تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچىدىكى بىر قىسىم يول بۆلەكلىرىدە بۈگۈن سائەت 22:00دىن باشلاپ سۇ توختايدۇ

   مۇناسىۋەتلىك قۇرۇلۇش تەرتىپىگە ماسلىشىش ئۈچۈن، گۇاڭمىڭ يولىدىكى سۇ  تۇرۇبىسىنى كۆچۈرۈپ، ئۆزگەرتىش زۆرۈر بولۇپ قالغانلىقتىن، 11-ئاينىڭ 8-كۈنى سائەت 22:00دىن باشلاپ ئالاقىدار يول بۆلەكلىرىدە سۇ توختايدۇ.

  مۇخبىرنىڭ 11-ئاينىڭ 7-كۈنى ئۈرۈمچى سۇچىلىق گۇرۇھىدىن ئىگىلىشىچە، 11-ئاينىڭ 8-كۈنى سائەت 22:00دە ياشلار يولى، گۇاڭمىڭ يولى، ۋېيشىڭ كوچىسى، جيەنگۇڭ كوچىسى بويىدا تۇرۇبىلارنى كۆچۈرۈش، تۇتاشتۇرۇش سەۋەبلىك سۇ توختايدىكەن. ھاۋارايى ئۆزگىرىشى ياكى باشقا ئالاھىدە ئەھۋاللار كۆرۈلسە سۇ توختاش ۋاقتى ئۇزارتىلىدىكەن.

  ـــ ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى