تەڭرىتاغ تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشى بۇرىۋەتكىلى بولمايدىغان تارىخىي چوڭ يۈزلىنىش

  ——رەئىس شى جىنپىڭنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىدا سۆزلىگەن ئاساسىي مەقسەت نۇتقى توغرىسىدا

خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

  تارىخ چاقى توختىماي ئالغا ئىلگىرىلەيدۇ، دەۋر ئېقىمى ھەيۋەتلىك ئۆركەشلەيدۇ. دەۋر ئېقىمىغا ماسلاشقاندىلا، ئاندىن دەۋرنىڭ ئالدىدا ماڭغىلى، كەلگۈسىنى ئىگىلىگىلى بولىدۇ.

  «دۇنيادىكى بىلىملىك زاتلارنىڭ ھەممىسى شۇنى تونۇپ يەتتىكى، ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشى بۇرىۋەتكىلى بولمايدىغان تارىخىي چوڭ يۈزلىنىش بولۇپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىنى كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بىلەن تەمىنلىدى.» تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىدا سۆزلىگەن ئاساسىي مەقسەت نۇتقىدا، رەئىس شى جىنپىڭ تارىخىي قانۇنىيەتنى ئېنىق كۆزىتىپ، دەۋر ئېقىمىنى ئىگىلەپ، ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشىنىڭ تەرەققىيات چوڭ يۈزلىنىشىنى چوڭقۇر شەرھلەپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئېچىۋېتىش، ھەمكارلىشىش، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى پائال ئىلگىرى سۈرۈشى توغرىسىدا ئۈچ تۈرلۈك تەشەببۇسنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى. قورۇقچىلىق، يەككە تەرەپچىلىك باش كۆتۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشى داۋالغۇشقا ئۇچرىغان پەيتتە، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ نۇتقى تېخىمۇ گۈزەل بىر دۇنيانى ئورتاق قۇرۇشقا توغرا يۆنىلىش كۆرسىتىپ بېرىپ، دۇنياغا ئېچىۋېتىش، ھەمكارلىشىش، ئورتاق تەرەققىي قىلىشنىڭ قۇدرەتلىك ئاكتىپ كۈچىنى تارقاتتى.

  ئىنسانلار تارىخىي قانۇنىيەتنى بىلەلەيدۇ، ماسلىشالايدۇ ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنالايدۇ، لېكىن تارىخىي قانۇنىيەتنىڭ رول ئوينىشىنى توسۇپ قالالمايدۇ. ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشى تاۋار ۋە كاپىتالنىڭ ئايلىنىشىنى، پەن-تېخنىكا ۋە مەدەنىيلىكنىڭ يۈكسىلىشىنى، ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ ئالاقىسىنى ئىلگىرى سۈردى، ئۇ ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى تەرەققىياتىنىڭ ئوبيېكتىپ تەلىپى ۋە پەن- تېخنىكا تەرەققىياتىنىڭ مۇقەررەر نەتىجىسى، ئۇنى ھەرگىزمۇ قايسى بىر كىشى ياكى قايسى بىر دۆلەتتىكىلەر سۈنئىي ياساپ چىققان ئەمەس. دەل رەئىس شى جىنپىڭ كۆرسەتكەندەك: «ئۇنى تارىخىي چوڭ يۈزلىنىش دېيىشتىكى سەۋەب، ئۇنىڭ تەرەققىياتى ئادەمنىڭ ئىرادىسىگە بېقىپ ئۆزگەرمەيدۇ». دۇنيا ئىقتىسادىدىن ئىبارەت چوڭ دېڭىز مەيلى سىز خالاڭ ياكى خالىماڭ، ئۇ شۇ يەردە، ئۇنىڭدىن ئۆزىڭىزنى قاچۇرالمايسىز. سۈنئىي ئۇسۇلدا ھەر قايسى دۆلەت ئىقتىسادىنىڭ مەبلەغ ئېقىمى، تېخنىكا ئېقىمى، مەھسۇلات ئېقىمى، كەسىپ ئېقىمى، خادىم ئېقىمىنى ئۈزۈۋېتىپ، دۇنيا ئىقتىسادى چوڭ دېڭىزىنى ئايرىم- ئايرىم يېگانە كىچىك كۆل، كىچىك ئېقىن ھالىتىگە قايتۇرۇۋېتىش ھەرگىز مۇمكىن ئەمەس ھەم تارىخنىڭ يۈزلىنىشىگە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ. ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشىدەك تارىخىي چوڭ يۈزلىنىشنى بۇرىۋەتكىلى بولمايدۇ، ئۇ ھامان ھەيۋەت بىلەن ئىلگىرىلەيدۇ، داۋلى دەل مۇشۇ يەردە.

  ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشىدەك تارىخىي چوڭ يۈزلىنىشكە ماسلىشىشتا، جەزمەن ئېچىۋېتىش، ھەمكارلىشىش ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، خەۋپ-خەتەر، خىرىسلارغا ئورتاق تاقابىل تۇرۇش كېرەك. بۈگۈنكى دۇنيا 100يىلدىمۇ كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىگە دۇچ كەلمەكتە. يېڭى بىر نۆۋەتلىك چوڭ تەرەققىيات، چوڭ ئۆزگىرىش، چوڭ تەڭشىلىشتە، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئالاقىسى كۈنسايىن قويۇقلاشتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەككە تەرەپچىلىك، قورۇقچىلىق بارغانسېرى ئەۋج ئېلىپ، كۆپ تەرەپچىلىك ۋە كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسى ئېغىر تەھدىتكە دۇچ كەلدى. شۇنى جەزمەن كۆرۈپ يېتىش كېرەككى، دۇنيانى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويۇۋاتقان نۇرغۇن مەسىلىنى ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئەمەس، دۇنيانى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويۇۋاتقان مەسىلىلەرنى ئاددىي ھالدا ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشىغا دۆڭگەپ قويغىلى بولمايدۇ، بۇ پاكىتقا ئۇيغۇن كەلمەيدۇ ھەم مەسىلىنى ھەل قىلىشقىمۇ ياردىمى بولمايدۇ. پەقەت چىگىش، مۇرەككەپ ۋەزىيەتتە قانۇنىيەتنى ئىگىلەپ، چوڭ يۈزلىنىشنى ئېنىق تونۇش، ھەمكارلىشىش ئارقىلىق بارلىق خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇش، ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىش يۆنىلىشىنى ياخشى يېتەكلەش، ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشىدىكى پاسسىپ تەسىرنى تۈگىتىش ۋە ھەل قىلىش، ئىدىيەدە ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان بولۇشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىش، يۆنىلىشتە ئومۇمىي مەنپەئەتدار بولۇش، تەڭپۇڭ بولۇشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىش، ئۈنۈم جەھەتتە ئادىل بولۇش، ئورتاق پايدا ئېلىشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىشلا، چوڭ يۈزلىنىشكە ماسلىشىشتىكى توغرا تاللاش بولالايدۇ. پەقەت ئېچىۋېتىلگەن سىياسەت يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، بايرىقىمىز روشەن ھالدا قورۇقچىلىققا، يەككە تەرەپچىلىككە قارشى تۇرۇپ، سودا ۋە مەبلەغ سېلىشنى ئەركىنلەشتۈرۈش، قولايلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتقاندىلا، ئاندىن ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشىنىڭ ئىجابىي ئۈنۈمىنى تېخىمۇ كۆپ قويۇپ بېرىپ، ھەر بىر دۆلەت، ھەر بىر مىللەتكە تېخىمۇ ياخشى نەپ يەتكۈزگىلى بولىدۇ.

  ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشىدەك تارىخىي چوڭ يۈزلىنىشكە ماسلىشىشتا، جەزمەن ئېچىۋېتىش، ھەمكارلىشىشنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. ئېچىۋېتىش، ھەمكارلىشىش پەن-تېخنىكا تەرەققىياتى ۋە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى تەرەققىياتىنىڭ مۇقەررەر لوگىكىسى، خەلقئارا ئىقتىساد-سودىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرۇشنىڭ مۇھىم ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ مۇقىم ئەسلىگە كېلىشىگە تۈرتكە بولۇشنىڭ رېئال تەلىپى، ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز يۈكسىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ دەۋر تەلىپى. «ئېچىۋېتىش، يۈرۈشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقى بوشلۇقىنى كېڭەيتىش» «يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق يېتەكلەشتە چىڭ تۇرۇپ، يېڭى- كونا ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنىڭ ئالمىشىشىنى تېزلىتىش» «سىغدۇرۇشچان، ئومۇمىي مەنپەئەتدار بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش»، رەئىس شى جىنپىڭ نۇتقىدا ھەرقايسى دۆلەتلەرگە قارىتا ئوتتۇرىغا قويغان تەشەببۇسى دەل ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىش تارىخىي چوڭ يۈزلىنىشىنى ئىگىلەش ۋە ئۇنىڭغا ماسلىشىش، شۇنداقلا دۇنيا ئىقتىسادىي ۋەزىيىتىدە چوڭقۇر ئۆزگىرىش بولۇۋاتقان ۋەزىيەتتە، ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشىنىڭ ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئەمەلىي تاللاش. ھەقىقەت ئاددىي بولىدۇ، ئەمەلىي ئىشلەش ھەممىدىن مۇھىم. تېخىمۇ زور جاسارەت، تېخىمۇ ئەمەلىي ھەرىكەت بىلەن ئوچۇق دۇنيا ئىقتىسادىنى ئورتاق بەرپا قىلىپ، ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشىنىڭ تېخىمۇ ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان، ئومۇمىي مەنپەئەتدار، تەڭپۇڭ، ئورتاق پايدا ئېلىش يۆنىلىشىگە قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولغاندىلا، ئاندىن ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرى ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشى ۋە دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىلىنەلەيدۇ.

  تارىخنى باتۇرلار يارىتىدۇ. بوران-چاپقۇنغا ئۇچرىغان ھامان قولتۇققا قايتىپ كەتكەندە، قارشى قىرغاققا مەڭگۈ يېتىپ بارغىلى بولمايدۇ. تارىخىي چوڭ يۈزلىنىشكە ماسلىشىپ، دەۋر ئېقىمىنى ئىگىلەپ، بىر مەقسەتتە قول تۇتۇشۇپ، جاپا-مۇشەققەتتە ھەمدەم بولساق، جەزمەن دۇنيانى تېخىمۇ گۈزەل، خەلقنى تېخىمۇ بەختلىك قىلالايمىز.

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11-ئاينىڭ 6-كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى