋاسىتىلىرىدىن پايدىلىنىپ ئەقلىيلەشتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ماھىر بولۇش، ھەم گۈل كەشتىلىگەندەك ئىنچىكىلىك، سەۋرچانلىق، چېۋەرلىك بىلەن تۈجۈپىلەش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، شەھەرنىڭ سۈپىتى ۋە ماركىسىنى كەشتىلەپ چىقىش كېرەك. شاڭخەي داۋاملىق ئىزدىنىپ، جۇڭگوچە دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ شەھەر باشقۇرۇش يېڭى يولى تېپىپ، شەھەر باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ ياڭشەن پورتىنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە تەرەققىياتىغا ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈپ كەلدى، بۇ يەردە يەنە سىنلىق كۆرۈنۈشنى ياڭشەن پورتىنىڭ 4- قارارلىق ئاپتوماتلاشقان پىرىستانىغا ئۇلاپ، پىرىستان قۇرۇلۇشى ۋە تىجارەت ئەھۋالى توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىدى. ئۇ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئىقتىساد كۈچلۈك دۆلىتى مۇقەررەركى دېڭىز- ئوكيان كۈچلۈك دۆلىتى، دېڭىز تىرانسپورت كۈچلۈك دۆلىتى. ياڭشەن پورتىنىڭ پۈتۈشى ۋە تىجارەت باشلىشى شاڭخەينىڭ خەلقئارا دېڭىز تىرانسپورت مەركىزى ۋە ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىشى ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى شارائىت يارىتىپ بەردى. باتۇرلۇق بىلەن دۇنيادا بىرىنچى قاتاردا تۇرىدىغان پورت قۇرۇش ئىرادىسى ۋە جاسارىتى بىلەن، قىلغان ئىكەنمىز ئەڭ ياخشى قىلىشىمىز، تىرىشىپ تېخىمۇ كۆپ دۇنيا بويىچە 1- لەرنى يارىتىشىمىز كېرەك. ئۇ شاڭخەينىڭ ياڭشەن پورتىنى ياخشى قۇرۇپ، ياخشى باشقۇرۇپ، ياخشى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، يۇمشاق مۇھىت قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، پورتنىڭ تىجارەت باشقۇرۇش ئىقتىدارى، ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئېچىۋېتىشنى ئومۇميۈزلۈك كېڭەيتىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشى داۋامىدا تېخىمۇ چوڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى ئۈمىد قىلدى.

  جاڭجياڭ ئىلىم- پەن شەھەرچىسى شاڭخەي پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مەركىزى يادرولۇق رايونى ۋە دۆلەت دەرىجىلىك پەن- تېخنىكا ئېگىزلىكى بولۇش سۈپىتى بىلەن، بىر تۈركۈم چوڭ ئىلىم- پەن ئەسلىھەلىرى، ئىلىم- پەن سۇپىسى ۋە بىرىنچى قاتاردا تۇرىدىغان يېڭىلىق يارىتىش تىپىدىكى تەتقىقات يۇرتى، ئورۇنلىرى توپلانغان. كۆرگەزمە زالىدا، شى جىنپىڭ ئىلىم- پەن شەھەرچىسىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسى ھەم يىرىك پىلان قۇرۇلۇش ئەھۋالى توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىدى، چوڭ ئىلىم- پەن ئەسلىھەلىرى، توپلاشتۇرۇلغان توك يولى، ئاۋىياتسىيە- ئالەم قاتنىشى، بىيو تېببىي دورا قاتارلىق كۆرگەزمە رايونلىرىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى. شى جىنپىڭ نەق مەيداندىكى پەن- تېخنىكا خىزمەتچىلىرى بىلەن سەمىمىي پاراڭلاشتى، ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پەن- تېخنىكا دۆلەتنىڭ ئىستىقبالى، تەقدىرىگە ئەزەلدىن بۈگۈنكىدەك بۇنداق چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن ئەمەس، خەلقنىڭ تۇرمۇشى، بەخت- سائادىتىگە ئەزەلدىن بۈگۈنكىدەك بۇنداق چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن ئەمەس. جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئاچقۇچلۇق پەيتىدە، پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتىكى تەخىرسىزلىك تۇيغۇسى ۋە بۇرچ تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇپ، پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى تېخىمۇ مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، «ۋاراتا ئالدىدىكى توپ»نى ياخشى تېپىپ، پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى ئىجادىيەتلىك قوزغىتىش تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش، يېڭى- كونا ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنىڭ ئالمىشىشىنى تېزلىتىشتە مۇھىم، زور رول ئوينايدىغان قىلىش كېرەك. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە سىياسەت - تەدبىرلىرىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاساسىي تەتقىقات ۋە ئەمەلىي قوللىنىشچان ئاساسىي تەتقىقاتنى كۈچەيتىپ، دەسلەپكى يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، كارخانىلارنىڭ سۇبيېكتلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداشنى كۈچەيتىپ، ئىجادچان ئىختىساسلىقلارنى ھۆرمەتلەپ، يېڭىلىق يارىتىش ھاياتىي كۈچىنى قويۇپ بېرىپ، گۈللەنمە كەسىپلەر ۋە يېڭىلىق يارىتىشچان كارخانىلارنى يېتىلدۈرۈپ، زورايتىپ، پەن - تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇشنى تېزلىتىپ، يېڭىلىق يارىتىش سىستېمىسىنىڭ ئومۇمىي ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. دۇنياۋى نەزەر، خەلقئارا ئۆلچەم بويىچە جاڭجياڭ ئۇنىۋېرسال خاراكتېرلىك دۆلەت ئىلىم- پەن مەركىزى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، خەلقئارا ئىلغار سەۋىيەگە ئىگە تەجرىبىخانا، پەن تەتقىقات يۇرتى، ئورنى، تەتقىق قىلىپ ئېچىش ئاپپاراتى، تەتقىقات تىپىدىكى داشۆلەرنى توپلاپ، قۇرۇپ، دۇنيادا بىرىنچى قاتاردا تۇرىدىغان مۇھىم، زور پەن- تېخنىكا ئۇل ئەسلىھەلەر توپى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش كېرەك.

  11- ئاينىڭ 7- كۈنى چۈشتىن كېيىن، شى جىنپىڭ شاڭخەي شەھەرلىك پارتكوم ۋە شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىدى، شاڭخەينىڭ ھەرقايسى جەھەتلەردىكى خىزمەتلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈردى. ئۇ شاڭخەينىڭ داۋاملىق پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشىدىكى ياخشى سەركىسى، يېڭىلىق يارىتىش، تەرەققىي قىلىشىدىكى ئالدىن يۈرگۈچىسى بولۇپ، باتۇرلۇق بىلەن ئەڭ ئېغىر يۈكنى كۆتۈرۈپ، ئەڭ قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا جۈرئەت قىلىپ، يول باشلاش ئاۋانگارتى بولۇش، ئۈلگە كۆرسىتىپ يېتەكلەش، ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتۈش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئىسلاھات- تەرەققىياتى ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلدى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى ھەرگىزمۇ داقا- دۇمباق چېلىش بىلەنلا ئاسان ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدىغان ئىش ئەمەس، چوقۇم نۇرغۇن يېڭى تارىخىي ئالاھىدىلىككە ئىگە ئۇلۇغ كۈرەشلەرنى ئېلىپ بېرىش شەرت. بىز يەنىلا نى- نى ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقارغىلى بولىدىغان تارىخىي پۇرسەت مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىمىز، ئىستىقبالىمىز ئىنتايىن پارلاق، خىرىسمۇ ئىنتايىن كەسكىن. ھازىر، دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىيات تاشقى مۇھىتىدا روشەن ئۆزگىرىش يۈز بەردى، دۆلىتىمىز ئىقتىسادى يۇقىرى سۈرئەتتە ئېشىش باسقۇچىدىن يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات باسقۇچىغا ئۆتتى، تەرەققىيات تەڭپۇڭ بولماسلىق، يېتەرلىك بولماسلىق مەسىلىسى ۋە تۈرلۈك دەۋرىيلىك، قۇرۇلمىلىق، تۈزۈلمە خاراكتېرلىك ئامىللار گىرەلىشىپ كېتىپ، خىزمەتنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسىنى ئاشۇرۇۋەتتى. لېكىن، بىز ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى داۋاملاشتۇرۇپ، زېھنىي كۈچىمىزنى مەركەزلەشتۈرۈپ، ئۆزىمىزنىڭ ئىشىنى ياخشى قىلساقلا، بېكىتكەن نىشانىمىزغا چوقۇم يېتەلەيمىز.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: شاڭخەي پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتى ئومۇمىيىتىدە ئىنتايىن مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ، شاڭخەينىڭ خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلەشتە ئومۇملۇق ئېڭى، ئومۇمىيەت قارىشى بولۇش، پۈتۈن مەملىكەتكە مۇلازىمەت قىلىش داۋامىدا شاڭخەينى تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك. شى جىنپىڭ شاڭخەيگە بەش جەھەتتىكى خىزمەت تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  بىرىنچى، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئىسلاھات- تەرەققىيات ئومۇملۇقىغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىش كېرەك. شاڭخەي ئەركىن سودا سىناق رايونىنىڭ يېڭى تارماق رايونىنى كۆپەيتىپ تەسىس قىلىش، شاڭخەي ئاكسىيە بېرژىسىدا تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش تاختىسى تەسىس قىلىش ھەم رويخەتكە ئېلىش تۈزۈمىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش، چاڭجياڭ دېلتىسى رايونىنىڭ بىر گەۋدىلەشكەن تەرەققىياتى دۆلەت ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشتىن ئىبارەت ئۈچ تۈرلۈك يېڭى، مۇھىم، زور ۋەزىپىنى ياخشى تاماملاپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش تەلىپىدە چىڭ تۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى شاڭخەينىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيە ئەۋزەللىكىنى بەرپا قىلىش كېرەك. دۆلەتنىڭ بىرتۇتاش يىرىك پىلانى، بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى، چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ تەرەققىياتى قاتارلىق دۆلەت ئىستراتېگىيەسىگە پۈتۈن كۈچ بىلەن مۇلازىمەت قىلىش كېرەك. چاڭجياڭ دېلتىسىنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك بىر گەۋدىلەشكەن تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش داۋامىدا باشلامچىلىق، تۈرتكىلىك رولىنى يەنىمۇ جارى قىلدۇرۇپ، چاڭجياڭ دېلتىسىنىڭ بىر گەۋدىلەشكەن تەرەققىياتىدىن ئىبارەت بۇ خىزمەتنى ياخشى ئىشلەپ، ئۇنى دۆلىتىمىز تەرەققىياتىنىڭ كۈچلۈك، جانلىق ئېشىش قۇتۇپىغا ئايلاندۇرۇش كېرەك.

  ئىككىنچى، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. سۈپەت ئۆزگىرىشى، ئۈنۈم ئۆزگىرىشى، ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ئۆزگىرىشىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن تۈرتكە بولۇپ، شەھەر ئىقتىسادىنىڭ زىچلىقىنى ئۆستۈرۈش، سېلىنما- ھاسىلات ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىپ، يەر شارى بايلىقىنى ئورۇنلاشتۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىپ، يېڭىلىق يارىتىش مەنبەسى ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىپ، زامانىۋىلاشقان ئىقتىساد سىستېمىسى قۇرۇشنى تېزلىتىش كېرەك. دۇنيا پەن- تېخنىكىسىنىڭ ئالدىنقى ساھەسىنى نىشانلاپ، پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ كەلگۈسى ئورۇنلاشتۇرۇشىنى كۈچەيتىپ، دىققەتنى ئاچقۇچلۇق ساھەلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، سەرخىل كۈچلەرنى يىغىپ، ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە بالدۇرراق مۇھىم، زور بۆسۈشنى قولغا كەلتۈرۈپ، يېڭىلىق يارىتىشنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ قۇدرەتلىك ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك. يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ كۈچەش نۇقتىسىنى ئەمەلىي ئىقتىسادقا قويۇپ، ئەمەلىي ئىقتىساد، پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، زامانىۋى پۇل مۇئامىلە، ئادەم كۈچى بايلىقى ماس تەرەققىي قىلىدىغان كەسىپ سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، شاڭخەينىڭ يەر شارى شەھەر سىستېمىسىدىكى تەسىر كۈچى ۋە رىقابەت كۈچىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش كېرەك.

  ئۈچىنچى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ چوڭقۇر تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئىدىيەدە يەنىمۇ ئازاد بولۇپ، ئۆزگىرىشنى توغرا تونۇپ، ۋەزىيەتكە ئىلمىي ماسلىشىپ، ئۆزگىرىشكە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىنتىلىپ، ھەرخىل كونا ئىدىيە ۋە كونا كۆز قاراشلار، قاتمال تەپەككۇرنىڭ چەكلىمىسىنى قەتئىي تۈگىتىپ، مۇھىم ساھە ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلاردىكى ئىسلاھاتنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، سىستېما توپلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، دۆلەت مۈلكى، دۆلەت كارخانىلىرى، پۇقراۋى ئىگىلىك، سودا تۈزۈمى، ئىجتىمائىي ئىناۋەت، ئىختىساسلىقلار تەرەققىياتى، شەھەر باشقۇرۇش، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش قاتارلىق ئىسلاھات تەدبىرلىرىنىڭ مۇكەممەللىشىشى ۋە ئەمەلىيلىشىشىنى داۋاملىق ياخشى تۇتۇپ، ئىسلاھاتنىڭ ئۇنىۋېرسال ئېففېكتىنى چوڭايتىش كېرەك. كاپىتال بازىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يەرلىك تېخىمۇ كۆپ پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش كارخانىلىرىنى جەلپ قىلىپ، يېتىلدۈرۈپ، تەرەققىي قىلدۇرۇپ زورايتىش كېرەك. ئەڭ يۇقىرى ئۆلچەم، ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەنى نىشانلاپ، مەمۇرىيەت مۇلازىمىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، خەلقئارادا بىرىنچى قاتاردا تۇرىدىغان تىجارەت- سودا مۇھىتى يارىتىش كېرەك. تېخىمۇ چوڭقۇر قاتلام، تېخىمۇ كەڭ ساھەدە، تېخىمۇ زور سالماق بىلەن ئومۇمىي دائىرىلىك، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىشنى ئالغا سىلجىتىپ، يىراق كەلگۈسى تەرەققىيات ئۈچۈن پۇختا ئاساس سېلىش كېرەك. پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىغا ئىلھام، مەدەت بېرىدىغان ۋە يېتەكلەيدىغان سىياسەت- تەدبىرلەرنى باشلامچىلىق بىلەن ئىزچىللاشتۇرۇپ، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ياخشى تۈزۈم مۇھىتى يارىتىش كېرەك.

  تۆتىنچى، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشتا يېڭىلىق يارىتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشنى ئىجتىمائىيلاشتۇرۇش، قانۇنچىللاشتۇرۇش، ئەقلىيلەشتۈرۈش، كەسىپلەشتۈرۈش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، نازۇك جايلارغا كۈچ سەرپ قىلىپ، ئۈنۈم ھاسىل قىلىشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق ئىدارە قىلىش، ئورتاق بەھرىمەن بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئېغىرلىق مەركىزىنى تۆۋەنگە يۆتكەش، كۈچنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، خەلق ئاممىسى كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان ئىشقا ئورۇنلىشىش، مائارىپ، داۋالىنىش، كۈتۈنۈش قاتارلىق گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى كۈچەپ ياخشى ھەل قىلىپ، ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمەت سەۋىيەسى ۋە سۈپىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئاممىنى تېخىمۇ كۆپ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىغا ئىگە قىلىش كېرەك.

  بەشىنچى، پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ سۈپىتى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي تەلىپىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە ئۆزىنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشى، ئىدىيە قۇرۇلۇشى، تەشكىلىي قۇرۇلۇشى، ئىستىل قۇرۇلۇشى، ئىنتىزام قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش كېرەك. قاتتىق بولۇشنى باش ئورۇنغا قويۇش، ئومۇميۈزلۈك قاتتىق بولۇش، ئاخىرغىچە قاتتىق بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش مەسئۇلىيىتىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ تەشكىلىي لۇشيەنىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، سىياسىي ئۆلچەمنى بىرىنچى ئۆلچەم قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان يۇقىرى ساپالىق كادىرلار قوشۇنى قۇرۇپ، كادىرلار قوشۇنىنىڭ سىياسىي جەھەتتە ئىشىنىشكە بولىدىغان، تايىنىشقا بولىدىغان، خاتىرجەم قىلىدىغان بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىشنى كۈچەيتىپ، سىياسىي ئاڭ ۋە نەزەرىيەۋى سەۋىيەنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، غايە- ئېتىقادنى چىڭىتىپ، «تۆت ئاڭ»نى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، مەنىۋى كالتسىينى تولۇقلاپ، ئىدىيەدىن ئىبارەت بۇ رولنى ياخشى تۇتۇش كېرەك. ھەرقايسى ساھە، ھەرقايسى تەرەپلەردىكى كەسپىي ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشنى تېزلىتىپ، كادىرلارنى ئاڭلىق ھالدا بىلىمىنى يېڭىلاش، قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈش، بوران- چاپقۇنغا بەرداشلىق بېرىش، ئىسسىق- سوغۇقنى باشتىن كەچۈرۈش، ئۆزىنى چېنىقتۇرۇش، ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشكە يېتەكلەش كېرەك. پەزىلەتلىك ۋە تالانتلىق كىشىلەرنى جەلپ قىلىش يوللىرىنى كەڭ ئېچىپ، ھەرقايسى تەرەپلەردىكى مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلارنى كەڭ كۆلەمدە توپلاش كېرەك. پارتىيەنىڭ ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، بايلىق، مۇلازىمەت، باشقۇرۇشنى ئاساسىي قاتلامغا چۈشۈرۈپ، ئاساسىي قاتلامنى مۇستەھكەملەپ، ھەربىر ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتىنى مۇستەھكەم جەڭگىۋار قورغان قىلىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك. ئىدېئولوگىيە خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى ئەۋج ئالدۇرۇش، ئاكتىپ كۈچنى ئەۋج ئالدۇرۇش كېرەك.

  خىزمەتلەرنى تەكشۈرگەن مەزگىلدە، شى جىنپىڭ شاڭخەيدە شاڭخەيدە تۇرۇشلۇق قىسىملاردىكى مۇئاۋىن شىجاڭ دەرىجىلىكتىن يۇقىرى رەھبىرىي كادىرلار ۋە تۈەن دەرىجىلىك ئورۇنلارنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرىنى سەمىمىي قوبۇل قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتقا ۋاكالىتەن شاڭخەيدە تۇرۇشلۇق قىسىملاردىكى بارلىق ئوفىتسېر- ئەسكەرلەردىن سەمىمىي ھال سورىدى. جاڭ يوۋشيا قوبۇل قىلىشتا ھەمراھ بولدى.

  دىڭ شۆشياڭ، ليۇ خې، خې لىفېڭ ۋە مەركەزدىكى مۇناسىۋەتلىك تارماقلاردىكى مەسئۇل يولداشلار خىزمەتلەرنى تەكشۈرۈشتە ھەمراھ بولدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.