تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى قەتئىي ھىمايە قىلىمەن

  شىنجاڭ ئىسلام دىنى شۆيۈەنىنىڭ شۆيۈەن باشلىقى، ئاپتونوم رايونلۇق ئىسلام دىنى جەمئىيىتىنىڭ جەمئىيەت باشلىقى ئابدۇرېقىپ تۆمۈرنىياز

  بىر مەزگىل ئىچىدە، «پانتۈركىزم» ۋە «پانئىسلامىزم»نىڭ تەسىرىدە، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى يامرىدى، سىڭىپ كىردى، «ئۈچ خىل كۈچ» «مىللەت» بايرىقىنى كۆتۈرۈۋېلىپ، «دىن» تونىغا ئورىنىۋېلىپ، شىنجاڭ تارىخىنى بۇرمىلاپ، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنى تەشۋىق قىلىپ، مىللىي بۆلگۈنچىلىكنى تەرغىب قىلىپ، مىللىي ئۆچمەنلىككە قۇترىتىپ، دىنىي تەلۋىلىك پەيدا قىلىپ، بارلىق دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغانلارنى قايمۇقتۇرۇپ، كۆپلىگەن زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلولىرىنى سادىر قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھاياتى ۋە مال- مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە ئېغىر خەۋپ يەتكۈزدى. ئۇلار «غازات قىلغانلار جەننەتكە كىرىدۇ» دېگەننى تەرغىب قىلىپ، «قىز- ئاياللار چوقۇم نىقابلىق كىيىم كىيىشى كېرەك» دېگەن ئەسەبىي گەپ- سۆزلەرنى ھەدەپ تارقاتتى، ناخشا ئېيتىش، ئۇسسۇل ئويناش قاتارلىق مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنى «شەيتاننىڭ قىلمىشى» دەپ قارىدى، «مۇسۇلمانچە» ۋە «مۇسۇلمانچە ئەمەس» توغرىسىدا توختىماي كاپشىپ، بۇمۇ «مۇسۇلمانچە ئەمەس»، ئۇمۇ «مۇسۇلمانچە ئەمەس» دېيىشتى، كومپارتىيە سېلىپ بەرگەن ئەمىن تاپقۇزۇپ، خەلقنى بېيىتىش ئۆيىدە ئولتۇرسا بولمايدۇ، دېگەندەك گەپلەرنى قىلدى، كىملىك، توي خېتى، نوپۇس دەپتىرى قاتارلىق كىنىشكىلارنى يىرتىپ، بۇزۇپ تاشلاپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغانلارنى ھۆكۈمەتنىڭ باشقۇرۇشىغا قارشىلىق كۆرسىتىشكە قۇترىتىپ، بىز ئۇيغۇرلارنى مەڭگۈ ئەسلىگە كەلمەيدىغان تېگى يوق ھاڭغا باشلاشقا تەلۋىلەرچە ئۇرۇندى، شىنجاڭنى ۋەتىنىمىز قوينىدىن پارچىلاپ چىقىپ كېتىشكە تەلۋىلەرچە ئۇرۇندى.

  دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى بىلەن يۇقۇملانغان بۇ بىر توپقا يۈزلەنگەندە، قانداق قىلىش كېرەك؟ بۇ كىشىلەرنى قانداق قىلغاندا تۇيۇق يولدىن قايتۇرۇپ كەلگىلى بولىدۇ؟ بۇ كىشىلەرنى قانداق قىلغاندا ھەق- ناھەقنى ئېنىق ئايرىيالايدىغان ئادەمگە، نورمال ئادەمگە ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ؟ بۇ كىشىلەرنى قانداق قىلغاندا جەمئىيەتكە قايتۇرۇپ كەلگىلى، ئائىلىسىگە قايتۇرۇپ كەلگىلى بولىدۇ؟

  ئاپتونوم رايون تەلىم- تەربىيە ئارقىلىق قۇتقۇزۇشنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، كەسپىي ماھارەت تەلىم- تەربىيە مەركىزى قۇرۇپ، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنى يۇقتۇرۇۋالغان كىشىلەرنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئۆگىنىش قىلدۇردى، ئۆگىنىش جەريانىدا يەيدىغان، كىيىدىغان، تۇرىدىغان، ئۆگىنىدىغان، ئىشلىتىدىغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى ھەقسىز قىلىپ ھەم بۇ كىشىلەرنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلدى، ھەم ئاممىنىڭ بىخەتەرلىكىگىمۇ كاپالەتلىك قىلدى. دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىقى، قانۇن- نىزام بىلىملىرى ۋە كەسپىي ماھارەت ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇپ، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش تەربىيەسى ئېلىپ بېرىپ، ئۇلاردىكى دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ كېسەللىك يىلتىزىنى كېسىپ تاشلاپ، ئاخىرىدا مەدەنىي، قانۇن بىلىدىغان، ماھارەتكە ئىگە، ھەق- ناھەقنى ئايرىيالايدىغان يېپيېڭى پۇقرا سالاھىيىتىدە جەمئىيەتكە، ئائىلىسىگە قايتۇرۇپ كەلدى. بۇ كومپارتىيەنىڭ بىز ئۇيغۇرلارغا قىلغان ئەڭ زور غەمخورلۇقى ۋە كۆيۈنۈشى، خۇددى بىر ئانىنىڭ خاتالىق ئۆتكۈزگەن بالىسىغا سەۋرچانلىق، ئىنچىكىلىك بىلەن تەلىم- تەربىيە بەرگىنىدەك، ئىدىيە جەھەتتىن ياردەم بېرىپلا قالماي، ماددىي جەھەتتىن ياردەم بېرىپلا قالماي، بەزىلىرىنى يەنە ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى. بىز كومپارتىيە رەھبەرلىكىدىلا شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىياتى بولىدىغانلىقىنى، بىز ئۇيغۇرلارنىڭ بەختىيار تۇرمۇشى بولىدىغانلىقىنى، بىزنىڭ پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق بىلەن بىللە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت پارلاق ئىستىقبالغا قاراپ ماڭالايدىغانلىقىمىزنى چوڭقۇر بىلىمىز. شۇڭا، بىز ئۇيغۇر قېرىنداشلار كومپارتىيەنىڭ شەپقىتىنى ھەر ۋاقىت ئۇنتۇماسلىقىمىز، كومپارتىيەنىڭ بىزنى قۇتقۇزۇۋالغانلىقىنى مەڭگۈ ئەستە چىڭ ساقلىشىمىز كېرەك.

  سۇ ئىچكەندە قۇدۇق قازغۇچىنى ئۇنتۇماسلىق كېرەك. دىنىي ساھەدىكى زات بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئۇلۇغلۇقى ۋە ۋەتەن چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئىللىقلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە قاتتىق زەربە بېرىپ، ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى تەرىپىدىن كاللىسى يۇيۇۋېتىلگەن كىشىلەرگە قارىتا كەسپىي ماھارەت تەلىم- تەربىيەسى ئېلىپ بېرىپ، ئۇلارغا دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىقى ئۆگەتتى، قانۇن ئۆگەتتى، ماھارەت ئۆگەتتى، بۇ بارلىق مەۋجۇداتنى قوغدىغان ئەڭ چوڭ خەيرلىك ئىش. بىزدەك دىن خادىملىرى ۋە بارلىق دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغانلار قەتئىي، كەسكىن ھالدا پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ، بايرىقىمىز روشەن ھالدا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ھىمايە قىلىشىمىز، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى قوغداش «بىرىكمە مۇشت» تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ھىمايە قىلىشىمىز، بايرىقىمىز روشەن ھالدا پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنى جازالاش ئۈچۈن قوللانغان تەدبىرلىرىنى قوللىشىمىز كېرەك. بىز ھەربىر دىن خادىمى ھەممىمىز ھەرىكەتكە كېلىپ، ئەۋزەللىكىمىزنى جارى قىلدۇرۇپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغانلارغا پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنى تۈگىتىش ئۈچۈن يولغا قويغان سىياسەت- تەدبىرلىرىنى تەشۋىق قىلىشىمىز، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ تۈرلۈك ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنى تەشۋىق قىلىشىمىز، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ئېلىپ كەلگەن پايدىنى تەشۋىق قىلىشىمىز، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ سەپسەتە، قۇرۇق گەپلىرىگە زور كۈچ بىلەن رەددىيە بېرىشىمىز، ئۇلارنىڭ دىنىي ساختا نىقابىنى يىرتىپ تاشلاپ، ئۇلارنىڭ ئىنسانىيەتكە، مەدەنىيلىككە، جەمئىيەتكە، دىنغا قارشى رەزىل ماھىيىتىنى ئېچىپ تاشلىشىمىز، بارلىق دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغانلارنى توغرا ئېتىقاد، توغرا يول تۇتۇشقا، سىڭدۈرمىچىلىككە قارشى تۇرۇشقا، ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇشقا يېتەكلەپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپە قوشۇشىمىز كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى