تەھرىر ئىلاۋىسى: شىنجاڭنىڭ بېلىقچىلىق كەسپى تەرەققىياتى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان چوڭ قەدەمدە ئىلگىرىلەپ، دۆلەتلىك «قاڭشارلىق كورېگون بېلىقىنىڭ نەسلىنى ساقلاش كۆپەيتىش بازىسى» قۇرۇلۇپلا قالماستىن، شۇ جاينىڭ سالمون بېلىقى ماركىسى يارىتىلدى، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە سۇ مەھسۇلاتلىرى باقمىچىلىقى بىلەن دېھقانلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ باي بولۇشقا يېتەكلەش، بېلىقچىلىق تەرەققىياتى بىلەن ساياھەت ئۈنۈملۈك بىرلەشتۈرۈلۈپ، ئۆز ئالاھىدىلىكىگە ئىگە يول ئېچىلدى.
شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى: 11-ئايدا بۇرۇلتوقاي ناھىيەسىدىكى ئۇلۇڭگۇر كۆلىنىڭ تېمپېراتۇرىسى نۆلدىن تۆۋەن 10 نەچچە گىرادۇسقا چۈشىدۇ. 11-ئاينىڭ 6-كۈنى، بېلىقچى جاڭ خەيجياڭ تۇتقان بېلىقلىرىغا قاراپ مۇنداق دېدى: بۇلتۇر قىشلىق بېلىق تۇتۇش مەزگىلىدە، مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەر بۇ يەرگە يىغىلىپ، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 7-8 توننا بېلىق تۇتۇپ، ساياھەتچىلىكنىڭ تەرەققىياتىغا يېڭى مەزمۇن قوشقانىدى.
ئىگىلىنىشىچە، ئولۇڭگۇر كۆلىنىڭ سۇ يۈزى دائىرىسى 100 مىڭ گېكتارغا يېتىدىغان بولۇپ، مول بېلىق مەنبەسى بۇرۇلتۇقاي ناھىيەسىدە ئالاھىدە كەسىپنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولغان. بۇرۇلتوقاي ناھىيەسى «ئىستىراھەت بېلىق تۇتۇش + بېلىقچىلىق كەسپى ئىشلەپچىقىرىشى + باقمىچىلىق ساياھىتى» بازىسىنى قۇرۇپ چىقىپ، «بېلىقچىلىق+ساياھەت» يۇغۇرۇلما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرگەن. نۆۋەتتە، بۇرۇلتوقاي ناھىيەسىدە چوڭ-كىچىك بېلىقچىلار ئائىلىسىدىن 30 دىن ئارتۇقى بار بولۇپ، يىللىق ساياھەت كىرىمى 10 مىليون يۈەندىن ئاشىدىكەن.