تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

تارىخ تەشۋىق-تەربىيەسىنى شىنجاڭ ئىدېئولوگىيە خىزمىتىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئورنىغا قويۇش كېرەك

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى تيەن ۋېن

  شىنجاڭنىڭ تارىخىي مەسىلىلىرى مۇھىم سىياسىي پىرىنسىپ مەسىلىسى. توغرا تارىخ بىلىمى ۋە ئىدىيەۋى قاراشتىن پايدىلىنىپ مەنبەدىن ساپلاشتۇرۇش، تونۇشنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، ئەل قەلبىنى مۇجەسسەملەشتە چىڭ تۇرۇش−جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇيۇشۇشچانلىقى، مەركەزگە ئىنتىلىشچانلىقىغا مۇناسىۋەتلىك، ۋەتەننىڭ بىرلىكى ۋە دۆلەتنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە مۇناسىۋەتلىك. چوقۇم شىنجاڭ تارىخى تەشۋىق-تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى جۇڭخۇا مىللىتى ۋە جۇڭخۇا مەدەنىيىتىدىن ئىبارەت بۇ «يىلتىز» ۋە «روھ»نى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشنى ھەقىقىي كۈچەيتىشكە يېتەكلەپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنىڭ مەنىۋى يىلتىزى، تومۇرىنى پائال يېتىلدۈرۈش كېرەك.

  1. شىنجاڭ تارىخى تەشۋىق-تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇش كېرەك

  تارىخ بىر مىللەت، بىر دۆلەتنىڭ شەكىللىنىشى، تەرەققىي قىلىشىنىڭ ھەقىقىي خاتىرىسى، بىر مىللەت ۋە دۆلەتنىڭ ھايات يولىنى تېپىشىنىڭ ئاساسى. شىنجاڭ ۋەتىنىمىزنىڭ غەربىي شىمال چېگراسىغا جايلاشقان، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ئالدىنقى سەپ بازىسى ۋە ئاساسىي جەڭ مەيدانى، تارىخ تەشۋىق-تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش ئالاھىدە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

  (1) شىنجاڭ تارىخى تەشۋىق-تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. شىنجاڭنىڭ ئالاھىدە جۇغراپىيەلىك مۇھىتى سەۋەبىدىن، ھەر خىل سىياسىي ئامىللارنىڭ تەسىرى سەۋەبىدىن، بولۇپمۇ دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى ئۇزاق مۇددەت مەۋجۇت بولۇپ تۇرغانلىقى سەۋەبىدىن، شىنجاڭدا مىللىي بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرى ئىزچىل تۈگىمەي كەلدى، ھازىرقى باسقۇچتا ئىپادىسى تېخىمۇ گەۋدىلىك بولماقتا. بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى ئەمەلىيىتى شۇنى چوڭقۇر كۆرسەتتىكى، بىزنىڭ «ئۈچ خىل كۈچ»كە قارشى كۈرىشىمىزنىڭ يىلتىزى ئىدېئولوگىيە ساھەسىدە، مەركىزىي نۇقتىسى شىنجاڭنىڭ تارىخىي مەسىلىلىرىدە. شىنجاڭ تارىخى تەشۋىق- تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق ئىدېئولوگىيە ساھەسىدە ۋە كىشىلەرنىڭ ئىدىيەۋى تونۇشىدا ئۇزاق مۇددەت ساقلىنىپ كەلگەن تۈرلۈك چوڭقۇر قاتلاملىق مەسىلىلەرنى تۈپ يىلتىزىدىن ھەل قىلىپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش، ئورتاق گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىشتىكى تۈۋرۈكلۈكلۈكىنى چىڭىتىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ شىنجاڭدا ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا تۈرتكە بولۇپ، پارتىيەنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن قۇدرەتلىك مەنىۋى كۈچ مۇجەسسەملەش كېرەك.

  (2) شىنجاڭ تارىخى تەشۋىق-تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ خىرىسىنى تارمار قىلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ئۇزاقتىن بۇيان، مىللىي بۆلگۈنچى كۈچلەر تارىخنى ھەدەپ بۇرمىلاپ، ئويدۇرۇپ چىقىرىپ، بىر قاتار خاتا، ئەكسىيەتچىل ئىدىيە، گەپ-سۆزلەرنى تارقاتتى، بۇنىڭ شىنجاڭدىكى بەزى جايلارغا سىڭىپ كىرىش ۋە كېڭىيىش ۋاقتى ئۇزاق، دائىرىسى كەڭ، دەرىجىسى چوڭقۇر، خەۋپى زور بولدى. بۇ خاتا ئىدىيەلەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان بەزى كادىرلار، ئامما ئىدىيەۋى تونۇشتا مۈجمەل بولۇپ، ناھايىتى ئاسانلا ئېزىپ كەتتى، خاتا يولغا ماڭدى، ئەگىشىپ كەتتى، ھەتتا زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە قارىغۇلارچە قاتناشتى. شىنجاڭ تارىخى تەشۋىق-تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق خاتا ئىدىيەلەرنىڭ يىلتىزىنى چوڭقۇر قېزىپ، «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ ئەكسىيەتچىل گەپ-سۆزلىرىنى چوڭقۇر پاش قىلىپ، تەنقىدلەپ، كىشىلەرگە نېمىنىڭ توغرا، نېمىنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى، نېمىنى تەشەببۇس قىلىش، نېمىگە قارشى تۇرۇش كېرەكلىكىنى ئېنىق چۈشەندۈرۈپ، «ئۈچ خىل كۈچ»كە كۈچلۈك قايتۇرما زەربە بېرىش كېرەك.

  (3) شىنجاڭ تارىخى تەشۋىق-تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشنى كۈچەيتىش، كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ئالاھىدە ئادىمىيەت، جۇغراپىيەلىك مۇھىت سەۋەبىدىن، شىنجاڭ رايونى سىرتتىن كەلگەن مەدەنىيەتنىڭ تەسىرىگە ناھايىتى ئاسانلا ئۇچرايدۇ، بولۇپمۇ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بەزىلەر گېزىت- ژۇرنال، رادىيو- كىنو- تېلېۋىزىيە، كىتاب نەشرىياتچىلىقى، ئەدەبىيات- سەنئەت نومۇرلىرى قاتارلىقلاردىن پايدىلىنىپ، كىشىلەرنىڭ ئىدىيەسىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىدېئولوگىيە ساھەسىنى ئېغىر زەربىگە ۋە تەسىرگە ئۇچراتتى. شىنجاڭ تارىخى تەشۋىق- تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق شىنجاڭ تارىخىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جۇڭگو تارىخىنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە قانۇنىيىتىنى ئېنىق چۈشەندۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىدىكى تارىخىي تەجرىبىلەر ۋە مىللىي روھنى ئېنىق چۈشەندۈرۈپ، ۋەتەن بىلەن شىنجاڭ، جۇڭخۇا مىللىتى بىلەن شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ ئورتاق ئامىللىرىنى، ئېسىل ئەنئەنىسىنى، ئورتاق ھوقۇق- مەنپەئىتى ۋە مەجبۇرىيىتىنى ئېنىق چۈشەندۈرۈپ، مىللەتلەرنىڭ غۇرۇرى، ئىشەنچى، ئىپتىخارلىق تۇيغۇسى، تەۋەلىك تۇيغۇسى، بۇرچ تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش كېرەك.

  (4) شىنجاڭ تارىخى تەشۋىق-تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش ئىدېئولوگىيە ساھەسىنى تالىشىش كۈرىشىدە غەلىبە قىلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ ئىدېئولوگىيە ساھەسى خىزمىتى داۋاملىق كۈچەيدى، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش تونۇشى بارغانسېرى چوڭقۇرلاشتى، ھەرىكىتى بارغانسېرى قەتئىي بولدى، بولۇپمۇ پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىدىكى زور بىر تۈركۈم ئاز سانلىق مىللەت كادىرلار، زىيالىيلار، ياشلار، ئوقۇغۇچىلار كۆكرەك كېرىپ مەيدانغا چىقىپ، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، بارلىق بۆلگۈنچىلىك ئىدىيەسى ۋە خاتا گەپ-سۆزلەرگە قارشى قەتئىي جەڭ ئېلان قىلىپ، خاتا پىكىر ئېقىمىنىڭ تەسىرىنى تۈگىتىش ئۈچۈن پايدىلىق كەيپىيات ياراتتى. شىنجاڭ تارىخى تەشۋىق-تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق ئاممىغا ئەڭ زور دەرىجىدە تەشۋىق- تەربىيە ئىشلەپ، كىشىلەرنى ئۇلۇغ كۈرەشكە ئاتلىنىشقا يېتەكلەپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى ئورتاق قوغداپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئورتاق قوغداپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ئورتاق قوغداپ، پولاتتەك ئىدېئولوگىيە بازىسى قۇرۇش كېرەك.

  2. شىنجاڭ تارىخى تەشۋىق-تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشتىكى يادرولۇق مەزمۇننى ئىلمىي ئىگىلەش كېرەك

  شىنجاڭ تارىخىنىڭ مەزمۇنى مول، سىياسىيلىقى، سىياسەتچانلىقى، كەسىپچانلىقى ناھايىتى كۈچلۈك. تەشۋىق- تەربىيەنى قانات يايدۇرۇش−ھەممە تەرەپنى تىلغا ئېلىپ ئۆتۈش، ھەممىنى تولۇق ئۆز ئىچىگە ئېلىش بولماستىن، بەلكى مۇھىم ھالقىنى چىڭ تۇتۇش بولۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ تارىخىي تەرەققىيات ئومۇمىيىتىدىن شىنجاڭنىڭ رايون تارىخىي تەرەققىياتىنىڭ دائىرىسىنى بېكىتىپ، پارتىيەمىزنىڭ شىنجاڭنىڭ تارىخىي مەسىلىلىرى توغرىسىدىكى ئاساسىي يەكۈنى ۋە ئاساسىي سىياسىتىنى تەشۋىق قىلىش، يۆنىلىش خاراكتېرلىك، تۈپ خاراكتېرلىك، ئەمەلىيەت خاراكتېرلىك مۇھىم، زور مەسىلىلەرنى ئايدىڭلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت.

  (1) شىنجاڭ تارىخىنى ياخشى ئۆگىنىپ، ياخشى تەشۋىق قىلىپ، دۆلەتنىڭ بىرلىكى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشكە قاراپ مېڭىشىدىكى تارىخىي مۇقەررەرلىك ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر تونۇشىمىز كېرەك. دۆلىتىمىز بىرلىككە كەلگەن كۆپ مىللەتلىك دۆلەت. خەن سۇلالىسىدىن باشلاپ، شىنجاڭ رايونى جۇڭگو تېررىتورىيەسىنىڭ بىر قىسمىغا رەسمىي ئايلانغانىدى. دۆلىتىمىزدىن ئىبارەت بىرلىككە كەلگەن كۆپ مىللەتلىك دۆلەتنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك تارىخىي ئۆزگىرىشى داۋامىدا، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق بىلەن بىرلىكتە دۆلىتىمىزنىڭ بىپايان زېمىنىنى ئورتاق ئاچتى، كۆپ مەنبە بىرگەۋدىلەشكەن جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىنى ئورتاق بەرپا قىلدى. شىنجاڭ رايونىنىڭ باشتىن-ئاخىر دۆلىتىمىزنىڭ تەركىبىي قىسمى ئىكەنلىكىدەك بۇ پاكىتتىن گۇمانلىنىشقا بولمايدۇ. تەشۋىق-تەربىيە ئارقىلىق كىشىلەرنى دۆلەتنىڭ بىرلىكى تارىخىي يۈزلىنىش ۋە تەرەققىيات چوڭ ۋەزىيىتى ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر تونۇشقا يېتەكلەش كېرەك؛ بىرلىككە ئىنتىلىش، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ 5000 يىللىق تارىخىدا توپلىنىپ شەكىللەنگەن شەرەپلىك ئەنئەنە، مىللەتلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئىتى؛ جەزمەن بايرىقىمىز روشەن ھالدا دۆلەتنىڭ بىرلىكىنى قوغداپ، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش شەرت.

  (2) مىللەتلەرنىڭ تەرەققىيات تارىخىنى ياخشى ئۆگىنىپ، ياخشى تەشۋىق قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھەر مىللەت خەلقنىڭ جان تومۇرى ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر تونۇشىمىز كېرەك. كۆپ مىللەتلىك بولۇش دۆلىتىمىزنىڭ بىر چوڭ ئالاھىدىلىكى، ھەرقايسى مىللەتلەر ۋەتىنىمىزنىڭ گۈزەل تاغ-دەريالىرىنى، بىپايان زېمىنىنى ئورتاق ئاچتى، ئۇزاق تارىخى، پارلاق مەدەنىيىتىنى ئورتاق ياراتتى. شىنجاڭ رايونىدىكى مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنىڭ ئۆزگىرىشى باشتىن- ئاخىر جۇڭخۇا مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنىڭ ئۆزگىرىشى بىلەن باغلىنىشلىق بولۇپ كەلگەن. شىنجاڭ رايونى ھەم شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ ئائىلىسى، ھەم جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق ئائىلىسىنىڭ تەركىبىي قىسمى. ئۆگىنىش-تەربىيە ئارقىلىق كىشىلەرنى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ بىر تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى ئىكەنلىكىنى، بىرى گۈللەنسە، باشقىلارمۇ تەڭ گۈللىنىدىغان، بىرى زىيانغا ئۇچرىسا، قالغانلىرىمۇ تەڭ زىيانغا ئۇچرايدىغانلىقىنى چوڭقۇر تونۇشقا يېتەكلىشىمىز كېرەك؛ ھەرقايسى مىللەتلەر ئۆزىنىڭ تەقدىرىنى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تەقدىرى بىلەن زىچ باغلىغاندىلا، ئاندىن ئىستىقبالى بولىدۇ، ئاندىن ئۈمىدكە تولىدۇ؛ جەزمەن جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى پۇختا تۇرغۇزۇش شەرت.

  (3) مەدەنىيەتنىڭ يۇغۇرۇلۇش تارىخىنى ياخشى ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشنى كۈچەيتىشنىڭ ئەڭ چوڭقۇر قاتلاملىق قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر تونۇش كېرەك. شىنجاڭ رايونى تارىختا جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى دەرۋازىسى ۋە ۋاسىتىسى بولغان، شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتىگە باشلىنىشىدىلا جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ كۆپ مەنبەلىك بىر گەۋدىلەشكەن تامغىسى بېسىلغان. جۇڭخۇا مەدەنىيىتى باشتىن- ئاخىر شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ ھېسسىيات تايانچى، قەلب ماكانى ۋە مەنىۋى يۇرتى بولغان، شۇنداقلا شىنجاڭدىكى مىللەتلەر مەدەنىيىتى تەرەققىياتىنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ مەنبەسى بولغان. تەشۋىق- تەربىيە ئارقىلىق كىشىلەرنى شىنجاڭ مەدەنىيىتىنىڭ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك مەدەنىيىتى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتى بىلەن ئالاقىلىشىش، يۇغۇرۇلۇشىنىڭ نەتىجىسى ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر تونۇشقا يېتەكلەش كېرەك؛ مەدەنىيەتنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش ئەڭ ئاساسلىق قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە تاقابىل تۇرۇش، دۆلەتنىڭ بىرلىكىنى قوغداشنىڭ تۈپ ئالدىنقى شەرتى؛ چوقۇم جۇڭخۇا مەدەنىيىتى مەيدانىنى چىڭ ساقلاپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتى گېنىغا ۋارىسلىق قىلىپ، ۋەتىنىمىزنىڭ ئۇزاق تارىخى، پارلاق مەدەنىيىتى ھەمدە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىش كۈرەش مۇساپىسىدىن مەنىۋى كۈچ ئېلىش كېرەك.

  (4) دىنلارنىڭ ئۆزگىرىش تارىخىنى ياخشى ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ، دۆلىتىمىزدىكى دىنلارنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇشنىڭ يۈزلىنىش ۋە قانۇنىيەت ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر تونۇشىمىز كېرەك. شىنجاڭ تارىختىن بۇيان كۆپ مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان ۋە كۆپ خىل دىنىي ئېتىقاد تەڭ مەۋجۇت بولغان رايون. شىنجاڭنىڭ كۆپ خىل دىن تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش ۋەزىيىتىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە ئۆزگىرىشى ئۇزاق تارىخىي جەريان بولۇپ، باشتىن- ئاخىر مۇرەككەپ ئىجتىمائىي، سىياسىي كۈرەش ۋە مىللەتلەر مۇناسىۋىتى بىلەن زىچ گىرەلىشىپ كەتكەن. دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى دىنىي ئەقىدىلەرگە تامامەن خىلاپ، ئۇ مىللىي بۆلگۈنچىلىك ۋە زوراۋانلىق، تېررورلۇقنىڭ ئىدىيە ئاساسى. دىننىڭ ئۆزى تۇرۇۋاتقان جەمئىيەتكە ئۇيغۇنلىشىشى ئۇنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى، تەرەققىي قىلىشىدىكى يۈزلىنىش ۋە قانۇنىيەت. تەشۋىق-تەربىيە ئارقىلىق كىشىلەرنى كۆپ خىل دىن ئىناق بىللە ئۆتۈش، يۇغۇرۇلۇپ تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشنىڭ شىنجاڭدىكى دىنلار مۇناسىۋىتىنىڭ ئاساسىي ئېقىمى ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر تونۇشقا يېتەكلەش كېرەك؛ بۈگۈنكى كۈندە، دىننى جۇڭگوچىلاشتۇرغاندىلا، ئاندىن ئۇ دۆلىتىمىزنىڭ سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە تېخىمۇ ياخشى ئۇيغۇنلىشالايدۇ؛ دۆلىتىمىزدىكى ئىسلام دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرغۇزۇپ، تىرىشىپ دىننى ئىقتىسادىي تەرەققىيات، جەمئىيەت ئىناقلىقى، مەدەنىيەتنىڭ گۈللىنىشى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە خىزمەت قىلىشقا يېتەكلەش شەرت.

  3. شىنجاڭ تارىخى تەشۋىق-تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنىڭ شەكلى، ۋاسىتىسىنى موللاشتۇرۇش، كېڭەيتىش كېرەك

  باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بىزنىڭ تەشۋىق- تەربىيەمىز، بولۇپمۇ ئادەتتىكى ئاممىغا يۈزلەنگەن تەشۋىق- تەربىيەمىز ھەمىشە قۇرۇق سۆز بولۇپ قالماسلىقى كېرەك، ئاممىباب، جانلىق، كىشىلەر سۆيۈپ كۆرىدىغان، ياقتۇرۇپ ئاڭلايدىغان ۋاسىتىلەرنىڭ ھەممىسىنى قوللىنىپ، يۇقىرىنىڭ سىياسىتىنى چۈشىنەلەيدىغان، تۆۋەندىكى ئاممىغا ماس كېلىدىغان، ئامما ئاڭلاپلا چۈشىنەلەيدىغان، كۆرۈپلا بىلەلەيدىغان، ئېسىدە تۇتالايدىغان قىلىپ، ھەقىقىي تۈردە قۇلىقىغا، مېڭىسىگە، قەلبىگە سىڭدۈرىشىمىز كېرەك. بىز ماھىرلىق بىلەن يېڭىلىق يارىتىپ، باتۇرلۇق بىلەن ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، تارىخنىڭ ئاكتىپ كۈچىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى تەربىيەلىشىمىز كېرەك.

  (1) ئۆگىنىش، تەربىيەنى پۇختا ئىشلەش كېرەك. كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، زىيالىيلار ئاممىغا تەشۋىق قىلىش، ئاممىنى تەربىيەلەش، ئاممىنى تەشكىللەشتىكى مۇھىم كۈچ تىرىكى، چوقۇم بۇ «ئىككى قوشۇن»نىڭ ئۆگىنىشى، تەربىيەسىنى ياخشى تۇتۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. پارتكوم نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسىنى باشلامچى، ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار، ھەر مىللەت زىيالىيلارنى مۇھىم نۇقتا، پارتىيە مەكتىپى، مەمۇرىيەت شۆيۈەنىدە تەربىيەلەش قاتارلىقلارنى ۋاسىتە قىلىپ، ئىدىيە ۋە خىزمەت ئەمەلىيىتىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، شىنجاڭ تارىخىنى ئۆگىنىش كېرەك. ئۆگىنىش، تەربىيە پائالىيىتىنى «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش ۋە «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنى پاش قىلىش، تەنقىدلەش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى شىنجاڭنىڭ تارىخ، مىللەت، مەدەنىيەت، دىن قاتارلىق مەسىلىلىرىنى توغرا تونۇش ۋە ئۇنىڭغا توغرا مۇئامىلە قىلىشقا يېتەكلەپ، ماركسىزملىق ماتېرىيالىزملىق تارىخىي قاراشنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇش كېرەك. شىنجاڭ سوتسىيالىزم شۆيۈەنى، ئىسلام دىنى شۆيۈەنىدە مەخسۇس دەرس تەسىس قىلىپ، دىن خادىملىرىنى نۆۋەت بويىچە تەربىيەلەشنى كۈچەيتىش كېرەك. شىنجاڭ تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى شىنجاڭنىڭ مائارىپ خىزمىتىنىڭ ھەرقايسى ھالقىلىرى، ھەرقايسى تەرەپلىرىگە سىڭدۈرۈپ، ياش- ئۆسمۈرلەردە كىچىكىدىن باشلاپ توغرا دۆلەت قارىشى، تارىخ قارىشى، مىللەت قارىشى، مەدەنىيەت قارىشىنى تۇرغۇزۇپ، ئۇلارنى كىشىلىك ھاياتىنىڭ تۇنجى تۈگمىسىنى ياخشى ئېتىشكە يېتەكلەش كېرەك.

  (2) تەشۋىق-تەربىيەنى جانلىق ئىشلەش كېرەك. ھەر مىللەت ئامما ۋە كەڭ ياش-ئۆسمۈرلەر، ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆپ خىللاشقان، خاسلاشقان ئېھتىياجىغا قارىتا، كۆپ خىل شەكىل، ۋاسىتىلەردىن جانلىق پايدىلىنىپ، تەشۋىقات سالمىقىنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، توغرا تارىخ بىلىملىرىنى كىشىلەر قەلبىگە يەتكۈزۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. شىنجاڭ تارىخى تەشۋىق-تەربىيەسىنى كارخانا، يېزا، ئورگان، مەكتەپ، مەھەللە، گازارما، تۈەن-مەيدان، ليەندۈي، تور بېكەتلىرىگە كىرگۈزۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئوخشاش بولمىغان تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ ئالاھىدىلىكىگە بىرلەشتۈرۈپ تۈرگە ئايرىپ تەربىيەلەش، ئوبيېكتلاشتۇرۇش، ھېكايىلەشتۈرۈش، ئوبرازلاشتۇرۇش، تۇرمۇشلاشتۇرۇش شەكىللىرىنى قوللىنىش، تارىخ بىلىملىرىنى ئاممىباب، چۈشىنىشلىك، مىللىيلار، خەنزۇلارنىڭ ھەممىسىگە ماس كېلىدىغان مەدەنىيەت مەھسۇلاتىغا ئايلاندۇرۇش، ئامما سۆيۈپ كۆرىدىغان، ياقتۇرۇپ ئاڭلايدىغان مەدەنىيەت شەكلىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك. تور تېخنىكىسى ۋاسىتىسىدىن پائال پايدىلىنىپ، شىنجاڭ تارىخىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان بىر تۈركۈم يۈرۈشلۈك مىكرو سىن فىلىمى، كارتون، H5 قاتارلىقلارنى ئىشلەپ، ئۈندىدار، مىكرو بىلوگ، سىن تور بېكىتى، كۆچمە تېلېگراف ئابۇنىچىلار تېرمىنالى قاتارلىق يېڭى تاراتقۇلاردا كەڭ تارقىتىش كېرەك. مىكرو پارتىيە دەرسى، «دۆلەت بايرىقى ئاستىدىكى لېكسىيە» ۋە دەرستىن ئىلگىرىكى ئۈچ مىنۇتلۇق ۋەزىيەت، سىياسەت تەربىيەسى قاتارلىق پائالىيەتلەرنى زور كۈچ بىلەن قانات يايدۇرۇپ، تەشۋىق- تەربىيەنىڭ جەلپكارلىقى، تەسىرچانلىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك. مەدەنىيەت سارىيى، مۇزېي، كۇتۇپخانا، گۈزەل سەنئەت سارىيى، مەدەنىيەت يادىكارلىقى ئىزنالىرى، شەھەر ھەيكەلتىراشلىقى، مەيدان باغ-ئورمىنى قاتارلىق بازىلارنى قوغداش ۋە قۇرۇشنى كۈچەيتىپ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى سۆزلىتىپ، تارىخنى سۆزلىتىپ، ئۇنى جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ مۇھىم بەلگىسىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك.

  (3) بىرلەشتۈرۈش، سىڭدۈرۈشنى چوڭقۇر ئىشلەش كېرەك. شىنجاڭ تارىخى تەشۋىق-تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنى شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقىنى قوغداشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەر، بولۇپمۇ ئاممىۋى خىزمەت بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئاممىۋى خاراكتېرلىك ئىدىيەۋى تەربىيەنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىش كېرەك. «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى داۋاملىق چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، سۆزلىشىش، كۈلكە-چاقچاق قىلىش، جەم بولۇپ پاراڭلىشىش جەريانىدا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئېسىل ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ، مىللەتلەرنىڭ مەنىۋى رىشتىسىنى چىڭ باغلاش كېرەك. «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترەتلىرى، كەنتتە تۇرۇشلۇق مەسچىت باشقۇرۇش كومىتېتلىرى، ئېغىر نامرات كەنتلەرنىڭ 1-شۇجىلىرى قاتارلىق كەنت(مەھەللە)تە تۇرۇشلۇق خىزمەت كۈچلىرىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، مۇھىم، زور مەسىلىلەر، مۇھىم تارىخىي پاكىتلار، مۇھىم قاراشلارنى ئاممىباب، چۈشىنىشلىك تىل بىلەن ھەر مىللەت ئاممىغا ئېنىق چۈشەندۈرۈش كېرەك. دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش پائالىيىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «ئۈچ خىل كۈچ» ئۇزاقتىن بۇيان بۇرمىلىغان، توقۇپ چىققان ئاشۇ تارىخنى تۈزىتىپ، كىشىلەرنىڭ ئىدىيەسىدىكى خاتا، مۈجمەل، ئىختىلاپلىق نەرسىلەرنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، توغرا ئىدىيەۋى قاراش، تارىخ بىلىمىنى تۇرغۇزۇپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى ئاڭلىق ھالدا شىنجاڭنىڭ تارىخ، مىللەت، مەدەنىيەت، دىن قاتارلىقلار توغرىسىدىكى بۇرمىلانغان ۋە ئويدۇرۇپ چىقىرىلغان سۆز-ھەرىكەتلەرگە تاقابىل تۇرۇشقا يېتەكلەش كېرەك.

  4. شىنجاڭ تارىخى تەشۋىق-تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنىڭ ئەمەلىيەت تەلىپىگە قاتتىق ئەمەل قىلىش كېرەك

  شىنجاڭ تارىخى تەشۋىق-تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ مەنىۋى دۇنياسىنى موللاشتۇرۇش نۆۋەتتىكى جىددىي ئىش، شۇنداقلا ئۇزاق مەزگىللىك ئۇلۇغۋار پىلان، ئۇنى جەزمەن چىڭ تۇتۇپ، ياخشى تۇتۇپ، ئۈنۈم ھاسىل قىلىش كېرەك.

  (1) سىياسىي يۆنىلىشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك. سىياسىي يۆنىلىشتە چىڭ تۇرۇش ئىدېئولوگىيە ساھەسىنىڭ، بولۇپمۇ تارىخ تەتقىقات ساھەسىنىڭ رەھبەرلىك ھوقۇقىنى ئىگىلەشتىكى مۇھىم ئۇسۇل. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ئىزچىللاشتۇرۇپ، سىياسىي كومپاسنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، قۇدرەتلىك ئۇيۇشۇش كۈچى ۋە يېتەكلەش كۈچىگە ئىگە سوتسىيالىستىك ئىدېئولوگىيە بەرپا قىلىش كېرەك. ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىدا تەۋرەنمەسلىكتە چىڭ تۇرۇش، «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش»نى كۈچەيتىپ، غايە- ئېتىقادنى چىڭىتىشنى مەۋقە قىلىش، ئىتتىپاقلىقنى كۈچەيتىپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، ئارىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مەۋقە قىلىش، مەنبەدىن ساپلاشتۇرۇپ، خاتا ئىدىيەۋى ئېقىملارنىڭ يىلتىزىنى چوڭقۇر قېزىشنى مەۋقە قىلىش، ئۇسۇلنى ئىگىلەپ، توغرا سىياسەت يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇشنى مەۋقە قىلىش، ئەلرايىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئەبەدىي ئەمىنلىك ئۇلىنى پۇختىلاشنى مەۋقە قىلىش، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ شىنجاڭدا ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا سىجىل تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  (2) ئاممىۋى پىكىر كۈرىشىنى قانات يايدۇرۇش كېرەك. شىنجاڭ تارىخى تەشۋىق- تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش−ئادەتتىكى ئۆگىنىش-تەربىيە ئەمەس، بەلكى بىر تۈرلۈك مۇھىم، زور سىياسىي ۋەزىپە، بىر مەيدان كەسكىن سىياسىي كۈرەش، بىر قېتىملىق چوڭقۇر ئىدىيە ئىنقىلابى. جەزمەن مەيدان مۇستەھكەم، پوزىتسىيە قەتئىي بولۇپ، ئاڭلىق ھالدا دۆلەتنىڭ بىرلىكى ۋە سىياسىي بىخەتەرلىكىنى قوغداش يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى قوغداش يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ تۈپ سىياسىي مەنپەئىتىنى قوغداش يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، قالايمىقانچىلىقنى ئوڭشاپ نورمال تەرتىپنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، يامانغا زەربە بېرىپ، ياخشىغا مەدەت بېرىش كېرەك. «ئۇر، زاۋال تاپقان ياۋۇز ياۋنى سۈرۈپ ھېچ توختىماي، قىل ھەزەر شۆھرەتپەرەس باۋاڭنى دوراشتىن ھامان» دېگەن روھنى جارى قىلدۇرۇپ، بايرىقى روشەن ھالدا توغرا ئىدىيە، گەپ- سۆزلەردە چىڭ تۇرۇپ، تۈرلۈك خاتا ئىدىيەۋى ئېقىملارغا تاقابىل تۇرۇپ، «پانئىسلامىزم»، «پانتۈركىزم» ئىدىيەسىنىڭ تۈتەكلىرىنى ئۈزۈل-كېسىل تازىلاپ، «ئىككى يۈزلىمىچىلىك»، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنى تەلتۆكۈس يوقىتىپ، قەتئىي، كەسكىن ھالدا «ئۈچ خىل كۈچ»كە قارشى ئاداققىچە كۈرەش قىلىش كېرەك.

  (3) ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى داۋاملاشتۇرۇش كېرەك. ئىدېئولوگىيە خىزمىتى ئاساسلىقى كىشىلەرنىڭ كاللىسىدا قۇرۇلۇش قىلىش بولۇپ، دەرھال ئۈنۈمىنى كۆرۈپ، ئاسانلا ۋۇجۇدقا چىقىرىش مۇمكىن ئەمەس، بىر جەڭ بىلەنلا غەلىبە قىلىش مۇمكىن ئەمەس، ئۇنىڭغا ئۇزاق جەريان كېتىدۇ، رىتىملىق كۈچ سەرپ قىلىشقا، ھەقىقىي كۈچ سەرپ قىلىشقا، قاتتىق كۈچ سەرپ قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. ئۇسۇل- چارىگە دىققەت قىلىپ، باھار شامىلى بىلەن ئىللىتىپ، ئۈن-تىنسىز تەسىر كۆرسىتىپ، ئۈزلۈكسىز كۈچەپ، ئۇزاققىچە تىرىشىپ، كىشىلەرنىڭ قۇلىقى، كاللىسى، قەلبىگە ھەقىقىي سىڭدۈرۈش كېرەك. دائىملاشقان تۈرتكە بولۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈش مېخانىزمى، ئومۇمىي خەلق ئومۇملاشتۇرۇش مېخانىزمى، مەكتەپ مائارىپى مېخانىزمى، تەربىيەلەش-نۆۋەتلەشتۈرۈپ تەربىيەلەش مېخانىزمى، تەشۋىقات- لېكسىيە مېخانىزمى، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش مېخانىزمى، مەدەنىيەت بازىسىنى باشقۇرۇش مېخانىزمى، پەلسەپە- ئىجتىمائىي پەن تەتقىقات مېخانىزمى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى تارقىتىش مېخانىزمى ئورنىتىپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۇزاق مۇددەتلىك يىرىك پىلان تۈزۈپ، ئۇزاق كەلگۈسىنى پىلانلاپ، شىنجاڭ تارىخى تەشۋىق-تەربىيەسىنى تۈزۈملەشتۈرۈش، قېلىپلاشتۇرۇش، ئۇزاققىچە ئۈنۈملەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى ئاڭلىق ھالدا شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكى ئۈچۈن كۈچ قوشۇشقا يېتەكلەش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى